UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرلىنكولن

لىنكولن

مەشھۇر شەخسلەر ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان ھەيۋەتلىك لىنكولن خاتىرە سارىيىدا ئېكىسكۇرسىيىچىلەر لىنكولننىڭ ئەينى چاغدا ئېلان قىلغان نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش توغرىسىدىكى خىتابنامىسىنى ئاڭلىيالايدۇ، ئامېرىكا خەلقى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان بۇ ئۇلۇغ زاتنى مەڭگۈ ياد ئېتىپ تۇرىدۇ. لىنكولن (1809 −1865 - يىللار) بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر، تېرىسى قارامتۇل، قورايدەك ئورۇق بولسىمۇ، لېكىن قەلبى ۋولقاندەك يالقۇنجاپ تۇرىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ بوز يەر ئېچىش ئەمگىكىگە قاتناشقان، كېيىن ياللانما دېھقان، كېمىچى، پرىكازچىك بولغان. ئۇ ھەتتا بىر يىلمۇ تولۇق ئوقۇيالمىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۆزلۈكىدىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، مول بىلىم توپلىغان. جاپالىق تۇرمۇش ئۇنىڭدا قەيسەر ئىرادە ۋە دۇرۇس، پاك پەزىلەت يېتىلدۈرگەن، دۇكاندا پرىكازچىكلىق قىلغان مەزگىلدە، خېرىدارلار ئارتۇق بېرىۋەتكەن نەچچە تىيىن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، نەچچە چاقىرىم يول يۈرۈشكە رازى ئىدى. ئۇ ئۇزاق مۇددەت ئەمگەكچى خەلق ئارىسىدا ياشىغاچقا، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنىڭ دەرد - ھالىنى چۈشىنەتتى، نېگىر قۇللارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە ھېسداشلىق قىلاتتى. ئۇ سىياسىي پائالىيەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا قۇللۇق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشكەن،1860 - يىلى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئەينى چاغدا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ناھايىتى تەكشىسىز ئىدى. شىمالدا سانائەت ئاساس قىلىنغان بولۇپ، كاپىتالىزم تەرەققىي قىلغانىدى؛ جەنۇبتا بولسا يېزا ئىگىلىكى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئېكىنزارلىقلاردا نېگىر قۇللار ئىشلەيتتى.1861 - يىلى، لىنكولننىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن تەڭلا، جەنۇبتىكى قۇللار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئاممىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، لىنكولن »نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش خىتابنامىسى«نى ئېلان قىلىپ، نېگىر قۇللارنى ئازادلىققا چىقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىگە ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەرگەن. بۇ تەدبىرلەر ئاممىنىڭ ئىنقىلاب قىزغىنلىقىنى قوزغىغان، ئۇلار ئاخىر جەنۇبتىكى قۇلدارلارنى مەغلۇپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان. بۇنىڭ بىلەن، لىنكولننىڭ ئىناۋىتىمۇ بارغانسېرى ئۆسۈپ،1864 - يىلى يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ بولغان. ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ بەش كۈندىن كېيىن، يەنى1865 - يىل4 - ئاينىڭ14 - كۈنى، لىنكولن تىياتىرخانىغا ئويۇن كۆرگىلى بېرىپ، تىياتىرخانىدىكى ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئەمما، جەنۇبتىكى قۇلدارلار ياللىۋالغان بىر قاتىل تىياتىرخانىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، باشقىلار تەييارلىقسىز تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لىنكولننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. لىنكولننىڭ ئۆلۈمى ئامېرىكىنى ۋە پۈتكۈل دۇنيانى قاتتىق چۆچۈتكەن.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر