ۋېگنېر
مەشھۇر شەخسلەر
يەر شارىدىكى ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا، ئاۋسـتـرالـىـيـىـدىـن ئىبارەت بەش ماتېرىك (چوڭ قۇرۇقلـۇق) قـانـداق شـەكـىـلـلـەنـگـەن؟ پـەن ساھەسىدىكىلەر ئۇزاق مۇددەت تەتقىق قىلىش، مۇنازىرە قىلىش ئارقـىـلـىـق، كۆپ سانلىقلار ماقۇللايدىغان مۇنداق جاۋابـنـى ھاسىل قـىلدى: يـىـراق قەدىمكى دەۋرلەردە، يەر شارىدا بىر پارچىلا قۇرۇقـلـۇق بـار ئىـدى، نـەچـچـە100 مىليون يىللىق ئۆزگىرىشلەردىن كېيـىـن ھازىرقى مـۇشـۇ ھالـەتـكـە كەلدى. مۇشۇنداق چۈشەنچىنى شەكىللەندۈرۈشتە، گېرمانىيىلىك گېئولوگ ۋېگـنـېر (1880 −1930 ) ھەل قـىـلـغـۇچ رول ئويـنـىـدى. ئۇ بـۇ تەلىماتقا ئىسپات تېپىش ئۈچۈن، تا قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغانغا قەدەر كۆپ قېتىم تەكشۈرۈشكە ۋە ئېكسپېدىتسىيىگە بارغان.
ۋېگنېر ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپلا يەر شارىنىڭ سىرلىرى ئۈسـتـىـدە ئىزدىنىشكە قىزىقاتتى ھەم تەكشۈرۈش داۋامىـدا تـەۋەكـكـۈل قـىلـىـشقـا جۈرئەت قىلاتتى.1906 - يىلى، يۇقىرى بوشلۇقنىڭ ھاۋا رايـىنى تـەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ شارغا ئولتۇرۇپ52 سائەت ئۇچۇپ دۇنيا رېكورتىنى ياراتـتى.1910 - يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى تامغا ئېسىلغان خەرىتىگە ئۇزاق تىكىـلىپ قاراپ، جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئىـزنـالارنىـڭ ئىنتايىن ئوخشىشىدىغانلىقىنى، جەنۇبىي ئامېرىكىـدىـكـى شـەرقىي دېڭىز قىرغىقى بىلەن ئافرىقىدىكى غەربىـي دېـڭـىـز قـىرغىقىدىكى ئويمان - دۆڭلەرنىڭ بىر - بىرىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى، بىرگە جىپسـىلاشـتـۇرسـىلا بىر بولۇپ كېتىدىلىدىغانلىقىنى توساتتىن بايقايدۇ. بۇ بايقـاش ئۇنـى بـەكـمـۇ ھاياجانلاندۇرۇۋېتىپ، بىر قاتار سوئاللارنى پـەيـدا قـىـلـىـدۇ. ئۇ بـۇلارنـىـڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن، ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇپ چـوڭـقـۇر ئويـلـىـنـىـدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا «ماتېرىكنىڭ سىلجىشى» دېگەن غەلىتە ئوي پەيدا بولىـدۇ. ئۇ مۇشۇ تەسەۋۋۇر بويىچە گېئولوگىيە ۋە جۇغراپىيىدىن ئىـسپات ئىزدەشكە باشلايدۇ، ھەربىي سەپكە بېرىپ1 - دۇنيا ئۇرۇشىغا قـاتـنـاشـقـان مەزگىلدىمۇ تەتقىقاتنى توختاتمايدۇ،1915 - يىلى ۋېگنېر برازىلىـيـە بـىـلـەن ئافرىقىنىڭ ناھايىتى بۇرۇن تۇتىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغـان پالېئونتولوگىك ئىسپاتنى تاپىدۇ، بـۇ ئۇنـىـڭ داۋامـلـىـق ئىزدىنىـش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.
ۋېگنېر: «بىز يىرتىلغان بىر پارچە گېزىتنىڭ تەكشىسىـز قىرلىرىنى جۈپلەپ ئۇنىڭدا بېسىلغان خەت قۇرلىرىنىڭ دەل بىر يەرگە كەلگەنلىكىنى كۆرگىنىمىزدە، بۇ ئىككى پارچە گېزىتنىڭ ئەسلىدە بىر تۇتاش ئىكەنلىكىنى ئېـتـىـراپ قـىـلـمـاي تۇرالمايمىز» دەپ ھېسابلايدۇ. دەلمۇدەل كېلىدىغان »باسما خەت« لەرنى تېپـىـش ئۈچـۈن، ئۇ ئۇزاق مۇددەت دالىدا ياشايدۇ، نەق مەيداننى جاپالىق تەكشۈرۈش ئارقىلـىـق، مۇنداق ئۈچ تەرەپتىكى ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: بىرىنچى، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكـى نـۇرغـۇن جانلىقلارنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار؛ ئىككىنچى، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىـكـى تـاغ جىنسلىرى، يەر قەۋىتى ۋە پۈرمىلەرمۇ بىر - بىرىگە ماس كېلىدۇ؛ ئۈچىنچى، قەدىمىي كىلىمات جەھەتتە، ئىككى قۇتۇپ رايـونـىـدا ئىسسىق بەلۋاغ قۇملۇقىنىڭ بېشارەتلىرى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېكۋاتور ئورمانلىقىـدىـن مـۇز ياپمىسىنى تاپقىلى بولىدۇ.
ئۇ يەنە يەر گېئومورفىيە، گېئولوگىيە، گېئوفىزىكا، پالېئونتولوگىيە ۋە بىئولوگىيە، پالېئو كىلىمـاتـولـوگـىـيـە، گېئودېـزىـيـە قاتارلىق كۆپ نۇقتىدىن ئەستايىدىل دەلىللەيدۇ. ئاخىرى، باشقىلار قوبۇل قىلالايدىغان «ماتېرىكلارنىڭ لەيلەش قىياسى» نى ئوتتۇرىغا قويىـدۇ، ئۇ قىياسىدا: ئوكياننىڭ تېگىـنـى تـەشكىل قـىلغۇچى جىنسلار ماتېرىكلارنى تەشكىل قىلغۇچى جىـنـسلاردىـن ئېـغىـر، شۇڭا، ماتېرىكلارنىڭ يەر پوستى خۇددى «مۇز تاغ» قا ئوخشاش ئوكيان تېگىدىكى جىنسلارنىڭ ئۈستىدە لەيلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ ھازىرقى زامان گېئولوگىيىسىنىـڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، كىشـىلـەر ھازىرغا قـەدەر بـۇ قىياسنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىنى يەر پوستى ھەرىكىتىنى مۇھاكىمە قىلىدىغـان ئاساسلارنىڭ بىرى قىلىپ كەلمەكتە.
ۋېگنېر بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىش ئۈچـۈن،1929 -،1930 - يىللىرى قار - مۇز بىلەن قـاپلانـغـان گرېنلاندىيە ئارىلىغـا تۆت قېتىم ئېكسپېدىتسىيىگە بارىدۇ،1930 - يىلى50 ياشقا تولغان تۇغۇلـغـان كـۈنـى، نۆلدىن تۆۋەن ℃65 لۇق قاتتىق سوغۇقتا شىۋىرغان ئىچىدە160 نـەچـچـە كىلومېتىر يولنى تەسلىكتە بېسىپ، بەختكە قارشى خەتەرگە ئۇچراپ قۇربان بولىدۇ. كىشىلەر بۇ ئېكسپېدىتسىيىچىنىڭ جـەسىتىنى ئىككىنچى يىلى تاپىدۇ.