UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەررۇزېرفورد

رۇزېرفورد

مەشھۇر شەخسلەر ئاتوم يادروسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان يېڭى زېلاندىيـىـلـىـك ئالىم رۇزېرفورد (1871 −1939 ) ئىلىم - پەن يېڭى دەۋرىنى ئاچقان ئاز ساندىكـى بىرنەچچە كىشىنـىـڭ بـىـرى.1899 - يىلـى28 يـاشلىـق رۇزېـرفـورد رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنت «تورىي» ۋە رادىئوئاكتىپلىق رادىئاتسىيىدىكى ئىككى خىل يېڭى نۇر: α نۇر ۋە β نۇرنى بايقىغان؛1902 - يىلى، يەنە بىـر خىل ئاتومنىڭ يىمىرىلىپ يەنە بىر خىل ئاتومغا ئايلىنىدىغانلىقـىـنـى بـايـقـاپ، ئاتـوم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ دېگەن قاراشنى ئىنكار قىلغان،1908 - يـىلى نـوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.1911 - يىلى رۇزېرفورد α زەررىچىنىڭ چېچىلىش تـەجـرىـبـىـسـى (رۇزېرفورد تەجرىبىسى دەپ ئاتىلىدۇ) گە ئاساسەن، ئاتـوم يـادروسىـنـىـڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان، شۇنىڭدەك قۇياش سىستېمىسى قۇرۇلمىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئاتوم مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ مودېلدا ئاتومنىڭ ئوتتۇرىسى مۇسـبـەت زەرەتلىك قاتتىق يادرو بولۇپ، مەنپي زەرەتلىك ئېـلـېـكـترونلار بـۇ قاتتىق يـادرونى چۆرىدەپ خۇددى پـلانېتىلار قۇيـاشـنىـڭ ئەتـراپـىـدا ئايلانغاندەك چۆرگىلەيدۇ. بۇ نەزەرىيە ئاتوم تۈزۈلۈشى تـوغـرىـسـىـدىـكـى تونۇشقا ناھايىتى زور تۈرتكە بولۇپ، كېيىن ئاتوم تۈزۈلۈشى ئۈستـىدە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشكە ئاساس سالغان.1919 - يىلى، رۇزېرفورد رادىئوئاكتىپ ئېلېمېـنـت پـولـونـىـيـنـىـڭ α زەررىچىسى بىلەن ئازوت ئاتومىنى بومباردىـمان قـىلـىـپ، ئوكسـىـگـېـن ئىزوتوپىغا ئېرىشىپ، ئېلېمېنتنى تۇنجـى قـېـتـىـم پارچىلىغان.1920 - يىلى، ئۇ يەنە نيېتروننىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىـكـىـدىـن بېشارەت بېرىپ، ئاتوم يادروسى ئىچىدە زەرەتسىز زەررىـچـىـلـەر مـەۋجـۇت، ئۇلار ئاتوم يادروسىغـا ئاسـانلا كـىـرىـپ، ئاتـوم يـادروسـى بـىـلـەن بىرلىشىدۇ ياكى ئۇنىڭدىكى غايەت كۈچلۈك مەيدان ئىـچـىـدە ئۆزگـىـرىـدۇ، دەپ قارىغان.12 يىلدىن كېيىن، كىشىلەر دەرۋەقە بۇ خىل نيېتروننـى بـايـقـىغان، شۇنىڭ بىلەن نيېترون ئاتوم يادروسىنى بومباردىمان قىلىدىغان ئەڭ ياخـشـى «زەمبىرەك ئوقى» غا ئايلىنىپ، ئاتوم يادروسىنىڭ زەنجىرسىمان رېئاكـسـىيىسـى ئىشقا ئېشىپ، ئاتـوم ئېنېرگىيىسى قويۇپ بېرىشىنى شەرت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. رۇزېرفورد ئىلىم - پەنگە ئىنتايىن زور تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەردىن11 كىشىنى تەربىيىلەپ چـىـقـقان، ئۇ دۇنـيـا بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىسى ئەڭ كۆپ ئۇستاز ھېسابلىنىدۇ. رۇزېرفوردنىڭمۇ سەۋەنلىك سـادىـر قـىـلـغـان ۋاقـىـتـلـىـرى بولغان. ئۇ: «ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىشنى ئالساق، ئاتوم يـادروسـىدىن پايدىلىنىپ تـەجـرىـبـە قىلىشنى سېپى ئۆزىدىن ئىسراپچىلىق دېيىشكە بولىدۇ» دەپ كېسىپ ئېيتقـان. ۋەھالەنكى، ئۇ ئۆلۈپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، يىمىرىشنى ئىشقا ئۇشۇرىدىغان تۇنجى ئاتوم قـازىـنـى ئامېرىكىدا ياسالدى، بۇ ئاتوم دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلـگـەنـلـىـكـىـدىـن دېـرەك بەردى. رۇزېرفورد ئۆز بايقىشىنىڭ رولىنى تـۆۋەن مـۆلـچـەرلـىـگـەنىـدى، بىراق، ئىنسانلار ئۇنى مەڭگۈ سېغىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر