UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرلى گوخاۋ

لى گوخاۋ

مەشھۇر شەخسلەر «ئاسما كۆۋرۈك لى» − گېرمانىيـە كـۆۋرۈك سـاھەسـىدىـكـىلەرنـىـڭ ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر كۆۋرۈك قـۇرۇلـۇش مـۇتـەخـەسـسىسـى لـى گوخـاۋ (1913 − ) نى تەرىپلەپ ئاتىشى. لى گوخاۋ ئوتتۇرىغا قـويـغـان ئاسـما كۆۋرۈكنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشىـنـى ھېسـابلاش ئۇسۇلى قىيىنراق بولسىمۇ، لېكىن ئىنچىكىلىك دەرىـجـىـسـى زور دەرىجىدە ئۆسكەچكە، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسىـنـى تـۆۋەنلەتـكىلى، كۆۋرۈكنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يېقىنـقـى يـىـللاردىـن بـۇيـان، كومپيوتېرنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگـىـشـىـپ، ھېـسـابلاش قـىـيـىـن بـولـۇش مەسىلىسى كەلمەسكە كەتتى، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇسۇل يەنىمۇ ئومۇملاشتى. لى گوخاۋ گۇاڭدۇڭنىڭ مېيشـەن ناھىيىسىدە تـۇغـۇلـغـان،1936 - يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن تۇڭجى ئۇنىۋېرسـىتـېـتـىـنـى پـۈتكۈزگـەن،1938 - يـىلى گېرمانىيىگە ئوقۇشقا بېرىپ،1940 - يىلى دوكتورلۇق ئۇنـۋانىغـا ئېرىشكەن. لى گوخاۋ ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىدە ئوتتـۇرىغا قويغان ئۆزگىچە ئىنچىكە ھەم سىستېمىلىق ھېسابلاش نەزەرىيىسـى ئاسمـا كۆۋرۈكنىڭ قانچىلىك بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغـانلىقىنـى ھېسابلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قـىلـىـپ، يـاۋروپـا كۆۋرۈك قـۇرۇلۇشى ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان، ئۇلار لى گوخاۋنـى «ئاسما كـۆۋرۈك لى» دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بىر قاتار يېڭى تەتقىقات تېمىلىرىنـى ئوتـتـۇرىـغـا قويۇپ، ئون نەچچە پارچە مۇھىم ئىلمىي ماقالىنى ئېلان قـىـلـىـپ، كـۆۋرۈك قۇرۇلۇشى ساھەسىنىڭ ئىلمىي نەزەرىيە خەزىنىسىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى.1946 - يىلى، لى گوخاۋ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تـۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى، ئۇ ئالدىراش مەمۇرىي ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىدىن باشقا ۋاقىتلىرىدا، كۆۋرۈك ئىلمى تەتقىقاتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، نەچچە ئون پارچە مۇھىم ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. لى گوخاۋ دائىم ئىشلىتىلىدىـغان بېتون كۆۋرۈك قۇرۇلمىسىدا، نورمال تەسەۋۋۇرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھېسابلاش ئۇسۇلى مەسىلىسـىنـى ھەل قىلدى، بـۇ «لى گوخاۋ نەزەرىيىسى» دەپ ئاتىلىپ، خەلقئارا كـۆۋرۈك ساھەسىـدە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى.1957 - يىلى، ۋۇخەن - چاڭجـيـاڭ كـۆۋرۈكى پـۈتكەندىن كېيىن، قاتناش باشلىنىدىغان كـۈنـى نـەچـچـە10 مـىـڭ ئادەم كۆۋرۈككە چىقىۋالغاچقا كۆۋرۈك سىلكىنىدۇ. بۇنىڭ بىلـەن كىشىلەردە كۆۋرۈكنىڭ پۇختىلىقىغا گۇمان پەيدا بولىدۇ. چېڭدۇ - كۇنمىڭ تـۆمـۈريـول كۆۋرۈكىنى لايىھىلەش تەتـقىـقاتـى ۋە نـەنـجـىـڭ - چـاڭـجـيـاڭ كۆۋرۈكىنى ياساشقا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتـكـەن لـى گوخاۋنىڭ بۇ مەسىلىنى ئويلىنىدىغان ۋاقتى يـوق ئىـدى.1966 - يـىـلــغـا كەلگەندىلا، ئىنتايىن مۈشكۈل شارائىتتا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىـپ،1973 - يىلى100 نەچچە مىڭ خەتلىك «كۆۋرۈك لىمىنىڭ تولغانما نەزەرىيىسـى − لىملىق كۆۋرۈكنىڭ تولغىنىشى، مۇقىملىقى ۋە تەۋرىنىـشى» (1975 - يـىـلى نەشر قىلىنغان) دېگەن ئەسەرنـى يـېـزىـپ، كـىـشـىـلـەر تـوپـى قىستاڭچىلىقى بولمىسىلا كۆۋرۈكنىڭ سىلكىنمەيدىغـانـلـىـقـىنـى نـەزەرىـيـە جەھەتتىن ئىسپاتلاپ چىقىدۇ، كۆۋرۈكنىڭ مۇقىملىقىدا مەسـىـلـە يـوق دېگەن يەكۈننى چىقىرىپ، لىملىق كۆۋرۈكنـى لايـىـھـىـلـەش، يـاساشـنـى ئىشەنچلىك نەزەرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. لى گوخاۋنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى سەۋەبىـدىـن، خـەلـقئارا كـۆۋرۈك ۋە قۇرۇلما ئىنژېنېرىيىسى جەمئىيىتى ئۇنى1981 - يىلى ئون نەپەر خـەلـقئارا مەشھۇر كۆۋرۈك مۇتەخەسسىسىنىڭ بىرى قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر