UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرفرانكلىن

فرانكلىن

مەشھۇر شەخسلەر ئامېرىكا تارىخىدىكى خەلقئارا ئابرۇيغا ئىگە تۇنجى ئالىم ۋە كەشپىيـاتچـى فرانكلىن (1706 −1790 ) كىچىكىدە مەكتەپتـە ئىككى يـىـللا ئوقۇغـان. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى − پۈتۈنلەي قېتىرقىنىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەنلىكىنـىـڭ نەتىجىسى. فرانكلىن ئاساسەن ئۆزىـنـىـڭ ئېلـېكتـر ئىـلـمـى جـەھەتـتـىـكـى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن مەشھۇر ئالىمغا ئايلانغان. بىر قېتىم ئۇ ئېلېـكـتـر ئىلمى تەجرىبىسى ئىشلەۋاتقاندا، ئايالى ئېھتىياتسىزلىقتىن، زەرەتلەنگەن مېتـال تاياقچىغا تېگىپ كېتىپ، «ۋاژ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇچقـۇن چـاچـراپ ئايالىنى توك سوقۇۋېتىدۇ. بۇ تاسادىپىي ئىشتىن فرانكلىن تەبىئىي چاقماق سۈنئىي پەيدا بولغان ئېلېكتر بىلەن ئوخشاش بولۇشى مۇمكىنلىكىنـى ھېـس قىلىدۇ. ئۇ، بۇ قىياسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، يامغۇر يېغىپ چاقماق چاققانـدا لەگلەك ئۇچۇرۇشنى پىلانلايدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندا ئېلېكـتـر ھۆل بـولـغـان لەگلەك يىپى بىلەن ئۆتۈپ كېلەلەيتتى. بۇ گەرچە ئىنتايىن خەتەرلـىـك ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەقىقەت ئۈچۈن ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ.1752 - يىلى7 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، فرانكلىـن لەگلـەك ۋە زەرەت قاچىلىغۇچنى ئېلىپ دالىغا بېرىپ، لەگلەك ئۇچۇرىدۇ، يامغۇر شارقـىـراپ يېغىپ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ چاقماق چاققاندا فرانكلىن بـىـر مـىـس ئاچقۇچنى لەگلەك يىپىغا چىگىپ قويـىـدۇ. توساتتىن چاقماق چېقىپ لەگلەك يىپىنىڭ بوش تالالىرى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغـان كـۈچ تىرەپ تۇرغاندەك تىك بولۇپ كېتىدۇ. فرانكلىن قولىنىڭ ئۇيۇشقانلىقـىـنى ھېس قىلىدۇ، ئۇ قولىنى مىس ئاچقۇچـنـىـڭ يـېـنىـغـا ئاپـارغـان ھامان، ئاچقۇچتىن ئۇچقۇن ئېتىلىپ چىقىدۇ. فرانكلىن «مېنى توك سوقتى! چاقماقنىڭ ئۆزى توك ئىكەن!» دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ، ئۇنـىـڭ تەلىيىگە بۇ قېتىم چۈشكەن چاقماق ئاجىزراق بولغاچقا، فرانكلـىـن يارىلانمايدۇ. نەتىجىدە، فرانكلىن ھاياتىنـىـڭ خـەۋپـكـە ئۇچـرىـشـىـغـا قارىماي چاقماقنىڭ سىرىنى ئېچىپ، كۆكتىكى چاقمـاق بـىـلـەن يـەردىـكـى زەرەت ئۇچقۇنى ياكى سۈركىلىشتىن پەيدا بولغان زەرەتنىڭ بىردەكلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ قېتىمقى مەشھۇر »لەگلەك تەجرىبىسى« ئەينى چاغدا پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان. فرانكلىن ئاجايىپ تەجرىبە ئىقتىدارىنى ئاسـاس قـىـلـىـپ، ئېـلـېـكـتـر ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، مۇسـبـەت زەرەت، مـەنـپـي زەرەت، ئۆتكۈزگۈچ، باتارېيە، زەرەتلەش... دېگەندەك نۇرغۇن مەخسۇس ئاتالغۇلارنى ئىجاد قىلـىـدۇ، بـۇلار دۇنـيـادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان لېكسىكا تەركىبىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ ماتېماتىكىدىكـى مەنپىي، مۇسبەت ئۇقۇمىدىن پايدىلىنىپ، زەرەتنىڭ خاراكتېـرىـنـى تـۇنـجـى بولۇپ ئىلمـىـي ھالـدا مـۇسـبـەت زەرەت، مـەنـپـىي زەرەت ئۇقـۇمـى بـىـلـەن ئىپادىلەيدۇ ۋە زەرەت پەيدا بولمايدۇ ھەم يوقالمايدۇ دېگـەن ئىـدىـيـىـنـى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، كېيىنكىلەر مۇشۇ ئاساستا زەرەتنىڭ ساقلىنىش قانۇنىـنـى بايقايدۇ. ئۇ چاقماق قايتۇرغۇچ ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرنى ئەڭ بالدۇر ئوتـتـۇرىـغـا قويغان، مۇشۇ ئاساستا چاقماق قايتۇرغۇچنى يـاسـاپ، چـاقـمـاق ئاپىتىدىن ساقلىنىپ، خۇراپاتلىقنى تۈگەتكەن. فرانكلىن يەنە مۇنەۋۋەر سىيـاسـىيون، ئامېرىكـا مـۇستەقـىللىق ئۇرۇشىدىكى پېشقەدەم جەڭچى. ئۇ «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ۋە ئامېرىكـا ئاساسىي قانۇنىنى تەييارلاشقا قاتناشقان، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلـىـشـنـى پائال تەشەببۇس قىلىپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر