لېۋېنخوك
مەشھۇر شەخسلەر
ئادەتتىكى بىر تامچە يامغۇر سۈيىنى مىكروسكـوپ ئاسـتـىـغـا قـويۇپ كۆزەتكەندە، كىشىنى ھەيران قالدۇرىـدىـغـان دۇنـيـا ئايـان بـولـىـدۇ، ئۇنـىـڭ ئىـچىـدە مىليونلىغان «ئۇششاق جانىۋار (مىـكـرو ئورگانـىـزم)» لار يـاشـايـدۇ.17 - ئەسىردىكى مەشھۇر مىكروسكوپ مۇتەخەسسـىـسـى ئانتونى لـېـۋېـنـخـوك (1632 −1723 ) دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان بۇ سىرنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان.
لېۋېنخوك گوللاندىيىنىڭ دېلفېت دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، ئائىـلـىـسـى نـامـرات بولغاچقا،16 يېشىدا مەكتەپتىن ئايرىلىـپ شـاگىرت ئىشچى بولغان. لېۋېنخوك قىزىقىشىنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنى ئەينەك لىنزا تەتقىق قىلىش، ياساش، قۇراشتۇرۇشقا سەرپ قىلىدۇ. ئۇنىـڭ قارىشىچە، دۇنيانى تۈرلۈك پېنتىنغۇ - كۆپۈنگۈ لىنزىلار ئارقىلىق كۆزىتىش بىر خىل ھۇزۇر ئىدى.
بىر كۈنى، لېۋېنخوك مىكروسكوپتا ئوت - چۆپ قايناتمىسىنى كۆزىتىۋېتـىـپ، ئەزەلدىن كـۆرۈپ بـاقمـىـغـان «ئۇشـشـاق قـۇرتلار»نـىڭ توختىماي مىدىرلاۋاتقانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقـايـدۇ. ئۇ بـۇ «ئۇشـشـاق قـۇرتلار»نى «مىكرو ھايۋانلار» دەپ ئاتايدۇ، مانا بۇ ئىنسانلار تەرىپىدىـن تـۇنـجـى قېتىم بايقالغان مىكرو ئورگانىزملاردۇر. لېۋېنخوك يېڭى نـامەلـۇم دۇنـيـانـى بايقىدىم دەپ ئويلاپ، بۇ خەۋەرنى ئالەمـگـە ئاشـكـارىلايـدۇ. شـۇنـىـڭـدىـن ئېتىبارەن، ئۇ ھەر قېتىم مۇشۇ ساھەدە مەلۇم نەتىجىـگـە ئېـرىـشـسـىلا، ئەيـنـى ۋاقىتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ مەشھۇر پەن تەتقىقـات بـاشـقـۇرۇش ئاپپاراتى − ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىگە خەت يېزىـپ دوكلات قىلىدۇ.1677 - يىلى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىت بىلەن ئادەمنىڭ ئىسـپـېـرمـىـسـىـنـى كۆزەتكەنلىكىنى دوكلات قىلىدۇ؛1680 - يىلى ئېـچىتـقۇدا شـارسىمان دانىچە (يەنى، ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى) نى بايقىـغـانـلـىـقـىـنـى دوكلات قىلىدۇ. ئۇ − دۇنيا بويىچە ھۈجـەيـرە ۋە ئىپتىدائىي ھايۋانلارنى چوڭايتىـدىـغـان لـىنـزا ئارقـىـلـىـق تۇنجى بايقىغان ئادەم. لېۋېنخوكنىڭ تەتقىقات خىزمىـتـىـنـى تەقدىرلەش ۋە ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئەنـگـلـىـيـە خـان جـەمـەتـى ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىدۇ، كىچىك شاگـىـرت ئىـشـچـى ئاخىرى مەشھۇر ئالىمغا ئايلىنىدۇ.1684
- يىلى، ئۇ قان سۇيۇقلۇقىنى كۆزىتىش ئارقىـلـىـق، قـان قـىـزىـل ھۈجەيرىسىنى توغرا تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.1702 - يىلى، ھالقىسىمان قۇرتـنـى كۆزىتىش جەريانىدا، يامغۇر سۈيىدىكى مىكرو ئورگانىزملارنـى تـاسـادىـپـىـي بايقايدۇ. بۇ مىكرو ئورگانىزملار نەدىن كەلدى؟ ئۇ مۇشۇ سىرنـى ئېـچـىـش ئۈچۈن مۇنداق تەجرىبە ئىشلەيدۇ: يېڭى ياغقان يـامـغـۇر سۈيىنى ئېلىپ كۆزەتكىنىدە، ئۇنىڭ ئىچىدە مىكرو ئورگانىزمنى بايقىـمـايـدۇ. تۆتىنچى كۈنى يەنە كۆزەتكىنىدە نـۇرغـۇن مـىـكرو ئورگانىـزم ۋە توزانلارنىڭ يامغۇر سۈيى ئىچىدە پەيدا بولغانلىقىنى بايقايـدۇ. لـېـۋېـنـخـوك شامال ھاۋادىكى چاڭ - توزانلار ئىچىدىـكـى مـىـكـرو ئورگانـىزملارنى سۇ ئىچىگە كىرگۈزىدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. لېـۋېـنـخـوك كېيىن ھاشارات، دېڭىز قۇلۇلىسى ۋە سېرىق يىلانبېلىق قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىـش ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ دەريا لايـلـىـرى يـاكـى قۇملاردىن پەيدا بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى ھايۋانلارغا ئوخـشـاش، تـۇخـۇمـى، لىچىنكىسى قاتارلىق مۇكەممەل كۆپىيىش جەريـانـى بـولـىـدىـغـانـلـىـقـىـنـى كۆرسىتىدۇ. بۇ قىزىقارلىق بايقاش لېۋېنخوكنىڭ نامىنى دۇنياغا تارىتىدۇ.