UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەريىشىڭ

يىشىڭ

مەشھۇر شەخسلەر جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىـكـى ئەڭ داڭـلـىـق كـالـېـنـدارى «دايـەن كالېندارى» بولۇپ، مىلادىيە727 - يىلى (تـاڭ شـۈەنـزۇڭـنـىـڭ كـەيـيـۈەن يىللىرى) بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخـىـرى غـەرب كالېندارىنى ئىشلەتكۈچە بـولـغان900 يـىـل ۋاقـىـت ئىـچـىـدىـكـى ھەر قېتىملىق كالېندارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە «دايـەن كالېـنـدارى» ئاسـاس قىلىنغان. «دايەن كالېندارى» يەنە ياپونىيىگە ئېلىپ بېرىلـغـان، يـاپونىـيـە خەلقى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، دېھقانچىلىق مەۋسۇملـىـرىـنـى بـېـكـىـتـكـەن. ئاسترونوملار، «دايەن كالېندارى» بارلىـقـقـا كـەلـگـەن نـەچـچـە يـۈز يىل داۋامىدا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار كالېنـدار بـولـۇپ كـەلـدى دەپ بـاھـا بەرگەن. «دايەن كالېندارى» نى راھىب يىشىڭ (683 −727 ) تۈزگەن. راھىب يىشىڭنىڭ يەنە نۇرغۇن ئىجادىيەت - كەشپىياتلىرى بار بولـۇپ، ئۇ ئېـلـىـمـىـز قەدىمكى زامان ئاسترونوملىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى. راھىب يىشىڭنىڭ ئەسلىي ئىسمى جاڭ سۈي بولۇپ، ۋېيجۇنىڭ چـاڭلې (بۈگۈنكى خۇنەننىڭ نەنلې ناھىيىسى) دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، ئۇ كىچىكىدىـنلا ئەقىللىق ھەم تىرىشچان بولۇپ، بۇددا نوملىرىنى پىششىق ئوقۇغان، بـولـۇپـمـۇ ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكىغا ماھىر، ياش ۋاقىتلىـرىـدىلا يـىراق - يـېـقـىـنـغـا داڭق چىقارغان ئالىمغا ئايلانغان. ئۇ ۋۇ زېتيەننىڭ بىھايا - ئىشرەتخور جىيـەن ئوغـلـى ۋۇ سەنسى بىلەن باردى - كەلدى قىلىشنى خالىمىغاچقا، زاھىـتـلـىـق يولىنى تۇتۇپ، راھىبلىق نامىنى يىشىـڭ دەپ قـويـغـان. كـىـشـىـلـەر ئۇنـى راھىب يىشىڭ دەپ ئاتىغان. ئۇ مەشھۇر تاغلاردىكى چوڭ بـۇتـخـانـىلارنـى كېزىپ، ئۇستاز ۋە دوستلارنى تۇتقان. مىلادىيە717 - يىلى، تـاڭ شـۈەنـزۇڭ مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ يىشىڭنى ئاستانىگە ئالدۇرۇپ كېلىـپ، ئۇنـىـڭـغـا يېڭى كالېندار تۈزۈشنى بۇيرۇغان، يىشىـڭ يـېـڭـى كـالـېـنـدارنـى ئاسـمـان ھادىسىلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇنلاشـتـۇرۇش ئۈچـۈن، كـۆزىـتـىـش ئەسۋابلىرىنى ياساپ، ئەستايىدىل كۆزىـتـىـپ، ئالـدىـنـقـىلارنـىـڭ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ، ئاخىرى، قۇرۇلمىسى پۇختا، قاتلاملىرى ئېنىق، توغرىلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى «دايەن كالېندارى» نى تـۈزۈپ چىققان. يىشىڭ ياسىغان ئەسۋابلاردىن ئاسمان گلوبۇسى ۋە ئېـكـلـىـپـتـىـكـا ئەسۋابى بار. ئاسمان گلوبۇسى دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقـى سـائەت بـولـۇپ، غەربلىكلەرنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ۋىكور سائىتىدىن600 نەچچە يىل بـۇرۇن بارلىققا كەلگەن. ئېكلىپتىكا ئەسۋابى قۇياشنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسى (يەنـى، «ئەبزىيەت»)نى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب بولۇپ، بۇ ئەسۋابتىن پـايـدىـلـىـنـىـپ سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئورنىنى ئاسانلا كۆزەتكىلى بولىدۇ. ئەسۋاب ياسىلىپ بولغاندىن كېيـىـن، يـىـشـىـڭ كۆلىمى كەڭرى ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش پائالىيىتىنى قوزغىغان. ئۇ پۈتۈن مەملىكـەتـنـىـڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئون نەچچە كۈزىتىش پونـكـىـتـى تـەسـىـس قـىـلـىـپ، كۆزىتىش ئەھۋالىنى چاڭئەنگە ئۆز قەرەلىدە مەلۇم قىلدۇرغان. ئۇ،150 نەچچە يۇلتۇزنىڭ ئورنىنى يېڭىدىن كۆزىتـىـپ بـېكـىتكەن، كـۆزىـتـىـش داۋامـىـدا بـەزى يۇلتۇزلارنىڭ ئورنى قەدىمكىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك مەڭگۈ تۇراقلىق بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئاستا - ئاستا يۆتكىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. يىشىڭ يۇلتۇزلار ھەرىكىتىنى بايقىغان تۇنجى جۇڭگولۇق بولۇپ، بۇ ئەنگلىيىلىكلەر ئوتتۇرىغا قويغان يۇلتۇزلار ھەرىكەت قىلىدۇ دېگەن قاراشتىن تەخمىنەن1000 يىل بۇرۇن. «دايەن كالېندارى» تـامـاملانـغـان727 - يـىـلـى يـىـشـىـڭ چـارچـاش سەۋەبىدىن كېسەل بولۇپ،45 يېشىدا ۋاپات بولغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر