UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرپاۋلىڭ

پاۋلىڭ

مەشھۇر شەخسلەر پاۋلىڭ (1901 − ) ھازىرقى زاماندىكى مەشھۇر خىمىكلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، ئىككى قېتىم يەككە نوبېل مۇكاپاتىغـا ئېرىشكەن ئالىم.1954 - يىلى خىمىيىۋى باغلارنىڭ ماھىيىتى، كرىستاللار ۋە ئاقسـىللار تۈزۈلۈشى تەتقىقاتىدا زور تۆھپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ ئۇ يەنە جامائەتچىلىكنىڭ ئاتوم سىنىقىدىن كېلىپ چىققان ئاتموسفېرادىكى رادىئوئاكتىپ نۇرلارنىڭ زىيىنىغـا دىققەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىپ، يادرو قوراللىرىنىڭ ئىنسانلارغا كەلتـۈرىـدىـغـان زىيىنى ئەڭ چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئۇنىڭغـا جاۋاب بېرىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشـچانلىق كۆرسىتىپ،1962 - يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. پاۋلىڭ ئىلىم - پەن ۋە تىنچلىق ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان، ئۇ زور نـەتىجىلەرنى ياراتقانلىقتىن، ئالىملارنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالغان. پاۋلىڭ ئامېرىكىلىق، ئۇ ئاتىسى (دورىگەر) نىڭ تەسىرىدە، كىچىكىدىنلا خىمىيىگە قىزىققان.13 يېشىدا، ئۇنىڭ يېقىن دوستـى كالىي خلورىد بىلەن كەمپۈتنى بىللە ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يەنە بىرنەچچە تـامـچـە قـويـۇق سۇلفات كىسلاتا تىمىتقاندا، كۈچلۈك خىمىيىۋى رېئاكسىيە يـۈز بـېرىپ، ھور چىقىپ كاربون ھاسىل بولغان. بىر خىل ماددىنىڭ يەنە بىـر خـىـل ماددىغا ئايلىنىشىدەك غەلىتە ھادىسە ئۆسمۈر پاۋلىڭـدا چـوڭقـۇر تـەسىرات قالدۇرغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپـتـە ئوقـۇۋاتـقـىنـىـدا، تـۈرلۈك كېرەكسىز ماددىلاردىن پايدىلىنىپ قىزىقارلىق خىمىيە تەجرىبىلىرىنى ئىشلىگەن.1925 - يىلى،24 ياشقا كىرگەن پاۋلىڭ ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن كالىفورنـىـيـە شتاتلىق تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدا پەلسەپە ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالغان. پاۋلىڭنىڭ خىمىيىدىكى ئەڭ بالدۇرقى، شـۇنداقلا ئەڭ مـۇھىم مۇۋەپپەقىيىتى يېقىنقى زامان خىمىيىۋى باغ نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلغانلىقى. بـۇ نەزەرىيىلەر خىمىيە، بىئولوگىيە ۋە فىزىكىغا چوڭقۇر تـەسىر كۆرسەتكەن. پاۋلىڭ يازغان « خىمىيىۋى باغنىڭ ماھىيىتى» دېگەن كىتاب20 - ئەسىردىـكـى تەسىرى ئەڭ چوڭ ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ بىرى دەپ ئاتالدى. پاۋلىڭنىڭ قىزىققان تەتقىقات دائىرىسى كەڭرى ئىدى. ئۇ60 نـەچچـە يىللىق ئىلمىي ھاياتىدا خىمىيە، بىئولوگىيە، مېدىتسىنا قاتارلىق ساھەلەردە400 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ۋە نەچچە يۈز ماقالە يازغان، نەچچە ئون كىتاب نەشر قىلدۇرغان، نۇرغۇن ئىختىساس ئىگىلىرىنـى يېتىلدۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلـەرنـىـڭ ھۆرمـىـتـى ۋە مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىدىن باشـقـا، يـەنـە40 نەچچە تۈرلۈك شەرەپ ۋە ئوردېنغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى نـەچـچـە ئون ئۇنىۋېرسىتېت دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر