UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرنىگتىنگال

نىگتىنگال

مەشھۇر شەخسلەر قىزىل كرېست جەمئىيىتى تارقاتقان نىگتىنگال ئوردېنى − بۈگۈنكى دۇنيـا ھەرقايسى ئەل سېسترالىرىنىڭ ئالىي شەرىپى. ئەنگلىيىلىك فلورېنىس نىگتىنگال (1820 −1910 ) ئۆمۈرۋايەت پەرۋىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ كۆپ قېتىم خەتەرلىك مۇھىتتا ئاغرىققا سەۋەب، ئۆلۈمگە ئامال قىلـغان ھەم ئەڭ بالدۇر ئىلمىي پەۋرىش نىزامىنى تۈزۈپ چىقىپ، دۇنيا بويىچە تـۇنجى سېسترالار مەكتىپىنى قۇرۇپ، سىستېمىلىق تەربىيىلەشتىن ئۆتكەن بىر تۈركۈم سېسترالارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. نىگتىنگال سېسترالىقنى ئالىيجاناب ئىنسانپەرۋەرلىك كەسپىگە ئايلاندۇرغان، ئۆزىـمـۇ كېيىنكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. نىگتىنگال پۇلدار ھەم ئىمتىيازلىق ئائىلىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدە ياخشى تەربىيـە ئالغان ھەم ئاپىسى بىلەن بىللە نامراتلار ۋە كېسەللەرنى يوقلاپ تۇرغان، مـۇشـۇ جەرياندا ئۇ داۋالاش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالغان. كېيىن، ياۋروپادىكـى ھەرقـايـسـى ئەللەرگە بېرىپ، دوختۇرخانا ۋە سېسترالىق خىزمىتىنى تەكشۈرگەن، شۇنىڭدەك گېرمانىيىدە مەخسۇس پەرۋىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن. ۋەتىنىگە قـايتقـاندىن كېيىن، لوندوندىكى بىر دوختۇرخانىدا مۇپەتتىشلىك قىلغان. قىرىم ئۇرۇشى پارتلىغاندا، قۇرۇق نامىلا بار ئەنگلىيە ئۇرۇش مەيـدانـى دوختۇرخانىسى، ئەمەلىيەتتە، ۋەيرانە كونا ھەربىي لاگېر بولۇپ،1000 كىشـى سىغىدىغان گازارمىدا4000 دىن ئارتۇق يارىدار قىستىلىشىپ يـاتقان. نىگتىنگال ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، دەرھال38 نەپەر سېسترانـى ئېلىپ نەق مەيدانغا بارغان، بۇنىڭ بىلەن ئەھۋالدا مەلۇم ياخشىلىنىش بـولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مەرتىۋىسى ۋە ئابرۇيىدىن پايدىلىنىپ، ھەربىي دائىرىـلـەر تـەسىس قىلغان قاتمۇقات توسالغۇلاردىن ئۆتۈپ، يارىدارلارنىڭ يېنىغـا كـېلىپ، ئۇلارنىڭ يوتقان - كۆرپىلىرىنى يۇيۇپ بەرگەن، جاراھەتلـىـرىـنـى تازىلىغان، پىت، چاشقانلارنى يوقاتقان، ھەتتا پوللارنى سۈرتكەن. ئۇ ئۆز يېنىدىن30 مىڭ فوند ستېرلىڭ ئاجرىتىپ، دوختۇرخانىنىڭ دورا بۇيۇملىرى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تولۇقلاپ، جـەڭ مەيدانى دوختۇرخانىسىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەن. تۆت ئايدىن كېيىن، يارىدارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %42 تىن 2% كە تۆۋەنلىگەن. نىگتىنگالنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، يارىدارلار ئۈچۈن ئاشخانا سېلىنغان، ئوپېراتسىيەخانا تەسىس قىلىنغان، سېسترالارغا كۆزىتىش تۈزۈمى ئورناتقان. ئۇ ھەر كۈنى كەچتە لامپا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، كېسەللەرخانىلىرىنى تەكشۈرگەن، بىر كېچىدىكى تەكشۈرۈش مۇساپىسى7 كىلومېتىردىن ئاشقان. نىگتىنگالنـىـڭ ھەر كۈنلۈك خىزمەت ۋاقتى20 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇ زىيادە چارچاش تۈپەيلىدىن، ئۆمۈرۋايەت ساقايمايدىغان كېسەلنى يۇقتۇرۇۋالغان. نىگتىنگالنىڭ پەزىلىتى ۋە نەتىجىسى ناھايىتى تېزلا پۈتۈن ئەنگلىيىـگـە تارالغان. ھۆكۈمەت ۋە خەلق بەس - بەستە ئىئانە توپلاپ، دوختۇرخانىنىڭ ئەسلىھەلىرى ۋە يارىدارلارنىڭ پاراۋانلىقـىنى زور دەرىـجـىـدە ياخشىلىغان. ئۇنىڭ پەرۋىش خىزمىتىدىكى ئىسلاھاتى ئەنگلىيـە ۋە يـاۋروپـا دوختۇرخانىلىرىغا كېڭەيگەن ۋە ئۈنۈمىنى كۆرسەتكەن.1860 - يىلى نىگتىنگال دۇنيا بويىچە تۇنجى سېسترالار مەكتىپىنى قـۇرغان ھەم ئۆزى پەرۋىش ئىلمى، سەھىيە - ساقلىقنى ساقلاش ئىلمى ۋە دوختۇرخانا باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا ئائىت دەرسلىكلەرنى يېزىپ چىققان. نىگتىنگال سېسترالارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، پەۋرىش ئىلمىنى مېدىتسىنا ئىلمىدىكى رەسمىي پەنگە ئايلاندۇرۇپ، ئىـنسانلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
نىگتىنگال | UyghurWiki | UyghurWiki