لـى سىگۇاڭ
مەشھۇر شەخسلەر
تارىختىن زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول دەپ ئاتىلىپ كەلگەن جۇڭـگـونـى1956 - يىلىدىن ئىلگىرى چەت ئەللىكلەر نېفىتى يـوق دۆلەت دەپ كەلگەنىدى، دۇنيا ئاھالىسىنىڭ4 تىن1 ىنى تەشكىل قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار ئەجنەبىيلەرنىڭ نېفىتىگە تايىناتتى. گېئولوگ لى سىگۇاڭ (1889 −1971 ) تۇنجى ئىجاد قىلغان گېئو مـېخـانـىـكـا جۇڭگونىڭ نېفىت خەزىنىسى قوۋۇقىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ «نېفىتـى يـوق» لۇق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكـى نـېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
لى سىگۇاڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭگاڭ دېگەن يېرىدىن،16 يېشىدا ياپونىيىگـە بېرىپ ئوقۇغان، سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاقداشلار ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقان؛25 يېشىدا ئامېرىـكـىغا بېرىپ گېئولوگىيـە ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن. ۋەتەنگە بالدۇرراق جاۋاب قـايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ،1920 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا گېئولوگىـيە پروفېسسورى بولغان. كېيىنكى50 يىلدا، ئۇ بىر تـەرەپتىن دۆلەت ئۈچۈن گېئولوگىيە ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلىسە، بىر تەرەپتىن تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولغان. يېڭى جۇڭگو قـۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن بـاشلىقى، گېئولوگىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئېلىمىز ئىلىم - پەن ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى.
لى سىگـۇاڭنىـڭ ئەڭ زور تـۆھپىـسـى شـۇكـى، ئۇ گـېئولـو مېخانىكىنى بەرپا قىلدى ۋە مېخـانـىـكـا قـارىشى ئارقىلىـق يـەر پوستىنىڭ ھەرىكەت ھادىسىسىنى تەتقىق قىلىپ، گېئولوگىك ھەرىكەت بىلەن قېزىلما بايلىقلارنىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىـزدىـنـىـپ، جۇڭگودا نېفىت يوق دېگەن يەكۈننى نەزەرىيە جەھەتتىن ئاغدۇرۇۋېتىپ، جۇڭگودا ئوبـدان نـېفىت زاپىسـى شارائىتىنىڭ بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.1956 - يىلى، ئۇ ئومۇميۈزلۈك نېـفـىـت قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە داچىڭ، غالىبـىـيـەت، داگـاڭ، شـىمـالىي جۇڭگو، جاڭخەن قاتارلىق نېفىتلىكلەرنى تېپىپ، جـۇڭگونىڭ نـېفىـت سانائىتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. لى سىگـۇاڭ مـۇستەقىل بەرپا قىلغان گېئومېخانىكا ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش داۋامـىـدا شانلىق نۇر چاچتى، نېفىتلىك، ئۇران كانى، ئالماس ۋە خروم، ۋولـفـرام كانى، يەر ئىسسىقلىقى بايلىقى قاتارلىقلار مۇشۇ نەزەرىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تېپىپ چىقىلدى.
لى سىگۇاڭ ۋەتەننى قىزغىن سۆيدى، ئۇ ۋەتەننىڭ ھەممـە جـايلىرىغـا بېرىپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلىدى. ئۇ20 - يىللاردىكى ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا، تەيخاڭشەن تېغـى بـاغـرى، داتـۇڭ ئويمانلىقى، شاڭلۇسەن تېغى، خۇاڭسەن تېغىـدىـن4 - ئېرادىكـى مۇزلۇق ئىزلىرىنى بايقاپ، خەلقئارادىكى نۇرغۇن مۇزلۇق ئىلمى نوپۇزلۇقلىرىنىڭ جۇڭگودا4 - ئېرا مۇزلۇقلىرى يوق دەپ كېسىپ ئېيتقان خاتا خۇلاسىسىنـى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ۋە4 - ئېرادىكى مۇزلۇق ھەققىدىكى گېئولوگىك تەتقىقاتقـا ئەھمىيەت بېرىپ، سۇ ئىنشائاتىنى گۈللەندۈرۈش، سۇ - تۇپراقنـى سـاقلاش، كان بايلىقلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش، چوڭ تىپتىكى قـۇرۇلۇشلارنى لايىھىلەشنى ئىشەنچلىك گېئولوگىك ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچنى تېجەپ قالدى.
ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى، يەنە، گېئومېـخـانـىـكـا نەزەرىيىسىنى يەر تەۋرەشكە تەتبىقلاپ، يەر كۈچىنىشىنىڭ ئۆزگىرىشىنـى كۆزىتىش ۋە يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى ئىـجـاد قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ يەر تەۋرەش تەتقىقاتى ئۈچۈن ئاساس سالدى