UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرخۇ زىمىن

خۇ زىمىن

مەشھۇر شەخسلەر خۇ زىمىن (1890 −1969 - يىللار) ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە ئەمگەك پارتىيىسىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى، جۇمھۇرىيەتنىڭ سابىق رەئىسى. ئەسلىي ئىسمى رۈەن بىچېڭ، ئىنقىلابقا قاتناشقاندىن كېيىن ئىسمىنى رۈەن ئەيگوغا ئۆزگەرتكەن. ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى، ماتروس ۋە ئىشلەمچى بولغان.22 يېشىدا ماتروسلۇق سالاھىيىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ تەكشۈرۈشتە بولغان ھەمدە ئىنقىلاب يولىدا ئىزدەنگەن.1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئالجىرىيە، كونگو قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئارىلاپ چىققان.1920 - يىلى فرانسىيىدە كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىرىپ، ۋيېتناملىق تۇنجى كوممۇنىست بولۇپ قالغان.1925 - يىلى خۇ زىمىن جۇڭگونىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە «ۋيېتنام ياش ئىنقىلابىي سەپداشلار جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، پرولېتارىيات پارتىيىسى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە جۇڭگونىڭ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە سىياسىي مەشىق كۇرسى ئېچىپ، ئىنقىلاب كادىرلىرىنى يېتىشتۈرگەن.1930 - يىلى2 - ئايدا شياڭگاڭدا ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇپ، كېيىنچە ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە،1951 - يىلى3 - ئايدا ۋيېتنام ئەمگەك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن،1941 - يىلى2 - ئايدا ۋيېتنامغا قايتىپ كېلىپ، ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي بازا قۇرۇشىغا، ياپون باسقۇنچىلىرى ۋە فرانسىيىگە قارشى قوراللىق كۈرەش قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان.1945 - يىلى «ئاۋغۇست ئىنقىلابى» نى قوزغاپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ غەلىبىگە ئېرىشكەن. شۇ يىلى9 - ئاينىڭ2 - كۈنى خانويدىكى باتىڭ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن500 مىڭ كىشىلىك ئاممىۋى يىغىندا، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت نامىدا »مۇستەقىللىق خىتابنامىسى«نى ئېلان قىلىپ، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.1946 - يىل3 - ئاينىڭ6 - كۈنى ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن، ۋيېتنامدىكى80 نەچچە يىللىق مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق ۋە نەچچە مىڭ يىللىق فېئودال ھۆكۈمرانلىققا خاتىمە بېرىلگەن. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي،1945 - يىلى9 - ئايدا ۋيېتنامغا قايتا تاجاۋۇز قىلىپ، سايگوننى بېسىۋالغان. خۇ زىمىن ۋيېتنام ئارمىيىسى ۋە خەلقىنىڭ قوزغىلىپ تاجاۋۇزچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىشىگە رەھبەرلىك قىلغان ۋە1954 - يىلىغا كەلگەندە فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلۇشقا مەجبۇر قىلغان.1954 - يىلى ئېچىلغان جەنۋە سۆھبىتىدە ۋيېتنام جەنۇب بىلەن شىمالغا ئايرىۋېتىلگەن. يىغىندا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن ۋە جەنۋە كېلىشىمىگە جېنىنىڭ بارىچە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جەنۇبىي ۋيېتنامدا تىڭيەن قورچاق ھاكىمىيىتىنى يۆلەپ تۇرغۇزغان. ئامېرىكا1961 - يىلىدىن باشلاپ «ئالاھىدە ئۇرۇش» قوزغاپ، جەنۇبىي ۋيېتنامدىكى ئىنقىلابچى خەلقنى باستۇرغان.1964 - يىلى8 - ئايدا ئامېرىكا ئاتالمىش «شىمالىي قولتۇقتا ئىككى ھەربىي پاراخوتىمىز ھۇجۇمغا ئۇچرىدى» دېگەننى باھانە قىلىپ، «شىمالىي قولتۇق» ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، شىمالىي ۋيېتنامنى كۆپ قېتىم ھاۋادىن بومباردىمان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئوتىنى شىمالىي ۋېيتنامغا تۇتاشتۇرغان. رەئىس خۇ زىمىن ۋيېتنام خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، زوراۋانلىقتىن قورقماي، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان.1969 - يىلى9 - ئايدا، خۇ زىمىن: «ئامېرىكا جاھانگىرلىكى دۆلىتىمىزدىن جەزمەن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ، ۋەتىنىمىز جەزمەن بىرلىككە كېلىدۇ، جەنۇب - شىمالدىكى قېرىنداشلار جەزمەن خۇشال - خۇرام جەم بولىدۇ» دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
خۇ زىمىن | UyghurWiki | UyghurWiki