UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرئېرستېد

ئېرستېد

مەشھۇر شەخسلەر 1820 - يىلى4 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، دانىيىنـىـڭ كـوپـېـنـھـاگېـن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەلۇم دەرسخانىدا فىـزىـكـا دەرسـى ئۆتـۈلـۈۋاتـاتـتى. دەرستىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا، پروفېسسور: «بىز ئۆتكۈزگۈچ سىم بـىـلـەن ماگنىت ئىسترېلكىسىنى پـارالـلـېـل قـويـۇپ سـىـنـاپ كـۆرەيـلـى» دېگەن. پروفېسسور ئۆتكۈزگۈچ سىم بىلەن ماگنىت ئىسترېلكىسىنى ماگـنـىـت مېرىدىئانى يۆنىلىشىدە قويۇپ توكقا ئۇلايدۇ، بۇ چـاغـدا كـىـچـىـك ماگنىتلىق ئىسترېكا ئۆتـكـۈزگـۈچ سـىـم تـەرەپـكـە تىك يۆنىلىشتە خېلىلا ئاغقان. ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان، ئەمما پروفېسسـور ئىنتايىن ھاياجانلانغان، ئۇ بۇ چاغدا ئۇزۇندىن ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن توكنىڭ ماگنىت ئېففېكتىنى بايقىغان. شۇ كۈنى ئېلېكتر ماگنىت ئىلمىنىڭ يېڭـى دەۋرى يېتىپ كەلگەن، يېڭى دەۋرنىڭ مـۇقـەددىـسـىـمـىـنـى ئاچقـۇچـى بـۇ پروفېسسور دانىيىلىك ئېرستېد (1777 −1851 ) ئىدى. ئېرستېد نامرات دورىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان،17 يـېـشـىـدا كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا دورىگەرلىكنى ئۆگەنگەن. ئۇ ماتېماتىكا، فىزىكـا، ئاسترونومىيە، پەلسەپە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە قىزىقـاتتى.22 يـېـشـىـدا دوكـتـورلـۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.29 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتتا پروفېسـسـور بـولـغان، شۇنىڭدەك ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايـلانغان.31 يېشىدا فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئېرستېد توكنىڭ ماگنىت ئېففېكتىنى بايقاشتىن ئىككى ئەسـىـر ئىـلـگـىـرى، كىشىلەر ئېلېكتر بىلەن ماگنىتنىڭ ھېـچـقـانـداق مۇناسىۋىتى يـوق دەپ قـاراپ، ئۇلارنى ئايرىم - ئايرىم تەتقىق قـىلغان. ئەيـنـى ۋاقـىـتـتـا، ئامـپېـر، بـىئوت قاتارلىقلارغا ئوخشاش بەزى مەشھۇر فىزىكلارمۇ ئېلېكتر بىلەن ماگنىتـنـىـڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارىغاچقا، بۇلار كىشىلەرنىڭ ئېلېـكـتـر ماگنىت ھادىسىسىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىغا توسالغۇ بـولـغـان. ئېرستېدنىڭ بايقىشى ئۇنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئۇسۇلىنىڭ توغرىلىقى ئاسـاسـىـدا بارلىققا كەلگەن. ئۇ گېرمانىيە پەيلاسوپى كانتنىـڭ تـەبـىئەت كـۈچـلىرىـنـىـڭ بىردەكلىكى توغرىسىدىكى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچـرىـغـاچـقـا، ئېلېكتر بىلەن ماگنىت ئوتتۇرىسىدا ئىچكى باغلىنىـش بـارلىـقـىغـا قـەتئىـي ئىشىنەتتى، شۇڭا1812 - يىلىلا ئېلېكتر بىـلـەن مـاگـنـىـت ئوتـتـۇرىـسـىـدا باغلىنىش بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئۇزاق مەزگىل تەجرىبە قىلىش، ئىزدىنىـشـنـى داۋاملاشـتـۇرۇپ، ئۆز قولى بىلەن نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ، كۆپ قېتىملىق مەغلۇبىـيـەتـلەرنـى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى، دەرسخانىدا ھېلىقى تاسادىپىيلىق مۇقەررەرلىككە ئايلىنىش كۆرۈنۈشى بارلىققا كەلگەنىدى. ئېرستېدنىڭ بايقىشى ئېلېكتر ماگنىت ئىلمىـنىـڭ يـېـڭـى دەۋرىـنـى ئېچىپ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا، ئېلېـكتر ۋە ماگنـىـت توغرىسىدىكى نۇرغۇن يېڭى ھادىسىلەر بايقىلىپ، بـىـر يـۈرۈش مـۇھىـم ئېـلـېـكـتـر ماگنىت قانۇنلىرى تېپىلغان، بۇنىڭ بىلەن ئېلېكترلىك ماگنىتنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش بارلىققا كەلگەن. ئېرستېد مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان مـۇنـەۋۋەر فـىـزىـكـا ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇنـى خـاتـىـرىـلـەش ئۈچـۈن، ئامېرىكىدا1937 - يـىلىـدىـن ئېتىبارەن، ھەر يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر فىزىكا ئوقۇتقۇچىسىغا «ئېرستـېـد مـېـدالـى» بېرىلىپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
ئېرستېد | UyghurWiki | UyghurWiki