UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرچيەن شۆسىن

چيەن شۆسىن

مەشھۇر شەخسلەر 1980 - يىل5 - ئاينىڭ18 - كۈنى چۈشتىن بـۇرۇن، جـۇڭـگـو تـىـنـچ ئوكياندىكى بەلگىلەنگەن دېڭىز رايونىدا تۇنجى توشۇغۇچى راكېتـا قـويۇپ بېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. ئامېرىكا بۇ ئىشنى «جۇڭگو باشقۇرۇلىدىغـان سنارەدىنىڭ ئاتىسى چيەن شۆسىن» دېگەن تېمىدا پۈتۈن دۇنياغا خەۋەر قىلغان. چيەن شۆسىن (1911 − ) نىڭ جەمەت يۇرتى جېجياڭنـىـڭ خـاڭـجـۇ شەھىرى بـولـۇپ، ئۆزى شـاڭـخـەيـدە تـۇغـۇلـغـان.1934 - يـىـلـى شـاڭـخـەي قـاتـنـاش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزۈپ، ئىككىنچى يىلى ئامېرىكىغا بـېـرىـپ ئوقـۇيـدۇ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئامېـرىـكـىـنـىـڭ مـاسساچۇسېتس تـەبـىئىـي پـەنـلەر ئىنستىتۇتى ۋە كالىفورنىيە تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئالىدۇ،1938 - يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. دۇنياغا مەشھۇر ئاۋىئاتسىيە پىرى، يېقىنقى زامان مېخانىكىسىنىڭ ئاساسچىسى كارمېن ئۇنىڭ يېتـەكـچـى ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ، كېيىن چيەن شۆسىن يەنە كارمېن تەشكىـلـلـىـگـەن ئامېرىكىدىكى ئەڭ دەسلەپكى راكېـتـا تـەتـقـىـقـات ئاپـپـاراتـى «رېئاكـتـىـپ ئىتتىرىش تەجرىبىخانىسى» نىڭ يادرولۇق ئەزاسى بولىدۇ. كارمـېـن: «36 ياشلىـق چيـەن شـۆسـىـن تـالانـتلىق، ئۇنـىـڭ ئىشلىگەن خىزمىتى يۇقىرى سۈرئەتـلـىـك ھاۋا دىـنـامـېـكـىـسـى ۋە راكـېـتـا ئىتتىرىش تېخنىكىسىنى غايەت زور ئىلگـىـرى سـۈرىـدۇ» دېگەنىدى. چيـەن شـۆسـىـن مېخانىكىنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتـكـە ئېـرىـشـىـدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى كارمېن بىلەن بىرلىكتە ئېرىشكـەن ئاۋازدىن تېز ئاقار جىسىم مېخانىكىسى مۇۋەپپەقىيىتـى بولۇپ، ئۇ ئاۋازدىـن تېز ئايروپىلاننىڭ ئىسسىقلىق كاشىلىسى، ئاۋاز كاشىلىسىنى تۈگىتىـشـنـىـڭ ئاساسى بولۇپ قالىدۇ، مەشھۇر كارمېن − چەن شـۆسىـن فـورمۇلـىـسـى ئايروپىلان لايىھىلەشتە يېتەكچى رولغا ئىگە.2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇلارنىڭ نەزەرىيىسى ئامېرىكىنىڭ راكېتا تەتقىقاتىغا تەتبىقلىنىپ روشەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان. چيەن شۆسىن يېڭى جۇڭگـو قـۇرۇلـۇشـىـغـىلا ۋەتـەنـگـە قـايـتـىـشـقـا تەييارلىنىدۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چيەن شۆسىننىڭ جۇڭگو ئىلىم - پـېنـىـدە ئوينايدىغان رولىنى ئوبدان بىلگەچكە، تۈرلۈك ئاماللار بـىلەن ئۇنـىـڭـغـا توسالغۇلۇق قىلىدۇ. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرلـىـكـىـنـىـڭ مـۇئاۋىـن باشلىقى كىمبال ھەتتا: «مەيلى نەگـىلا بـارسـۇن ئۇ بەش دېۋىزىيىگە تېتىيدۇ»، «ئېتىۋەتسەم ئېتىۋېتىمەنـكـى، ئۇنـىـڭ ئامـېـرىـكـىـدىـن ئايرىلىشىغا يول قويمايمەن!» دېگەن. كېيىن، زۇڭلى جۇ ئېنلـەيـنـىـڭ بـىـۋاسـىـتـە ئوتتۇرىغا چىقىشى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ تەرەپتىن ئارىلىشىشـى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ مۇراجىئەت قىلىشى بىلەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلاجسـىـز قالىدۇ.1955 - يىلى، چيەن شۆسىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ، كـېـيـىـن ئۇ ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتناش ئىشلىرىغا ئاتلىـنـىـپ، دۆلـەت مـۇداپـىئە پـەن - تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلـەپ، ئېلىمىزنىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، يادرو قوراللىرى تەتـقـىـقـاتـىـغـا تـۆھپـە قوشىدۇ. چيەن شۆسىننىڭ تەپەككۇرى تېـز، نـەزەر دائىـرىسى كەڭ. ئۇ50 - يىللاردا كىبېرنېتىكا (تىزگىنلەش نەزەرىيىسى) ئىدىيىسىنى تېخنىكا ساھەسىگە تەتبـىـقلاپ، نۇرغۇن پەنلەرنى تـۇتـاشـتـۇرىـدىـغـان يـېـپـيـېـڭـى ئۇسـۇل − قـۇرۇلـۇش تىزگىنلەش نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلىدۇ.70 - يىللاردىن بۇيان، ئادەتـتـىـكـى تېخنىكىغا تەتبىقلىغىلى بولىدىغان سىستېماتىكا (سىستېمـا ئىلمـى) نـى بـەرپـا قـىلىش تەكلىپىنى بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ گىـرەلەشمـە پەنـلەر تـەتـقـىـقـاتـى ئۈچـۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشىدۇ. ئۇ مائارىپ ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئىنتايىـن كـۆڭـۈل بـۆلىدۇ، دۆلىتىمىز ئۈچۈن پەن - تـېخنىكـا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەشكە يۈرەك قېنىنى سىڭدۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر