UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەربەگ

بەگ

مەشھۇر شەخسلەر 1857 - يىلى5 - ئايدا، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ۋالىيسى، داخوكس تۆرە بېگى گەنكادار رائونىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى، چۈنكى بەگنىڭ ئوغلى يوق بولۇپ، ئەينى چاغدىكى قائىدە بويىچە، بەگنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى بولمىسا، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، بەگلىكنىڭ زېمىنىدىن مەھرۇم كېتەتتى - دە، ئەنگلىيە مۇستەملىكە دائىرىلىرى «يوللۇق» يوسۇندا جانسى بەگلىكىنى ئۆزىگە قوشۇۋالالايتتى. داخوكس تۆرە خۇشاللىقىنى باسالماي تۇرغاندا، بىر چوكان ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا دادىللىق بىلەن: «مەن جانسى بەگلىكىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن، كىمكى جانسىنى تارتىۋېلىشقا پېتىنىدىكەن، شۇنىڭغا جېنىمنى تىكىپ قويدۇم» دەپ جاكارلىدى. بۇ چوكان دەل جانسى بېگىنىڭ خوتۇنى، جانسىنىڭ ئايال بېگى لاكشىمى باي (1835 −1858 - يىللار) ئىدى.1857 - يىل5 - ئاينىڭ10 - كۈنى، ھىندىستاننىڭ دېھلى شەھىرىگە نەچچە ئون ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان مىرۇت دېگەن يەردە خەلق ئىسيان كۆتۈرۈپ، ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ بەردى.6 - ئاينىڭ4 - كۈنى، لاكشىمى باي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، جانسى شەھىرىنى قايتۇرۇۋالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جانسى پۈتكۈل مىللىي قوزغىلاڭنىڭ مەركىزى بولۇپ قالدى. ئەنگلىيە مۇستەملىكىلىرى مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. لاكشىمى كۈچلۈك دۈشمەندىن قىلچە قورقماي، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، دۈشمەنگە ئاخىرقى تىنىقىغىچە تاقابىل تۇرۇشقا قەسەم ئىچتى. خائىننىڭ ساتقۇنلۇق قىلىشى بىلەن شەھەر قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ئۇ1000 دىن ئارتۇق ئادىمىنى باشلاپ دۈشمەن بىلەن قۇچاقلاشما جەڭ قىلدى. ئەمما، دۈشمەن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك كېلىپ قېلىپ، شەھەرنى قوغداپ قېلىشتىن ئۈمىد قالمىغاچقا، كېچىلەپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، باشقا جايغا يۆتكىلىپ ئۇرۇش قىلىپ، باشقا قوزغىلاڭچىلار بىلەن قوشۇلۇپ جەڭنى داۋاملاشتۇردى.1858 - يىلى6 - ئايدا، ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ گۋالىئوردا دۈشمەن بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدى، قوزغىلاڭچى قوشۇن ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. ئۇ ئالدىنقى سەپتىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسىدە قالدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئون نەچچە جەڭچى كەينى - كەينىدىن قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى ئۇنىڭ كەينىدىن قىستاپ كەلدى، ئالدى تەرەپتە بىر كىچىك دەريا ئۇنىڭ يولىنى توسۇۋالدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ دۈشمەن بىلەن ئۆزى يالغۇز تۇتۇشۇشقا مەجبۇر بولدى، ئاۋۋال بېشى يارىلاندى، ئارقىدىن ئوڭ كۆزىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا قىلىچىنى ئەپچىللىك بىلەن ئوينىتىپ، ئاخىرقى تىنىقىغىچە دۈشمەننى يەر چىشلىتىپ،23 يېشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولدى.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر