UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرخۇاڭ كۈن

خۇاڭ كۈن

مەشھۇر شەخسلەر جۇڭگودا پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىلىم يۇرتىنىڭ ئەزالىقـى ئالىملارنىڭ ئەڭ ئالىي شەرەپ نامى (1994 - يىلى ئاكادېمىكقا ئۆزگەرتىلدى)،1955 - يىلى بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئىلىم يۇرتى ئەزاسى نامى بېرىلگەندە، بۇ يۈكسەك شەرەپكە ئاران نەچچە ئون ئادەم ئېرىشكەن. جـۇڭگـو قاتتىق جىسىم فىزىكى پروفېـسـسور خۇاڭ كـۈن (1919 − ) ئىستېدادتا باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشكەنلىكى، مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن1955 - يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىلىم يۇرتىنىڭ ئەزالىقىغـا كۆرسىتىلگەن، ئەينى چاغدا ئۇ36 ياشتا بولۇپ، ئەڭ ياش ئاكادېمىك ئىدى. خۇاڭ كۈن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جياشىڭ ناھىيىسىدىن،18 يېشـىـدا يـەنـجـىـڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، نەتىجىسـى ئەلا بولغاچقا، ھەر يىلى مەكتەپنىڭ ئالىي ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغـا ئېـرىـشـكـەن.1944 - يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ ئوقۇپ،1947 - يىلى دوكتورلـۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئەنگلىيىدە قېلىپ ئىلمىي تەتقىقات خىزمـىـتـى بىلەن شۇغۇللانغان.1951 - يىلى32 ياشقا كىرگەن خۇاڭ كۈن ۋەتەنگە قايتىپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىدا پروفېسسـور بولىدۇ، ئەينـى چـاغدا ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەڭ ياش پروفېسسورلارنىڭ بـىـرى ئىـدى. ئەينى چاغدا خەلقئارادا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ فىزىكىسى توغرىسـىـدا مەخسۇس كىتاب يوق بولۇپ، خۇاڭ كۈن ئېلىمـىـزدە تـۇنـجـى قـېـتـىـم بـۇ دەرسنى تەسىس قىلغان. كېيـىـن ئۇ پـروفـېـسـسـور شـې شـىـدې بـىـلـەن ھەمكارلىشىپ، «يېرىم ئۆتكۈزگۈچ فىزىكـىـسـى» دېـگـەن كـىـتـابـنـى يېزىپ، بۇ پەندىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان، ئۇ ئېلىمىز يـېـرىـم ئۆتـكـۈزگـۈچ فىزىكىسى پېنىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرىدىن بىرى. ئۇ يـەنـە «قـاتـتـىـق جىسىم فىزىكىسى» قاتارلىق دەرسلىـكـلەرنـى يـېـزىـپ، ئۆزىـنـى مـائارىـپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، جۇڭگونىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېـخنىـكىـسى تايانچ قوشۇنىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. خۇاڭ كۈننىڭ بەزى مۇھىم پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى خەلقئارا ئىلىـم - پەن ساھەسىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىـدۇ. ئۇ ئوتـتـۇرىـغـا قـويغان قاتتىق جىسىملاردىكى ئارىلاشما يېتىشسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان X نۇرنىڭ چېچىلىشى خەلقئارادا «خـۇاڭ چـېـچـىلىشـى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان كۆپ فونون رادىئاتسىيىسـى ۋە رادىئاتـسىـيىسىز سەكرەش ھەققىدىكى كۋانت نـەزەرىيىسـى خـەلـقئارادا «خۇاڭ نەزەرىيىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاۋۋال كرىسـتـاللاردىكـى فونون ۋە ماگنىت دولقۇنىنىڭ باغلىنىپ تەۋرىنىش ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغـا قويدى ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەت تەڭلىمىسـىـنـى كەلتۈرۈپ چـىـقـاردى، خەلقئارادا بۇ تەڭلىمە «خۇاڭ تەڭلىمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. خـۇاڭ كـۈن گېرمانىيىلىك ئالىم بون بىلەن بىرلىكتە «كرىستال پەنجىرە دىنامىكىسـى» دېـگـەن كىتابنى يېزىپ چىقتى، بۇ كىتاب تا ھازىرغىچە مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئەسەر بولۇپ كەلدى.1980 - يىلى شۋېتـسـىـيـە خـان جـەمـەتـى پـەنلەر ئاكادېمىيىسى خۇاڭ كۈننى چەت ئەللىك ئاكادېمىكلىققا تەكلىپ قىلدى،1987 - يىلى يەنە3 - دۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنـىڭ ئاكادېمىـكلىـقـىـغـا سايلاندى.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر