لاپلاس
مەشھۇر شەخسلەر
ئىنسانلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئالەمنىڭ قانداق شەكىلـلـەنـگـەنـلـىـكـى ئۈستىدە ئىزچىل ئويلىنىپ كەلدى، بۇنىڭدىن200 نەچچە يىل ئىلگىـرىـكـى ۋاقىتلارغا كەلگەندىلا كانت ئىسىملىك گېرمانىيىلىك پـەيلاسـوپ قۇياش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە بىرقەدەر ئىلمىي قىياسىنى ئوتـتـۇرىـغـا قويۇپ، قۇياش سىستېمىسى بىر توپ تۇمانلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشـىـدىـن ئۆزگىرىپ بارلىققا كەلگەن دەپ قارىدى. ئەينى چاغدا نۇرغۇن كىشىـلـەر بـۇ تۇمانلىق تەلىماتىغا ئىشەنمىگەچكە، ئۇنـى ئاستا - ئاستـا ئۇنـتـۇپ كـەتـتـى.50 يىلدىن كېيىن، فرانسىيىلىك ئالىم لاپلاس (1749 −1827 ) بـۇ قـىـيـاسـنـى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ تەلىماتـنـىـڭ ئىـلـمـىـيـلـىـقـىـنـى مېخانىكا قائىدىلىرىنـى ئاسـاس قـىـلـىـپ، پۇختا ماتېماتىكىلىق ھۆكۈم ئارقىلىق ئىسپاتلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئالەم قارىشىدا زور ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلدى.
لاپلاس فرانسىيىنىڭ نورماندىيىدىكى بېئاۋمۇنت بازىرىـدا تـۇغـۇلـغـان بولۇپ، كىچىكىدە ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، ئوقۇشىنى قوشنىسىنىڭ ياردىمى بىلەن تاماملىغان. لاپلاسنىڭ ماتېماتىكىدا تالانتى بولغاچقا، ئۇنىۋېرسىتېتتـا ئوقۇغان مەزگىلدە پروفېسسورلارنىڭ ماختىشىـغـا سـازاۋەر بولغان.18 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەشھۇر ماتېماتىـك دالامـبـېـر ئۇنى پارىژ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىگە ماتېماتىـكـا ئوقۇتقۇچىلىقىغا تونۇشتۇرغان.
ئۇزاقتىـن بـۇيـان، ئالىملارنـى «قۇياش سـىـسـتېـمـىـسـى قـانداق شەكىللەنگەن»، «يەر شارى نېمە ئۈچۈن قۇياشنـى ئايـلـىـنـىـپ ھەرىـكـەت قىلىدۇ» دېگەن مەسىلىلەر گاڭگىرىتىپ كەلگـەن، بـۇنـىـڭـغـا ھەتـتـا مەشھۇر ئالىم نيـۇتونمـۇ ئېنـىـق جـاۋاب بـېـرەلـمەي، ئاخـىـرى ئىلاھىيەتكە ئىلتىجا قىلىپ، ھەرىكـەتـنـىـڭ ئاخـىـرقـى سەۋەبىنى «تەڭرىنىڭ بىرىنچى تۈرتكىسى» گە باغلىغانىدى. لاپلاس ئالـەمـنـىـڭ شەكىللىنىش مەسىلىسىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ، «ئالەم سـىـسـتـېـمـىـسـى ھەققىدە» ۋە «ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسى»دېگەن ئىككى كىتـابـنـى يازدى. ئۇ: قۇياش سىستېمىسـى بـىـر توپ ئىـپـتـىـدائىـي تۇمانلىقتىن شەكىـلـلـەنـگـەن، ئىـپـتـىـدائىـي تـۇمـانلىق ھەرىـكـەت ۋە مـاددىي نۇقتىلارنىڭ ئۆزئارا تارتىشىشى ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئىـپـتـىـدائىـي ئوت شارلىرىدۇر، ئوت شارلىرى يەنىمۇ تارىـيـىـپ ھەم تـارتـىشىـش كـۈچـى ۋە تېپىشىش كۈچىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىدە تەدرىجىـي پـارچـىـلـىـنـىـپ قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەرنى شەكىـلـلـەنـدۈرگـەن، ئاخـىـرىـدا ھازىرقى قۇياش سىستېمىسى شەكىللەنگەن، دەپ قارىغان. ئۇ قۇياش سىستېـمـىـسـىـنـىـڭ ئالاھىدىلىكىنى ھېسابلاپ، قۇياش سىستېمىسىدىكـى سەييارىلەرنىـڭ ھەرىكىتى ۋە ئوربىتىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭ تەلىماتى ماتېماتىكا ۋە مېخانىكا نەزەرىيىلىرى بىلەن تولغان بولغاچقـا، نـاھايـىتـى زور قـايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەر تـەرىپىدىن تەدرىجىي ئېتىراپ قىلىنغان.
تۇمانلىق تەلىماتى ئالەم قارىشىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، ئۇ ئالـەم تەبىئەتنىڭ ئۆز ھەرىكىتى داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ پەيدا بـولـغـانـلـىـقـىـنـى كۆرسىتىپ بېرىپ، تەڭرىنـى ئالـەمـدىـن ھەيـدەپ چـىـقـاردى. نـاپولـېئون لاپلاستىن نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ تەلىماتىدا تەڭرى يوقلۇقىنى سورىـغـىـنـىدا، لاپلاس پەخىرلەنگەن ھالدا: «مـەن ئۇنـداق قـىيـاسـقـا ھاجـەت ئەمـەس» دەيدۇ، بۇ، ئاتېئىستلارنىڭ تەڭرىنى كەمسىتىدىغان ھېكمەتلىـك سـۆزىـگـە ئايلانغان.