پېروكاچىن
مەشھۇر شەخسلەر
پەن تەبىئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەنـدىـن ئىـبـارەت ئىـكـكـى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، تەبىئىي پەن نەزەرىيـىـسـى تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى مەسىلىلـەرنـىلا ھەل قـىـلــىدۇ، ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.20 - ئەسـىـرنـىـڭ60 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، بېلگىيىـلـىـك ئالىـم پـېروكاچىن (1917 − ) «خوراش قۇرۇلمىسى» نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغـا قويۇپ، ئىـكـكـى چوڭ ساھەنى تۇتاشتۇردى. مەيلى فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، جۇغراپىيـە، مېدىتسىنا، دېھقانچىلىق ئىلمى، قۇرۇلۇش تېخـنـىـكـىـسى بـولـسۇن يـاكـى پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە ئىـقـتـىـسـاد قـاتـارلـىـقلار بـولـسـۇن، ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن ئالمىشىش ئارقىلىق مۇرەككەپ سىـسـتـېـمـىـلـىـق تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش مەسىلىسىگە چېتىلسىلا، ئۇنىڭ ئىدىـيـىـسـىدىـن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ. پېروكاچىننىڭ بۇ بايقىشى دەۋر بۆلـگـۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاچقا،1977 - يىللىق نوبېل خىمىيە مـۇكاپاتىغـا ئېرىشكەن.
پېروكاچـىـن مـوسكـۋادا تـۇغـۇلـغان،1921 - يـىـلـى تۆت يـېـشـىـدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن گېرمانىيىگە كـۆچـۈپ بـارغـان،1929 - يـىـلـى بېلگىيىدە ئولتۇراقلاشقان، ئۇ كىچىكـىـدىـنلا ئاتـا - ئانىـسـىـنـىـڭ يـاخـشـى تەربىيىسىنى ئالغان، دەسلىپىدە تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيىگە قىزىققان، كـېـيـىـن تەبىئىي پەنلەرگە يۆتكەلگەن،1941 - يىلى ئۇ بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل ھۆرلۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن،34 يېشىـدا بۇ مەكتەپنىڭ تەبىئىي پەن ئىنستىتۇتىدا پروفېسسور بولغان،1959 - يىلى خەلقئاراغا مەشھۇر سولۋاي خەلقئارا فىزىـكـا ۋە خىمىـيـە تـەتقـىـقـات ئورنىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.1967 - يىلى ئامېـرىـكـا تـېـكـسـاس ئۇنىۋېرسىتېتى ستاتىستىكا مېخانىكىسى ۋە تېرمودىنامىكا مەركىزىنىڭ مۇدىرلىقىـنـى قـوشـۇمـچـە ئۈستىگـە ئالغان ھەم ئامـېـرىـكـا پـەنـلـەر ئاكادېمىيىسىنىڭ چەت ئەلدىكى مۇخبىر ئاكـادېـمـىـكـى بـولغان. ئۇ يـەنـە، بېلگىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.
پېروكاچىن ئىلىم - پەنگە ئۇلۇغ تۆھپىلـەرنـى قـوشـقـانـلـىـقـى ئۈچـۈن، جۇڭگو، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، گرېتسـىيە، رومىنىيە ۋە ئىران قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن100 گە يـېـقـىـن ئالىم ئۇنىڭ ئەتراپىغا مەركەزلىشىپ، خەلقئاراغا مەشـھـۇر بريۇسسېل ئىلمىي ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئىلمىي ئېقىمـنـىـڭ پـەن تـەتـقـىـقـات خىزمىتى30 نەچچە يىل داۋاملاشقان، بـۇنـداق زور نـەزەرىـيـە قـوشـۇنـى خەلقئارادا ئاز ئۇچرايدۇ.1979
- يىلدىن كېيىن، پېروكاچىن تـەكلىـپ بـىـلـەن كۆپ قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ دەرس سۆزلىگەن، بېيجىڭ، شىئەنلەردە كۆپ قېتىم مۇھىـم ئىلمىي دوكلاتلارنى بەرگەن. ئۇ ئېلىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئىنتايىـن كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇ، بۈگۈنكى پەن تەرەققىياتى كەڭ دائىـرىـدىـكـى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، پەندە بىرلىككە كېلىش يېڭـى دەۋرىگـە يېتىپ كەلدى، بۇ غەرب پەن - تېخنىكىسى بىلەن شەرقنىـڭ ئەنئەنـىـۋى پـەلـسـەپـە ئىدىيىسى بىرلىككە كېلىدىغـان دەۋر، دەپ قـارايـدۇ، ئۇنـىـڭ ئىـدىـيـىـسـى بۈگۈنكى پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايـىـن زور تـۈرتـكـلـىـك رول ئوينايدۇ.