شـلـېيـدىـن بـىـلـەن شۋان
مەشھۇر شەخسلەر
ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاساسىي بىرلىكـى ھۈجەيرە، بـۇ19 - ئەسىردىكى ئۈچ چوڭ كەشپىياتنىڭ بىرى بولغان ھۈجەيرە تەلىماتىنىڭ يادروسى. بۇ تەلىماتنى گېرمانىيىلىك بوتانىك شلېيدىن (1804 −1881 ) بىلەن زوئولوگ شۋان (1810 −1882 ) بەرپا قىلغان.
ماتتىئاس شلېيدىن ھامبۇرگدا تۇغۇلغان،22 يـېـشـىـدا قـانـۇن ئىـلـمـى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىـشـكـەن، بـىـراق ئۇ ئادۋوكاتلىق كـەسپـىنـى ياقتۇرمىغان.28 يېشىدا گۈتتىنگېن ۋە بېرلىندا بوتانىكا، مېدىتسىنا ئۆگەنگەن،35 يېشىدا تېببىي ئىلىم ۋە پەلسەپە بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانـىـغـا ئېرىشكەن.
شلېيدىندىن ئالتە ياش كىچىك تېئودور شۋان زەرگەرنىڭ ئوغلى بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بويىـچـە ئىلاھىيەتنى ئۆگەنمەستىن، بېرلىنغا كېلىپ مېدىتسىنا ئۆگەنگەن.24 يـېـشـىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، بېرلىن ئاناتومىيە مۇزېيىغا بـېـرىـپ خىزمەت قىلىپ، شۇ يەردە شلېيدىن بىلەن تونۇشقان.
شلېيدىن بىلەن شۋاننىڭ خاراكتېرى، كەچۈرمىشلىرى تۈپتىـن ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئورتاق قىزىقىش، سەمىمىي ھېسسىيات ئۇلارنىڭ كۆپ يىللىق ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولغان. مىكروسكوپ ئالدىدا، شلېيدىن چېچـەكلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمە خالتىسىنى تەتقىق قىلسا، شۋان پاقا تۈرىدىكىلەرنىڭ خوردا تۆرەلمە توقۇلمىسىنى تەتقىق قىلغان. ئوخشاش تەتقىقـات يۆنىلىشى، ئوخشاش تەتقىقات ئۇسۇلى ئۇلارنى بىردەك چۈشەنچـىـگـە ئىگە قىلغان، شۋان شلېيدىننىڭ ئۆسۈملۈكلەر ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن دېگەن ئۇقۇمىنى ھايۋانات دۇنياسىغا كېڭەيتكەن. ئۇلار ئىككىسى بىر - بىرىگـە تـۈرتكە بولۇپ، جانلىقلار ئىلمىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسى − ھۈجەيرە تەلىماتىـنـى بەرپا قىلغان.
شلېيدىن بىلەن شۋاننىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئەھۋالـى تولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شلېيدىن1840 - يىلىدىن ئېتىبارەن جېنا ئۇنـىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولۇپ، ئىلىم - پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا دائىر نـۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. لېكىن، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئەتىۋارلىشىـغـا ئېرىشەلمىگەچكە، ئاخىرى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بـېـرىـپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى20 يىلنى مۇقىم خىزمەت بولمىغان ئەھۋالدا ئۆتكۈزىدۇ. شۋاننىڭ مىجەزى سالماق بولغاچقا، ئەتىۋارلاشقا ئېرىشىپ، پەن تەتـقـىقات ۋە ئوقۇتۇشقا ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى بېغىشلايدۇ.