UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرتاڭ ئاۋچىڭ

تاڭ ئاۋچىڭ

مەشھۇر شەخسلەر مۇرەككەپ ئانئورگانىك ماددا ۋە مېتال ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، فۇنكسىيىسىنى تەتقىق قىلىش بۈگۈنكى خىمىيىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان تېمىلىرىدىن بىرى، بـۇ پەن «كوئوردىناتسىئون (جىپسىلانما) مـەيدان نەزەرىيىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. جۇڭگولۇق خىمىك تاڭ ئاۋچىڭ (1915 − ) باشچىلىقىدىكى كوللېكتىپ60 - يىللاردا بۇ تۈر تەتقىقاتىنى باشلىغاندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ «كوئوردىناتسىئون مەيدان نـەزەرىيىسـى» تـەتقىقاتى ۋە قوللىنىش سەۋىيىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى، بۇ لازېرلىق توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، نادىر ئېلېمېنتلار قاتارلىق يـېڭىچـە ماتېرىياللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاساس سالدى، شۇڭا، خەلقئارا خىمىيە ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. تاڭ ئاۋچىڭ جياڭسۇنىڭ يىشىڭ ناھىيىسىدىن.1936 - يـىـلـى، ئۇ ئەلا نـەتـىـجـە بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تۆت ئۇنىۋېرسىتېتنىـڭ ئىـمـتـىـھـانـىـدىـن ئۆتـىـدۇ، ئاخىرىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىنى تاللىۋالىـدۇ.1946 - يىلى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بېرىپ، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتـېـتى خـىـمـىـيـە تەتقىقاتى يۇرتىدا ئاسپىرانت بولىدۇ،1949 - يىلـى دوكـتـورلـۇق ئىـلـمـىـي ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.1950 - يىلى، تاڭ ئاۋچىڭ ۋەتەنگە قايـتىـپ كـېـلـىـپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جىلىن ئۇنىۋېرسىتـېـتـىـدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ ھەم جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتـىـنـىـڭ مـۇدىـرلـىـقـى ۋە خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. تاڭ ئاۋچىڭ كۋانت خىمىيىسى، يۇقىرى مولېكۇلا فىـزىـك خىمىيىسى، خىمىيىۋى ئۇسۇلدا ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن مول نەتىـجـىـگـە ئېـرىـشـىـدۇ.1952 - يـىلى، تـاڭ ئاۋچـىـڭ ئۆز ئالـدىـغـا »مولېكۇلىلارنىڭ ئىچكى ئايلىنىشىدىكى قارشىلىق كۈچ فۇنكسىيىسى مەسىلىسى« نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەتلىك3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشـىـدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، تاڭ ئاۋچىڭ يەنە يۇقىرى مولېكۇلا قۇرۇلمىسى ۋە خۇسۇسـىـيـىـتـى نەزەرىيىسى تەتقىقاتىدا زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىدۇ.1963 - يىلدىن كېيىن، تاڭ ئاۋچىڭ رەھبەرلىك قىلغان خىمىكلار كوئوردىناتسىئون مەيدان نەزەرىيىسىنى ئالتە جەھەتتىن بېيىتىدۇ ۋە «كـوئوردىناتسىئون مەيدان نەزەرىيىسى ۋە ئۇسۇلى» دېگەن مۇھىم ئەسەرنـى تـاماملايـدۇ.1982 - يىلى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت1 - دەرىـجـىـلـىـك تەبىئىـي پـەن مـۇكاپاتىـغا ئېرىشىدۇ. تاڭ ئاۋچىڭ غـايـەت زور مـۇۋەپـپـەقـىـيـەتـلـەرنى قولغا كەلتۈرگەچكە، دۇنيادىكى مەشھۇر كۋانت خىمىكلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلىـدۇ.1981 - يىلى، ئۇ خەلقئارا كۋانت - مولېكۇلا ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىـڭ ئەزالىقىغا سايلىنىدۇ، ئۇ مۇشۇ خەلقئارا تەشـكـىلاتـتــىـكـى بـىـردىـنبـىـر جۇڭگولۇق. خەلقئارا خىمىيە ساھەسىدىكـىـلـەر ئۇنـى «جـۇڭـگـو كـۋانـت خىمىيىسىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
تاڭ ئاۋچىڭ | UyghurWiki | UyghurWiki