UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرلېل

لېل

مەشھۇر شەخسلەر يەر شارىدىكى تاغ - دەريالار ئەزەلدىنلا مۇشۇنداقمىدى؟ ئەنگلىيىـلـىـك گېئولوگ چارلېز لېل (1797 −1875 ) «ئۇنداق ئەمەس!» دەپ جاۋاب بېـرىـدۇ. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدىكى زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىـلـىـپ، يـەر شـارى ئۇزاق مۇددەتلىك ئاستا ئۆزگىرىش جەريانىدا بۈگۈنكىدەك ھالغا كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ھازىرمۇ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ئىلمىي ئىسپاتلىغان. لېلنىڭ بالىلىق مەزگىللىرى ھاشاراتلارنى تۇتـۇپ ئويـنـاپ ئۆتكەن. ئۇ مەكتەپكە كىرىپ بىرنەچچە يىل بـولـمـايلا، نـەچـچـە100 خـىل ھاشاراتنى پەرقلەندۈرەلىگەن ھەم ئۇلارنىڭ يـاشـاش ئادىـتـى ۋە يـاشـاش شارائىتىنى ئېيتىپ بېرەلىگەن، ئۆسـمـۈرلـۈك دەۋرىـدىـكـى قـىـزىـقـىـش ۋە ئىنتىلىش لېلدا بېرىلىپ ئىش قىلىش، ماڭغان يولىدىن قايـتـمـاسـلـىـقـتـەك خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن. لېل19 يېشىدا ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىـپ مـاتـېـمـاتـىـكـا ۋە مېدىتسىنا ئۆگەنگەن، كېيىن بىر گېئولوگىيە پروفېسسورىنىڭ خىـزمىتىـگە قىزىقىپ قېلىپ، گېئولوگىيىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن.1818 - يـىلـىدىـن ئېتىبارەن، لېل ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى فرانسىيە، شۋېتسارىـيە ۋە ئىتالىيىنى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ، مول گېئولوگىـيـە بـىلـىملىرىگـە ئېرىشكەن. لېل ئەينى چاغدا ئومۇملاشقان «جىددىي ئۆزگىرىش نەزەرىيـىـسـى» گـە قارىتىپ، دۇنياغا مەشھۇر «گېئولوگـىـيـە قـائىـدىـلـىـرى» نـى يېزىپ چىقىپ، يەر شارى «تەكشى ئۆزگىرىش نەزەرىيىسى» ئىدىيىـسـىـنـى شەرھىيلىگەن. ئۇ يـەر پـوسـتـىـدىـكـى ئۆزگىرىشلەر تەڭرىنىڭ نەچچە قېتىملىق ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك زەربىسىدىـن پـەيـدا بولماستىن، بەلكى شامال، يامغۇر، سۇ ئېقىنى، دولقۇننىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشى، مۇز، يانار تاغ، يەر تەۋرەش قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللاردىن پەيدا بولغان تەبىئىي كۈچلەر ئارقىسىدا ئۇزاق يىللار مابەينـىـدە ئاسـتـا - ئاسـتـا شەكىللەنگەنلىكىنى، مۇنداق ئۆزگىرىش ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، ئەكسىچە ئادەم ھاياتى تولىمۇ قىسقا بولغانلىقتىن، كىشىلەر مۇنداق ئۆزگىرىـشنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ، خـۇددى ئەرەبـلـەرنـىـڭ رىۋايەتلىرىدە تەسۋىرلەنگىنىگە ئوخشاش، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگۈچى جېـدنـىـڭ بىر شەھەرگە بارغانلىقى،500 يىلدىن كېيىن بۇ جاينىـڭ ئېـكـىنزارغـا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى، يەنە500 يىلدىن كېيىن ئېكىـنـزارنـىـڭ دېڭـىزغـا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى، يەنە500 يىلدىن كېيىن دېڭىز سۈيـىنىڭ ئاستا - ئاستا تارتىلغانلىقى، ئاخىرقى500 يىلدا دېڭىز سۈيى تارتىلغـان جـايـدا ئاۋات شەھەر پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگەنلىكىگە ئوخشايدىغانـلـىـقـىـنـى، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگۈچى جېد كۆرگەن بۇ خىل ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلـەرنـى رېئال تۇرمۇشتىكى ئىنسانلارنىڭ كۆرۈشى مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، خـاتـا ھالـدا مۇشۇ جاي ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق ئىدى، دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى نۇرغۇن پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىغان. لېلنىڭ «تەكشى ئۆزگىرىش نـەزەرىـيـىـسـى» تـەڭـرى دۇنـيـانـى ياراتقان دېگەن سەپسەتىگە ئېغىر زەربە بېرىپ، گېئولوگىـيـىـدە بـىـر قېتىملىق ئىنقىلاب قوزغىغان. لېلنىڭ پەن تەتقىقات نەتىـجـىـسـى يـېـقـىـنـقـى زامـان گېئولوگىيىسىگە نەزەرىيـىـۋى ئاسـاس سـالـغـاچـقـا، ئۇ يـېـقـىـنـقـى زامـان «گېئولوگىيىسىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر