UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرخۇاتو

خۇاتو

مەشھۇر شەخسلەر جۇڭگونىڭ مەشھۇر كلاسسىك ئەدەبىي ئەسىرى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دە «گۈەنيۈنـىڭ سـۆڭىكىدىكـى زەھەرنى تـازىلاش» توغرىسىدىكى ھېكايە بار بولۇپ، گۇەنيۈنىڭ بىر ياقتىن شاھمات ئوينىغانلىقى، بىر ياقتىـن خۇاتو (؟ −208 ) گۈەنيۈنىـڭ بـىلەك گۆشىنى يېرىپ، سۆڭىكىنى قىرىپ زەھەرنى تازىلىغانلىقى ھېكايە قىلىنغان. قارىمـاقـقـا گـۇەنـيـۈ ئاغرىققا چىداملىقتەك قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە، خۇاتو ئوپېراتسىيىدىن ئىـلـگـىـرى بىھوش دورىسى ئىشلـەتـكـەن. خـۇاتـو دۇنـيـا بـويـىـچـە تـۇنـجـى قـېـتـىـم بىھوشلاندۇرۇپ ئوپېراتسىيە قىلىشـنـى كـەشـىـپ قـىـلـغـان ئادەم بـولـۇپ، «خىسلەتلىك دوختۇر» دەپ ئاتالغان. خۇاتونىڭ تەخەللۇسى يۈەنخۇا بولۇپ، شەرقىـي خـەن سـۇلالـىـسـىـنـىـڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئەنخۇيدا ياشىغان. ئۇ ئۆمۈر بويى ئەل كېـزىـپ كـېـسـەل كۆرۈپ، كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە تەنتەربىيە ئارقىلـىـق ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاجايـىـپ مـۇۋەپـپـەقـىـيـەتـلـەرگـە ئېرىشكەن. ئۇ خەلقنىڭ ھال - دەردىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، كېسەللـەرنـى داۋالاپ قۇتقۇزۇپ قالغاچقا، خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېـرىـشـكەن. بـىـر قـېـتـىـم كىشىلەر بىر بىمارنى داۋالىتىش ئۈچۈن خۇاتونىڭ يېنىغا ئېلىـپ كـېـلـىـدۇ، بىمار ئىككى قولى بىلەن قورسىقىنى تۇتۇۋېلىپ ئاغرىـقـقا چىدىيالماي، جىرغىدا ئۆزىنى ئۇياقتىن - بۇياققا ئاتىدۇ. خۇاتو ئاۋۋال يـىـڭـنـە سانجىپ داغلاش ئارقىلىق داۋالايدۇ، بۇ ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، ئوپېراتسىيە قىلىشنى قارار قىـلـىدۇ. خۇاتو ئاۋۋال بىمارنى «بىھوشلاندۇرۇش تالقىنى» نى ھاراققا قوشۇپ ئىچىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، ھەش - پەش دېگۈچە بىمار مىدىر-سىدىر قـىلماي يېتىپ قالىدۇ، خۇاتو دەرھال تىغنى قولىغا ئېلىپ ئوپېراتسىيىنى باشلايدۇ، قورساق يېرىلغاندىن كېيىن، قورساق ئىچىگە پۈتۈنلەي يـىرىڭـلىق قـان تولۇپ كەتكەنلىكى، ئەسلىدە سازاڭسىمان ئۆسۈكچىنىـڭ يـېرىلىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بىمار ئوپېراتسىيىدىن كېيىن تولۇق ساقىيىدۇ. بۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن قىلىنغان سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ئوپېراتسىيىسىدۇر.  خۇاتونىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى ۋە تۇغۇت توغرىسىـدىـمـۇ چـوڭـقـۇر بىلىمى بار. مەلۇم بىر ئايالنىڭ دائىم بېلى ئاغرىيدۇ، چىرايى تاتىرىپ پۈتـۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ، نۇرغۇن تېۋىپلارغا كۆرۈنۈپمۇ ساقىيالمـايـدۇ. خـۇاتو تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېـيـىـن: «ھامـىـلـىدارلـىـق مـەزگـىـلـىـڭـىـزدە زەخىملىنىپسىز، ھامىلە تۇغۇلماپتۇ» دەيدۇ. ھېلىقى ئايال: «بالىنـى تۇغۇپ بولدۇم» دەيدۇ. خۇاتو: «ئىككى بېلىكىڭىزدىكى تومۇرنىڭ سوقۇشىدىن قارىغاندا، قورسىقىڭىزدا يەنە ھامىلە بار ئىكەن» دەيدۇ. ئەسلىدە بۇ ئايالنـىـڭ قورسىقىدىكىسى قوشكېزەك بولۇپ، بىرى تۇغۇلۇپ، بىرى ئۆلۈپ قورساق ئىچىدە قالغاچقا، كېسەل پەيدا قىلغانىكەن. خۇاتو ئۇنـى يىڭنە سانجىپ داغلايدۇ، تۇغۇت ياردەمچىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئاخىر يەنە بىر ئۆلۈك ھامىلە تۇغۇلىدۇ. خۇاتونىڭ تېببىي ماھارىتى يۇقىرى بولغاچقا، نامى ھەر تـەرەپـكـە تارايدۇ، ساۋساۋ ئۇنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي تېۋىپى قىلماقچى بولىدۇ. خۇاتـو بۇنىڭغا قوشۇلمىغاچقا، ساۋساۋ ئۇنى زىندانغـا تـاشلايـدۇ. خـۇاتـو زىـنـدانـدا كېسەل داۋالاش تەجرىبىلىرىنى «كۆك كىمخاب دەستۇرى» قىلىپ يېزىـپ، گۇندىپاي ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىپ ئەۋلادلارغا قـالدۇرماقچـى بـولـىـدۇ. ئويلىمىغان يەردىن بۇ گۇندىپاي خۇاتوغا چېتىلىپ قېلىشتىن قورقـۇپ، ئۇنـى قوبۇل قىلمايدۇ. خۇاتو يېزىپ تەييـارلـىـغـان كـىـتـابـىـنـى ئەلەم ئىـچـىـدە كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.208 - يىلى خۇاتونى ساۋساۋ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
خۇاتو | UyghurWiki | UyghurWiki