چـيـەن ۋېيچاڭ
مەشھۇر شەخسلەر
زۇڭلى جۇ ئېنلەي ھايات ۋاقتىدا ئالىملىرىمىزدىن چيەن شۆسىن، چـيەن سەنچياڭ، چيەن ۋېيچاڭلارنى جۇڭگونىڭ «ئۈچ چيەنى» دەپ تەرىپلىگەنىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى چيەن ۋېيچاڭ (1912 − ) ئېلىمىزنىڭ مـەشھـۇر مېخانىكا ئالىمى ۋە ھازىرقى زامان ئەمەلىي ماتېماتىكا ئالىمى.
چيەن ۋېيچاڭ جياڭسۇنىڭ ۋۇشى شەھىرىدىن، تولۇق ئوتتـۇرا مـەكـتـەپـنـى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئەلا نەتىجە بىلەن بىرلا ۋاقىتتا بەش ئۇنىۋېرسىتېتنىـڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتىدۇ، ئاخىرىدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللىـۋالىدۇ. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن،1937 - يىلى كاناداغا بېرىپ ئوقۇپ،1942 - يىلى دوكتورلۇق ئۇنـۋانـىـغـا ئېرىشىپ، ئامېرىكا كالىفورنىيە تەبىئىي پەنلەر ئىنسـتـىـتـۇتـى رېئاكتـىـپ ئىتتىرىش تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولىدۇ.1946 - يـىلـى چـيەن ۋېيچاڭ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىـن، ئىـلـگـىـرى - كـېـيـىـن بـولۇپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، يەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتـىـدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تـەربـىـيـىـلـىگـەچ، بېرىلىپ تەتقـىـقـات بـىلەن شـۇغـۇلـلـىـنـىـدۇ. ئۇ يەنە پـولـشـا پـەنـلـەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىكى، ئامېرىكا ماتېماتىكا ئىلمىي جـەمئىيىتـى ۋە ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇش ئىلمىي جەمئىيىـتـىـنـىـڭ ئەزالىقىغـا تەكلىپ قىلىنىدۇ.
چيەن ۋېيچاڭنىڭ مېخانىكا ۋە ئەمەلىي ماتېماتىكـا سـاھـەسـىـدىـكـى مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيادىكى ئالىملارنىڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ تاختايسىمان پوست مەسىلىسىگە ئائىت ئىچكى بىردەكلىك نەزەرىيىسىنى تەتـقـىـق قىلىپ، تاختايسىمان پوست نەزەرىيىسىنىڭ سىزىقلىق بـولمىـغـان دىـفـفېرېـنـسـىئال تەڭلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ خەلقئارادا «چيەن ۋېيچاڭ تەڭلىمىسـى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنـىـڭ ئېلاستىك دېتـاللىرى ھالقىسىمان پوست تەھلىلى توغرىسىدىكـى تـەتـقـىـقـات نـەتـىـجـىـسـى «جۇڭگوچە ئەۋزەللىككە ئىگە مۇھىم تۆھپە» دەپ ئاتالغان، ئۇ نېپىز تاختىنىڭ چوڭ ئېگىلىشىگە دائىر قېيىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلـغان، بۇ «چيەن ۋېيچاڭ ئۇسۇلى» دەپ ئاتـالـىغان. ئۇ يـەنـە «فـورى قـاتـارى يىغىندىسى» جەدۋىلىنى تۈزگەن، بۇ جەدۋەل10 مىڭ ترىـگـونـومـېترىك قاتارنى ئىچىگە ئالىدۇ. چيەن ۋېيچاڭنـىـڭ نـۇرغـۇن ئىلمىـي تەتقىقات ئەسەرلىرى بار، ئۇ ئىلىم - پـەن ئۈچـۈن دەۋر بـۆلگـۈچ خىزمەتلـەرنـى ئىشلەپ، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرگەن.