چيـەن سەنچياڭ
مەشھۇر شەخسلەر
1948 - يىلى يازدا، فرانسىيىـدە ئۇزۇن يـىـل تـۇرغـان چيـەن سـەنـچيـاڭ (1913 −1992 ) ۋەتەنگە قايتىش ئالدىدا، يـېتـەكـچـى ئوقۇتقۇچىسـى مـەشھۇر ئالـىـم جولىئوت - كـيۇرى ئەر - خوتـۇن بـىـلـەن كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلىشىدۇ، كيۇرى خانىم ئۇنىڭغا ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئىمزا قـويـغـان باھالاش گۇۋاھنامىسىنى سوۋغا قىلىـدۇ، ئۇنـىڭـغـا: « ئون يـىـل ئىـچـىـدە بـىـزنـىـڭ تەجرىبىخانىمىزغا كەلگەن ۋە بىز خىزمىتىگە يېتەكـچـىـلـىـك قـىـلـغان زامانداشلار ئىچىدە ئۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر، بىزنىڭ بۇنداق دېيىشىمىز ھەرگـىـزمـۇ مۇبالىغە ئەمەس» دەپ يېزىلغانىدى.40 نەچچە يىل ئۆتۈپ كـېـتـىـدۇ، چيەن سەنچياڭ ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن ۋەتەننىڭ ئىلىم - پەن تـەرەقـقـىـيـاتـى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر يادرو فىزىكا ئالىمى.
چيەن سەنچياڭ جېجياڭنىڭ ۋۇشىڭ ناھىيىسىدىن، ئاتىـسـى چيەن شۇەنتۇڭ «4 - مـاي» مەزگىلىدىكى مەشھۇر تىل - يېزىق ئالىمى.1936 - يـىـلـى، چيەن سەنچياڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزۈپ، ئىـكـكىـنـچى يىلى فرانسىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. چيەن سەنچياڭ فرانسىيىدىكـى مـەزگىـلىـدە، پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رادىي تـەتقـىـقات ئورنـىـنـىـڭ كـيـۇرى تەجرىبىخانىسىدا يادرو فىزىكا تەتقىقاتى بىلەن شـۇغـۇلـلـىـنـىـدۇ، مارىيە كيۇرىنىڭ قىزى ئېلىننا جولىئوت - كيۇرى خانىم ئۇنىڭـغـا يـېـتـەكـچـى ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ھەمكارلىـشـىـپ نـۇرغـۇن يېڭى بايقاشلارغا ئېرىشىدۇ.1945 - يىلى ئۆپچۆرىسىدە، خەلقئارادا، ئاتـوم يادروسىنىڭ ئىككى پارچىغىلا بۆلۈنۈش مۇمكىنچىلىكى بار، دەپ قـارىلاتتى. چيەن سەنچياڭ بىلەن ئايالى خې زىخۇي ۋە فرانسىيىلىـك ئىككى ئاسپـىرانت بىرلىكتە يادرو ئېمۇلسىيە تېخنىكىسـىـدىـن پـايـدىـلـىـنـىـپ، ئۇران ئاتـومـى يادروسى نېيتروننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيـىـن، تـەخـمـىـنـەن300 قېتىم يىمىرىلىش جەريانىدا بىر قېتىم ئۈچ پارچىغا بۆلۈنگەنلىكىنى بايقـايـدۇ. بـۇ مۇھىم بايقاش ئۇلارنى ئالاھىدە روھلاندۇرۇۋېتىدۇ، بىراق ئۇلار ئۇنـى داۋراڭ قىلماي، داۋاملىق تەجرىبە ئىشلەيدۇ. ئۇ چاغلاردا ئېلېكترونلـۇق كومپيۇتېر بولمىغاچقا، ھەربىر غەيرىي ھادىـسـە بـايـقـالـغـانـدا، مـۇرەكـكـەپ ھېسابلاپ ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى. بىر مەزگىل ۋاقىت ئىـچـىـدە، ئۇلار10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆزىتىش ئارقىلىق،1946 - يىلنىـڭ ئاخـىـرى ئۇران يادروسىنىڭ نېيتروننىڭ زەربىسىدە ئىككىگىلا بۆلۈنۈپ قالماسـتـىـن، ئۈچكىمۇ بۆلۈنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، خې زېـخـۇي يـەنـە ئۇران يادروسىنىڭ «تۆتكە بۆلۈنۈش ھادىسىـسـى» نـى بـايـقـايـدۇ، بـۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى كىشـىـلـەرنـىـڭ ئاتـوم يـادروسـىـنـىـڭ بـۆلـۈنـۈشـى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، فرانسىيـە ئىـلـىـم - پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ، كىشىلەر، بۇ2 - دۇنيا ئۇرۇشـىـدىـن كېيىن كيۇرى تەجرىبىخانىسى بىلەن فرانسىيە ئىنستىتۇتى يـادرو خىمىيىسى تەجرىبىخانىسىدىكى تۇنجى مۇھىم مۇۋەپپەقىيەت، دەپ قارايدۇ.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن چيەن سەنچـياڭ دۆلـىـتـىـمـىـزدىـكـى تۇنجى يادرو پەن - تېخنىكا بازىسى − ئاتـوم ئېـنـېـرگـىـيـىـسـى تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇشقا رىياسەتچىلىك قىلىپ، نـۇرغۇن يـاش - ئوتتۇرا ياش كەسىپ تايانچىلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ،1964 - يىل10 - ئايـنـىـڭ16 - كۈنىدىكى تۇنجى ئاتوم بومبىنى پارتلىتىش سىنىـقـىـغـا بـىـۋاسـىـتـە قاتنىشىپ، جۇڭگو ئاتوم ئېنېرگىيىسى سانائىتىنىڭ تەرەقـقـىـيـاتـى ئۈچـۈن غايەت زور تۆھپە قوشىدۇ.