UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرجـۇ كېجېن

جـۇ كېجېن

مەشھۇر شەخسلەر جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرسىڭىز «ھەقىقەتـنـى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» دېگەن خەت كۆزىڭىزگە تاشلىنىدۇ. بۇ خەت «جـېـجـيـاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەرۋىشچىسى» دەپ ئاتالغان سابىق مەكتەپ مۇدىرى، پروفېسسور جۇ كېجېن (1890 −1974 ) نىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەكتەپ تەلىمى ئىدى. جۇ كېجېن مۇشۇ روھ بىلەن جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى «لۈكچەكلەر ئۇنىۋېرسىتېتى» دىن «شەرقتىكى كـامبرج» دەپ ئاتىلىدىغـان مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئايلاندۇرغان. جۇ كېجېن دەل مۇشۇ روھ بىلەن ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامانىدىكى مەشھۇر ئالىمى ۋە پېداگوگىغا ئايلىنـىـدۇ. جۇ كېجېن ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان جۇغراپىيىسى ۋە مېتېئورولوگىيىسىنىڭ ئاساسچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ كىلىماتى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئىلىم - پەن تارىخى تەتقىقاتىدا گەۋدىلىـك مـۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ يېڭى جۇڭـگـو قۇرۇلغـاندىن كېيىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. جۇ كېجېن جېجياڭنىڭ شاۋشىڭ شەھىرىدىكى دۇڭـگـۇەن بـازىـرىـدىـن، كىچىكىدە يېزا تۇرمۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقـا، يـېـزا ئىـگـىلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي كۈرەش نىشانى قىلغان. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، فېنولوگىيە ئارقىلىق دېھقانچـىلىق ئىـشلىرىغـا يېتەكچىلىك قىلىش ئېلىمىزنىڭ قەدىمكـى زامان يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى. جۇ كېجېن فېنولوگىيە بىلىملىرىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر بىلگەچكە، فېنولوگىيە تەتقىقاتىنـى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، فېنولوگىك كۆزىتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان ۋە «فېنولوگىيە» كىتابىنى يېزىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا كەڭ تەسىر پەيدا قىلغان. جـۇ كېجېن يەنە قەدىمكى زامان ھۆججەت - ماتېرىياللىرىدىن فېنولوگىيىگـە دائىـر خاتىرىلەرنى توپلاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن، سېلىشتـۇرۇپ تـەتقـىـق قىلىش ئارقىلىق، فېنولوگىيىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشىنـى ئۆلچەم قىلغـان كىلىمات ئۆزگىرىشى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان. جۇ كېجېن باشتىن - ئاخىر: ئىلىم - پەن خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىمى «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش»، يەنى، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، كەڭ، چوڭقۇر، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، توغرا يەكۈنگە ئېرىشىش ۋە بۇ يەكۈننى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاش كېرەك، دەپ قارايدۇ، ئۇ مانا مۇشۇ خىل روھ بىلەن ھەر كۈنى كىچىك كەيتى نۇسخىسىدا رەتلىك خاتىرە يـازغان. جـۇ كېـجـېـنـنىڭ ھازىرغىچە ساقلانغان خاتىرىلىرىدىن40 نەچچىسى بار، ئۇ نـەچـچـە ئون يىل مابەينىدە خاتىرە يېزىشنى بىر كۈنمۇ توختاتمىغان. ئۇ كۈندىلىك خاتىرىنىڭ باشلىنىشىغا شۇ كۈندىكى تېمپېراتۇرا، ھاۋا بېسىمى، شامال، بۇلۇت، فېنولوگىك كۆزىتىشنى خاتىرىلەيدۇ. بـۇ ئۇنىڭ كۈندىلىك خىزمەت خاتىرىسى، تەسىرات خاتىرىسى، شۇنداقلا تۇرمۇش ئەسلىمىسى. بۇ خاتىرىدە ئەستايىدىل، ئىجتىھاتچان ئالىمنىڭ تۇرمۇش ئىزى خاتىرىلەنگەن. جۇ كېجېن − ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئالىملىرى قوشۇنىدىكى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ ھەقىقىي نەمۇنىسى.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
جـۇ كېجېن | UyghurWiki | UyghurWiki