UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرئاسۇكا

ئاسۇكا

مەشھۇر شەخسلەر ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربىدا ئۈچ دانە سۈرلۈك ئەركەك شىرنىڭ بەلگىسى، ئۇنىڭ ئاستى تەرەپ ئىككى يېنىدا بىر كالا بىلەن بىر ئاتنىڭ بەلگىسى، ئوتتۇرىسىدا24 شادىلىق فالۇن (دارماكاكرا)نىڭ بەلگىسى، ئەڭ ئاستى تەرىپىدە كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ھىندى يېزىقىدىكى «ھەقىقەت چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ» دېگەن خەت بار. بۇ بەلگىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ئاسۇكا بۇددا دىنىنى تەرغىب قىلغاندا تىكلىگەن تاش تۈۋرۈكنىڭ بېشىدىكى ئويما نەقىشتۇر. ئۇ ئاسۇكانىڭ دارما سىياسىتىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، «دارماكاكرانىڭ قەدىمى يەتكەنلا جاي بويسۇندۇرۇلماي قالمايدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئاسۇكا (؟ − مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى232 - يىللار) قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماگاتا دۆلىتى ماۋۇريا (توز) خانلىقىنىڭ3 - ئەۋلاد پادىشاھى. ئاسۇكا «غەمسىز» دېگەن مەنىدىكى سۆز بولغاچقا، ئۇ «غەمسىز پادىشاھ» دەپمۇ ئاتالغان، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى273 - يىلى تەختكە ئولتۇرغان. ئەينى چاغدا ھىندىستاننىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، پەقەت جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى كالىنجار بىلەن باشقا بىرنەچچە كىچىك بەگلىكلا بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەن بولغاچقا، ياش ئاسۇكا ھىندىستاننىڭ بارلىق زېمىنىنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دائىرىسىگە كىرگۈزمەكچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ تەختكە ئولتۇرۇپ ھايالشىمايلا كالىنجارغا ئۇرۇش قوزغىغان. بۇ قېتىمقى ئۇزۇن سەپەردە، ئاسۇكا150 مىڭ ئادەمنى ئەسىرگە ئالغان،100 مىڭچە ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان. دەسلەپتە، ئۇ بۇ غەلىبىسىدىن ناھايىتى خۇشال بولغان، كېيىن قارشى تەرەپنىڭ پادىشاھىنىڭ ئۆلۈۋالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كۆڭلى بەك يېرىم بولۇپ: «قورال كۈچى ئارقىلىق زېمىننى بويسۇندۇرغىلى بولغان بىلەن، ئادەمنىڭ قەلبىنى بويسۇندۇرغىلى بولمايدىكەن» دەپ ئاھ ئۇرغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قىرغىنچىلىق ۋە ھۇجۇمنى توختىتىپ، قوشۇننى چېكىندۈرگەن ھەمدە پەرمان چۈشۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئۆزىنىڭ پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئارقىدىن، ئۇ بۇددا دىنىغا بەيئەت قىلىپ، ساكيامۇنىغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن، بۇددا دىنىنى ھىندىستاننىڭ دۆلەت دىنى دەپ جاكارلاپ، زوراۋانلىقتىن قول ئۈزۈش ھەققىدە قەسەم قىلغان. بۇددا ئەقىدىلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، كۆپلەپ بۇتخانا، ئىبادەتخانىلارنى سالدۇرغان، بۇددا ئىزنالىرىنى تاۋاپ قىلىپ، بارغانلا يېرىدە ئابىدە تىكلەپ ماڭغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىل راھىبلارنى تاللاپ تەرەپ - تەرەپكە، ھەتتا پېرسىيە، يۇنان، سرى لانكا قاتارلىق جايلارغا دىن تارقىتىشقا ئەۋەتىپ، بۇددا دىنىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، بۇددا دىنى ھىندىستاندىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە تارالغاچقا، كېيىنكىلەر ئۇنى «بۇددا دىنى پادىشاھى» دەپ ئاتىغان. ئاسۇكا يەنە سۇغىرىش قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش، يول ياساش، شىپاخانا قۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان40 يىلدا، ماۋۇريا خانلىقى ھىندىستان تارىخىدىكى تۇنجى بىرلىككە كەلگەن قۇدرەتلىك ئىمپېرىيە بولۇپ قالغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
ئاسۇكا | UyghurWiki | UyghurWiki