ئوم
مەشھۇر شەخسلەر
ئېلېكتر ئىلمىدىكى ئەڭ مۇھىم قـانـۇنلارنـىـڭ بـىـرى ئوم قـانـۇنـىـنـى گېرمانىيىلىك فىزىك ئوم (1787 −1854 ) بايقىغان.
ئوم كىچىكىدىنلا ئاتىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ماتېمـاتـىـكـا ئۆگـەنگەن ۋە دادىسىنىڭ قۇلۇپ كارخانىسـىـدا چـېـۋەر ئىـكـكـى قـولـىـنـى چېنىقتۇرۇپ چىققان، بۇ ئۇنىڭ كېيىن تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنـى ئۆز قـولى بىلەن ياساپ، تەجرىبە تەتقىقات ئىشلىشى ئۈچۈن ئوبدان ئاساس بولـغان. ئۇ1811 - يىلى ئېرلانگىن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن ھەمـدە دوكـتـورلـۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ئومدىن ئىلگىرى، كىشىلەرنىڭ ئېلېكتر كۈچى، ئېـلـېكـتـر بـېـسىمـى ئۇقۇملىرى ئېنىق ئەمەس ئىدى، ئېلېكتر قارشىـلـىـقـى ئۇقـۇمـى ئەسلا يوق ئىدى. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىـق تـۈپـەيلـىدىـن، ئوم ئۇزاق مـۇددەت ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بـولـغان. ئۇ ئوقـۇتـۇش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، شۇ دەۋرلەردىكى ئۇلۇغ فىزىكلار بىلەن ئۇچرىشىشقا پۇرسەت چىقىرالمىغان. ئوم خىزمەتتىن سىرتقـى ۋاقىتلاردا، ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا، ئۆزى ئەسۋابلارنى لايىھىلەپ ۋە ياساپ، تەجرىبـە ۋە تەتقىقات ئىشلىگەن. ئۇ كۇلوننىڭ ئۇسۇلىنى ئۆزگىچە تەتبىقلاپ، ئېلېكتـر تولغانما تارازىسىنى ياساپ چىقىپ، توك كۈچىـنـى ئۆلچەپ، ئېـلېـكـتـر يۈرگۈزگۈچى كۈچ، ئېلېكتر كۈچى ۋە ئېلېكتر قارشىـلـىـقـى ھەققىدىكى ئېنىق ئۇقۇملارنى كىرگۈزگەن ھەم بۇلارغا ئېنىقلىما بەرگەن. ئۇ ئىسسـىـقـلـىـق ئۆتـكـۈزۈش تەتقىقاتىنىڭ ئىلھامى ئارقىسىدا، ئېلېكتر ئېقىمىنـىـڭ تـارقـىـلـىـشـى بـىـلـەن ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىنى ئىلمىي سېلىشتۇرۇپ، ئوخشاشلىق قانۇنىيىتىـنـى تېپىپ چىققان. شۇنىڭدەك كۆپلىگەن تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئېلېكتـر يولىدىكى ئېلېكتر ئېقىمى، ئېلېكتر بېسىمى، ئېلېكتر قارشىلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەستايىـدىـل تەتقىق قىلىپ،1826 - يىلى ئۆزىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغـان ئوم قـانـۇنـىـنـى ئوتتۇرىغا چىقارغان. ۋەھالەنكى، ئومنىڭ ئون يىللىق قان - تەرىنى سىڭـدۈرگـەن بۇ تەتقىقات نەتىجـىـسـى ئېلان قىلىـنـغـانـدىـن كـېـيـىـن، ئىـلـىـم - پـەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچـە، بەزى كىشىلەرنىڭ گۇمانى ۋە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. گېرمانىيىـدە ئاز ساندىكى ئالىملارلا ئوم قانۇنىنى ئېتىراپ قىلغان، بۇلارنىڭ ئىچـىـدىـكـى شۋىگېر ئىسىملىك بىرى ئومغا ئىنتايىن زور مەدەت بېرىپ، ئومنىڭ ئىلمـىـي ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ بەرگەن ۋە ئومغا خەت يېـزىـپ: «شـۇنـىـڭـغـا ئىشىنىڭكى، قارا بۇلۇت ۋە چاڭ - توزانلارنىڭ ئارقىسىدىكـى ھەقـىـقـەت نـۇرى ھامـان كۆرۈنىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇلارنى تەبەسسۇم بىلەن تارىتىۋېتىدۇ». ۋەھالەنكى، «قـارا بۇلۇت ۋە چاڭ - توزانلارنى تارىتىدۇ»غان «بوران» ئەنگلىيىدىن كېلىدۇ. ئەنگـلـىـيـە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى1841 - يىلى ئومغا كوپلى مېدالىنى بەرگەن، بۇ ئەينى چاغدىكـى ئىـلـىـم - پـەن سـاھەسـىـدە ئەڭ ئالىـي شـەرەپ ئىـدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئومنىڭ خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئېـتـىـراپ قـىـلـىنغان. بۇ ئالىمنـى خـاتـىـرىـلـەش ئۈچـۈن، ئوم قـانـۇنـى ۋە ئېـلـېـكـتـر قارشىلىقىنىڭ بىرلىكى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى.