چـيـۇ چېڭتوڭ
مەشھۇر شەخسلەر
1982 - يىلى، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق − چيۇ چېڭتوڭ (1949 − ) فـېرىز مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، تۇنجى بولۇپ بۇ شەرەپكە ئېرىشكـەن جۇڭگولۇق ماتېماتىك بولۇپ قالغان. فېرىز مۇكاپاتى خەلقئارا ماتېماتىكا ساھەسىدىكـى ئەڭ ئالىي مۇكاپات بولۇپ، تۆت يىلدا بىر قېتىم تـارقىتىلىدۇ، بۇنىڭـدا ماتېماتىكىغا زور تۆھپە قوشقان يېشى40 تىن ئاشمىغـان ماتېماتىكلار ئوبيېكت قىلىنىدۇ.
چيۇ چېڭتوڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىـسـىـدە تـۇغـۇلغـان بـولـۇپ، كـېـيـىـن شياڭگاڭغا كۆچۈپ بارغان. ئۇ ئاتىسىدىن كىـچـىـك ئايـرىـلـىـپ قـالـغـان، ئائىلىسى نامرات بولسىمۇ، ئۆگىنىشتە تىرىشچان ئىدى، ئوتتـۇرا مـەكـتـەپـتـە ماتېماتىكىغا ئىشتىياق باغلىغان، كـېـيـىـن مـەشـھـۇر مـاتـېـمـاتـىـك چـېـڭ شىڭشېننىڭ ئەتىۋارلىشى بىلەن دەرىجە ئاتلىتىلىپ ئاسپىرانتـلـىـقـقـا قـوبـۇل قىلىنىدۇ. ئۇ چېن شىڭشېننىڭ يېتەكچىلىكىـدە، ئىككى يـىـلدىلا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ ئاران22 ياشتـا ئىـدى،25 يېشىدا دوتسېنت بولىدۇ،28 يېشىدا پروفېسسورلۇقـقـا ئۆسـتـۈرۈلـىـدۇ، پرىنتون ئالىي تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك پروفېسسورى بولىدۇ.
چـيـۇ چېڭـتـوڭ1976 - يـىـلى27 يـېـشـىـدا، دىففېـرېنسـىئـال گېئومېتىرىيىدىكى مەشھۇر قىيىن تېما − كارابى قىياسىنى ھەل قـىـلىدۇ ھەم دىففـېرېـنـسـىئـال تەڭلىمىسىنى دىفـفـېـرېنـسىـئال گېئومېتىرىيىگە تەتبـىـقلاپ، دىففېـرېـنـسـىئـال گېئومېتىرىيە ۋە دىفــفــېــرېــنــسـىئـال تەڭلىمىنىڭ تەرەققىيـاتـىـنـى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇشۇ ساھەدىكى ئەڭ ياش ئالىمغا ئايلىنىپ، نامى جاھانـغا تارىلىدۇ.1979
- يىلى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتى پەن - تېخنـىكـا ۋە سانـائەت مۇزېيى30 ياشلىق چيۇ چېڭتوڭغا »1979 - يىلدىكى كالىفورنىيە ئالىمى« دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىدۇ. ئۇ تۇنـجـى بولۇپ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ماتېماتىك.1981 - يىلى يەنە ئامېرىكا ماتېماتىـكا ئۇيـۇشمـىسى تارقاتقان ۋېبلون مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. مۇكاپات باھالىغۇچىلار، چيۇ چېڭتوڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ چوڭقـۇرلـۇقـى، تـەسىـر كـۈچـى ھەم ئۇسۇلى ۋە تەتبىقلىنىشىنىڭ كەڭلىكىگە تەڭ كېلىدىغان ئالىـملار ئىنتايىن ئاز، دەپ ھېسابلايدۇ، ئىككىنچى يىلى ۋارشاۋادا فېرىز مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.