UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرجاڭ يۈجې

جاڭ يۈجې

مەشھۇر شەخسلەر 1928 - يىلى قىشتا، ئامېرىكىنىڭ يېكاس رەسەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان26 ياشلىق جۇڭگولۇق ياش جاڭ يۈجـې (1902 −1986 ) بـىر كىچىك سەييارىنى بايقايدۇ. خەلقئارا قائىدە بويىچە، كىچىك سەييارە ئۇنى بايقىغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلاتتى. جاڭ يۈجې ئۆزى بايقىغان كىچىك سەييارىنى «جۇڭخۇا» دەپ ئاتايدۇ. جۇڭخۇا كىچىك سەييارىسى يۇلتۇزلار جەدۋىلىدە1125 - نومۇر بولىدۇ، بۇ جۇڭگـولۇقلار بـايقـىـغـان ۋە نام قويغان تۇنجى كىچىك سەييارە ھېسابلىنىدۇ. ئالەم بوشلۇقىدا مىليونلىغان كىچىك سەييارىلەر بـار، ئۇلارنىڭ دىئامېتىرى نەچچە10 كىلومېتىردىن نەچچە100 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ، كۆپىنچىسى مارس ۋە يۇپىتېر ئوربىتىسى ئىچىدە قۇيـاشـنـى ئايلىـنـىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. كىچىك سەييارىلەرنىڭ تارقىتىلىشى، ھەرىكەت ئوربىتىسـى توغرىسىدىكى تەتقىقات ئالەم قاتنىشى، سۈنئىي ھەمراھ، ئالەم پونكىتى قاتارلىق ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش خـىـزمـەتـلـىـرىـدە بولمىسا بولمايدىغان ھالقا. بىراق، قۇياش ۋە چـوڭ سەييارىلەرنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە، كـىـچـىـك سەييارىلەرنىڭ ئوربىتىسى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئۈزلۈكسىز كۆزىتىش، ئۈزلۈكسىـز جاپالىق ھېسابلاش ئارقىلىقلا توغرا تاپقىلى بولىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جـاڭ يـۈجې نەنجىڭدىكـى زىجىڭشەن رەسەتخانىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگـە ئالىدۇ، ئۇ سەييارە تەتقىقاتى ئىشخانىسىغا ئۆزى رەھبەرلىك قىلىپ،40 يىل ئىچىدە كىچىك سەييارىلەرنى8000 −9000 قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆزىتىپ، نومۇر قويۇلمىغان1000 غا يېقىن كىچىك سەييارىنى بـايقـايـدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى100 چىسى كۆپ قېتىم كۆزىتىلىدۇ ھەم ئوربىتىسى توغرا ھېسابلاپ چىقىلىپ، خەلقئارادىكى مەڭگۈلۈك نومۇر ۋە نام ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. بۇ كىچىك سەييارىلەرنىڭ بەزىلىرى جاڭ خېڭ، زۇ چۇڭجژ، يىشىڭ، گو شۇجىن، شېن كو دېگەندەك ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ نامى بىلەن؛ بەزىلىرى بېيجىڭ، نەنجىڭ، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، تەيۋەن دېگەندەك ئۆلكە - شەھەرلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. ئۇلار يەنە كېيىن «زىجىڭشەن» دەپ نام قويۇلغان ئۈچ يېڭى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى بايقايدۇ. جاڭ يۈجېنىڭ كىچىك سەييارە تەتقىقاتى جەھەتتـىـكـى تـۆھپىسـى خەلقنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى، ئۇ خەلقئارادا خېلى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولۇپ، كىچىك سەييارە مۇتەخەسسىسى دەپ ئاتىلىدۇ.1978 - يـىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى رەسەتخانىسى ئۆزلىرى1976 - يىل10 - ئاينىـڭ23 - كۈنى بايقىغان كىچىك سەييارىگە «جاڭ» دەپ نام قويۇپ، جاڭ يـۈجـېـغـا بولغان ئېھتىرامىنى بىلدۈردى.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر