پتولېمېي
مەشھۇر شەخسلەر
قەدىـمكـى زامـان كىشىلىـرى كـۈن، ئاي، يـۇلـتـۇزلارنـىـڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى، قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا ئەڭ قىزىقاتتى. پتولېمېي (تەخمىنەن90 −168 ) بۇ مەسىلىلەرنى بىرىنچى بولۇپ سىستېمىلىق تەتقىق قىلغان ھەمدە ئۇتۇق قازانغان ئالىم، شۇڭا ئۇ تارىختىكى مەشھۇر كىشىلەرنـىـڭ بـىرى بولۇپ قالغان.
پتولېمېي ياشىغان دەۋر قەدىمكى يۇنانىستاننىڭ ئاخىرقى مەزگىلـلـىرى بـولۇپ، ئەينى چاغدا رىملىقلار يۇنانىستاننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى بېسىۋالغاچقا، يۇنانىستاننىـڭ ئىلىم - پەن مەدەنىيىتى تېزدىـن سـىـرتـقـا تـارقالغان. پتولـېمـېـي يـۇنـان مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان مىسىر شەھەرلىـرىـدىـن بـىـرى بولغان پتولېمېي شەھىرىدە تۇغۇلغان.
پتولېمېي ئارىستوتېل قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەلىماتىغـا ۋارىسلىـق قىلىش ئاساسىدا، نۇرغۇن ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ۋە يەر ئۆلچەش ئارقـىلـىـق ئالەم قۇرۇلمىسى تەلىـمـاتـىـنـى بـەرپـا قـىـلـىـپ،13 تـومـلـۇق زور ئەسـەر »ئاسترونومىيە قامۇسى«نى يازغان. ئۇ ئۆز كىتـابىدا ئالـدىـنـقـىلار ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارى ئالەمنىڭ مەركىزى دېگەن قاراشنى يەنىمۇ جـارى قىلدۇرغان ۋە سىستېمىلىق يەكۈنلىگەن. پتولېمېينىڭ سەييارىلەر سىستېمىـسـى تەلىماتىدا زېمىننىڭ مۇئەللەقتىكى تايانچسىز شار جىسىم ئىكەنلىكـى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھەمدە سەييارە ۋە كۈن، ئاينىڭ يۇلتۇزلار ئىچىدىكى بىزگە بىرقەدەر يېقىـن ئاسـمـان جـىـسـىـمـلـىـرى ئىكەنلىكىنى ئايرىپ چىقىپ، قۇياش سىستېمىسىنى يۇلتۇزلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق قەدەمنى باسقان. پتولېمېـي سـىـسـتـېـمـىـلـىـق ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ۋە ھېسـابلاشلار ئارقـىـلـىـق،1028 يۇلتۇزنىڭ ئورۇن جـەدۋىـلـىـنـى تـۈزۈپ چـىـقـقان، ئاي شارىدىن يەر شارىغىچـە بـولـغـان ئوتـتـۇرىـچـە ئارىـلـىـقـىنىڭ يـەر شـارى دىئامېتىرىنىڭ5 .29 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان، بۇ سانلىق قىممەتنى ھېـسـابلاپ چـىـقـىـش قەدىمكى زامانـدا ئاسـان ئەمـەس ئىدى. قانۇنىيەتلىك سەييارىلەر سىستېمىسى پتولېمېي تەلىـمـاتـىـنـىـڭ يـادروسـى ۋە جەۋھىرى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا غـايـەت زور رول ئوينىغان. پتولېمېي تەلىماتىنىڭ شاكال قىسمى بولغان يەر مەركەز تەلـىـمـاتـى ئەيـنـى چاغدىكى كىشىلەرنىڭ تەجرىبە تۇيغۇسىغا ئۇيغۇن ئىدى، شۇڭـا كـىـشـىـلـەر ئۇنىڭغا ئۇزاق مۇددەت چوقۇنۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ، ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىـن كېيىن، يەر مەركەز تەلىماتى »ئىنجىل«دە ئېيتىلغان يەر شارىنىڭ ھەرىكەتلەنمەي جىم تۇرۇشى، تەڭرىنىڭ ئىـنـسـانلارنـى ئالـەمـنـىـڭ مـەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى بىلەن ماس كەلگەچكە، دىنىي جەمئىيەت بۇنىـڭـدىـن پايدىلىنىپ كەتكەن، ئۇ گۇمان قىلىشقا بولمايدىغان دىنىي ئەقىدىگە ئايلىنـىپ، ياۋروپالىقلارنىڭ ئىدىيىسى ساھەسىدە1400 يىل ھۆكۈمـران بولـغـان. كېيىن كوپېرنىك پتولېمېي تەلىماتىدىكى شارسىمان زېمىن، قانۇنىـيـەتـلىك ھەرىكەت قىلىدىغان سەييارىلەر سىستېمىسى قاتارلىق جەۋھەرلەر ئاساسىـدا يـەر مەركەز تەلىماتىنى چۆرۈپ تاشلاپ، مەركەزنى قۇياشقا يـۆتـكـەپ، »قـۇيـاش مەركەز تەلىماتى«نى بەرپا قىلىپ، كوپېرنىكنىڭ ئاسترونومىيە ئىنقىلابـىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
پتولېمېي بىلىملىك ئىستېدات ئىگىسى، ئۇلـۇغ ئىـلـىـم ئەھلـى بولغاچقا، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە تـارقىلىـپ كەلگەن. پتولېمـېـي ئاسترونوم بـولـۇپلا قـالـمـاي، يـەنـە مـاتـېـمـاتـىـك، ئوپـتـىـكـاشـۇنـاس، جۇغراپىيەشۇناس ۋە خەرىتىشۇناس ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ خەرىتىـلـىرىنـىـڭ شەرق تەرىپى ھىندىستاندىـكـى گـانـگـې دەريـاسـىغىچـە ئىدى، ئۇ جۇڭگودىن غەربىي ياۋروپاغىچە، روسىيىدىن مىسىرغـىـچـە بـولـغـان دۇنـيـا خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان. ئۇ نۇرنىڭ سۇنۇشى ھەققىدە ئۈنۈملۈك تەتقىقاتلارنى ئىشلەپ، چۈشۈش بۇلۇڭى بىلەن سۇنۇش بـۇلـۇڭـىـنـىـڭ ئوڭ تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىققان، ئۇ يەنە تەتقىقاتىنى ماتېماتىكىلـىـق ئۇسـۇل ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇپ، سۇنۇش قانۇنـىـيـىـتـىـگـە يـېـقـىـنلاپ قالغان، ئەپسۇسكى ئۇنى بايقىيالمىغان. نەتىجىدە، سۇنۇش قانۇنىيىتىنى17 - ئەسىرگە كەلگەندە گوللاندىيىلىك ماتېماتىك سىنور تېپىپ چىققان.