UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرخۇ دېباڭ

خۇ دېباڭ

مەشھۇر شەخسلەر ساپ شۇلتا، سودا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، سودا سوپۇن، ئەينەك، قەغەز يـاساش، مېتاللۇرگىيە قاتارلىقلاردا كەم بولسا بولمايدىغان سانائەت خام ماتېرىيالى، ھەتتا بولكا، ھورنان پىشۇرۇشتىمۇ ئۇ كەم بولسا بولمايدۇ. غەربتىكى ئەللەر سودا ئىشلەشتە100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، بـىراق ئۇلارنىڭ تېخنىكىسى قالاق، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى يۇقىرى ئىـدى. يـاپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، جۇڭگولۇق ئىنژېنېـر خـۇ دېباڭ (1890 −1974 ) بىر خىل ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، جۇڭگونىڭ سودا ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى دۇنيادىكى ئىلغـار سەپكە كىرگۈزدى. خۇ دېباڭ فۇجيەننىڭ مىنخۇ دېگەن يېرىدىن،1920 - يىلى ئامېرىكىنىڭ كولۇمـبـىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ، ئاساسەن، سودا ئىشلەشنى تەتقىق قىلىدۇ، شۇنداقلا توپا قۇرۇلۇشى، ماشىنىسازلىق، ئېلـېـكتـر تېخنىكىسى، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق تېخنىكىلارغىمۇ پىششىـق، ئۇ1921 - يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، يۇڭلى سودا زاۋۇتىنىڭ باش ئىنـژېـنـېـرى ۋە زاۋۇت باشلىقى بولغان.1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سوداچىلىقنى خەلقئارا ترېست مونوپول قىلىۋالىدۇ، ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن مىللىي سانائەت ئىشلەپچىقىرىشتـىـن تـوختاشقا مەجبۇر بولىدۇ. مىللىي سانائەتنى گۈللەندۈرۈش كۈچلۈك قىزغىنـلـىقى ئارقىسىدا، خۇ دېباڭ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، سودا ياساش سانائىتىگـە ئاتلىنىدۇ. ئەينى چاغدا بىرقەدەر ئىلغار بولغان سۇۋېر سودا ياساش تېخنولوگىيىسىنى ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر مونوپول قىلىـۋالغاچقا، سىرتقا مۇتلەق مەخپىي تۇتىدۇ. خۇ دېباڭ چەت ئەللىكلەر قىلالىغاننى جۇڭگولۇقلارمۇ قىلالايدۇ دېگەن ئىرادە بىلەن، سودا ياساش تېخنولوگىيىسـى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ياخشىلاشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىدۇ،1924 - يىلى يۇڭلى زاۋۇتى ئاخىرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن، جـۇڭگونىڭ «قىزىل دېلتا» ماركىلىق سودىسى ئامېرىكىنىڭ فىلادېلـفـىـيىـدە ئۇيۇشتۇرۇلغان دۇنيا ئەللىرى كۆرگەزمىسىگە قويۇلۇپ، ئالتۇن مـېـدالـغـا ئېرىشىدۇ. ئەگەر خۇ دېباڭ بۇ چاغدا پاتېنتنى ساتقان بولسا، بېيىپ كـېـتـەتتى. بىراق، باشقىلارنىڭ ئويىنىڭ ئەكسىچە،1931 - يىلى «سودا يـاساش» دېگەن كىتابنى يېزىپ،1932 - يىلى ئامېرىكىدا نەشر قىلدۇرۇپ، كىشىلـەر تەشنا بولۇپ كەلگەن سودا ياساش ئۇسۇلىنى كاتتا سوۋغا سۈپىـتـىـدە پـۈتۈن دۇنياغا سوۋغا قىلىدۇ. ئارقىدىنلا، خۇ دېباڭ يەنە نەنجىڭدا ئاممونىي سۇلفات زاۋۇتىـنـى قـۇرۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ. زاۋۇت ئورنىنى تاللاشتىن ئۈسكۈنىلەرنى سېتـىـۋېلىشقىچە ئۇ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇ چەت ئەلنىڭ ئىلغار تېخنولوگىيىسىنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك زاۋۇتلارغا چـېرتيوژ لايىھىلەشنى ھاۋالە قىلغاندا، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنـى نـەزەرگـە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ يەنە700 پارچىدىن ئارتۇق چـېرتــيـوژغـا ئۆزى ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ. ئاممونىي سۇلفات ئىشلەشنىڭ يادرولۇق ئۈسكۈنىسى ئاممىياكنى سىنتېزلاش مۇنارىسى بولۇپ، ئامېرىكىدىن كەلتۈرۈلگەن بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئېغىرلـىقى100 توننا كېلەتتى، ئەينى چاغدا ئېلىمىزدە بۇنداق قۇراشـتـۇرۇش - تـوشۇش ئىقتىدارى ھازىرلانمىغانىدى. خۇ دېباڭ ئۆزى قول سېلىـپ ئىككى كران لايىھىلەپ ياساپ چىقىپ، سىنتېز مۇنارىنى جايىدا قۇراشتـۇرىـدۇ. مەبلەغنى تېجەش ئۈچۈن، ئۈسكۈنىلەر ئەنگلىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، شۋېـتسارىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلتۈرۈلىدۇ، جۇڭگودا ئىشلەنگەنلىـرىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. خۇ دېباڭنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتـۇرۇشـى ئارقـىسىدا، بۇ ئۈسكۈنىلەر قۇراشتۇرۇلۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈلىدۇ.1937 - يىـلـى، ئاممونىي سۇلفات زاۋۇتى تۇنجى قېتىملىق ئىشلەپچىقىرىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنـىـدۇ. بـۇ چاغدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرى ئاسىيادىكى بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان مـۇشـۇ خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىغا كۆز تىكىدۇ، بىراق خۇ دېباڭ «زاۋۇت ئۈچۈن مـاتەم يىغىنى ئېچىشقا رازىكى، ھەرگىز تاجاۋۇزچىلار بىلەن ھەمكارلاشمايـدۇ!» كېيىن، خۇ دېباڭ مىڭ بىر رىيازەتتە مۇھىم ئۈسكۈنىلەرنى سۆكۈپ، تۈركۈمگـە ئايرىپ غەربكە كۆچۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ھەمدە تېخنولـوگىيىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، بىرلەشمە سودا ئىشلەپچىقىرىش ئۇسـۇلىنى كەشىپ قىلىپ، ئاش تۇزىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %95 تىن ئاشۇرىدۇ، خام ماتېرىيال ۋە بەزى ئۈسكۈنىلەرنى تېجەپ، سودىنـىـڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە ئاممونىي خلورىد ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ دۇنيا سودا ئىشلەش تېخنولوگىيىسىدىكى زور بۆسۈش بولغاچقا، خىمىيـە سـانـائىـتـى ساھەسىنى زىلزىلىگە سالىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگونىڭ خىمىيە سانائىتى تېخنىكىسى بىراقلا دۇنيا سەھنىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.1943 - يىلـى، يۇڭلى زاۋۇتى سودا بىلەن ئاممونىي خلورىدنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ خىل يېڭى ئۇسۇلىغا «خۇ دېباڭ ئۇسۇلى»دەپ نام قويىدۇ. شۇنىڭدىـن ئېـتـىـبـارەن خۇ دېباڭ دۇنياغا مەشھۇر سودا ئىشلەش پادىشاھىغا ئايلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
خۇ دېباڭ | UyghurWiki | UyghurWiki