خاممۇرابى
مەشھۇر شەخسلەر
پارىژدىكى لۇف مۇزېيىغا ئۈچ پارچە قارا بازالىتتىن بىرىكتۈرۈپ ياسالغان بىر تاش تۈۋرۈك قويۇلغان، تاش تۈۋرۈكنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا قۇياش ئىلاھى بىلەن ھەققانىيەت ئىلاھىنىڭ خاممۇرابىغا ھوقۇق كالتىكىنى بېرىۋاتقانلىق كۆرۈنۈشى ئويۇلغان، تۆۋەنكى قىسمىدا شىنىسىمان ئويما يېزىق بولۇپ، بۇ دەل دۇنياغا مەشھۇر «خاممۇرابى قانۇنى»دۇر. بۇ قانۇننىڭ تۈزۈلۈشى خاممۇرابىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ.
خاممۇرابى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى1792 −1750 - يىللار) قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقىنىڭ6 - ئەۋلاد پادىشاھى. ئۇ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىشتىن ئىلگىرى، قەدىمكى بابىلون بىردەم بۇ دۆلەتكە، بىردەم ئۇ دۆلەتكە بېقىنىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان كىچىك دۆلەت ئىدى. خاممۇرابى تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، يىراقتىكىسى بىلەن دوستلىشىش، يېقىندىكىسىگە ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئىسسىن، لارسا قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىنى بويسۇندۇرغان، تىگرىس دەريا ۋادىسى بىلەن يېۋفرات دەريا ۋادىسى (قىسقارتىلىپ ئىككى دەريا ۋادىسى دېيىلىدۇ)نى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارس قولتۇقىدىن ئوتتۇرا يەر دېڭىزى قىرغىقىغىچە بولغان زېمىندا ھوقۇق مەركەزلەشكەن قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتنى قۇرۇپ چىققان. بابىلون ئاسىيانىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالغان.
خاممۇرابى قۇلدارلار سىنىپىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ۋە قۇلدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىغان. ئۇ تەختكە ئولتۇرۇپ كېيىنكى يىلىدىن باشلاپ مەشھۇر «خاممۇرابى قانۇنى» نى تۈزۈشكە كىرىشكەن. بۇ قانۇن كىرىش سۆز، تېكىست ۋە خاتىمىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،282 ماددىدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭدا قەدىمكى بابىلوندىكى ئىجتىمائىي، سىنىپىي مۇناسىۋەت، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئورتاق قائىدىسى، ئائىلە، نىكاھ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار قانۇن شەكلى ئارقىلىق تۇراقلاشتۇرۇلۇپ، قەدىمكى بابىلوننىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئالايلۇق، قانۇننىڭ199 -،247 - ماددىلىرىدا: «قۇللارنى ئۇرۇپ كۆزىنى كور قىلىپ قويغانلار كالىنى ئۇرۇپ كۆزىنى كور قىلىپ قويغانلارغا ئوخشاش بىر تەرەپ قىلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن، بۇ قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقى يولغا قويغان قۇلدارلار دىكتاتورىسىنىڭ ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
خاممۇرابى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1750 - يىلى ۋاپات بولغان، ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ قۇرۇپ چىققان قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقىمۇ يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ قانۇنىمۇ بارا - بارا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن.1901 - يىلىغا كەلگەندە، فرانسىيە ئارخېئولوگلىرى ئىران چېگرىسىدىكى قەدىمكى ئېلامنىڭ پايتەختى سۇزا دېگەن يەردىن خاممۇرابى قانۇنى ئويۇلغان بازالىت تاش تۈۋرۈكنى قېزىۋالغاندىن كېيىنلا، ئاندىن بۇ قانۇن كىشىلەر بىلەن قايتىدىن يۈز كۆرۈشكەن