UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرۋاڭ شۇەن

ۋاڭ شۇەن

مەشھۇر شەخسلەر جۇڭگو − مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغان قەدىمكى مەدەنىي دۆلەت، بىراق يېقىنقى100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ مەتبەئە تېخنىكىـسى جىق ئارقىدا قالدى.1986 - يـىلدىن ئىلگىـرى، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بارلىق گېزىت ۋە مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىتاب - ژۇرناللار يەنىلا قوغۇشۇن ھەرپ تېخنولوگىيىسى بىلەن بېسىلاتتى، ئۇنىـڭ ئەمگـەك سىجىللىقى يۇقىرى، ئۈنۈمى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوغـۇشۇنـدا بـۇلغىنىش ئەھۋالىمۇ بار ئىدى.1987 - يىلدىن1993 - يىلغىچە بولغان قىسقىغىنە يەتتە يىل ئىـچىدە، ئېلىمىزنىڭ گېزىتچىلىك ۋە باسما كەسپىدە ئالەمشۇمۇل تېخنىكا ئىـنـقـىلابـى بولدى، جۇڭگونىڭ ئاساسىي گېزىتلىرى ۋە كۆپ سـاندىكى كىتاب - ژۇرناللىرى قوغۇشۇن ۋە ئوت بىلەن خوشلىشىپ، نۇر ۋە ئېلـېكتروننى كۈتۈۋالدى. بۇ تېخنىكا ئىنقىلابىـغـا رەھبەرلىك قـىلغۇچـى بـېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر تەتقىقات ئورنىدىكى پروفېسسور ۋاڭ شۇەن (1937 − ) ئىدى. ۋاڭ شۇەننىڭ ئەجدادى جياڭسۇ ۋۇشـىـدىـن بـولۇپ، ئۆزى شـاڭـخـەيـدە تۇغۇلغان،17 يېشىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا - مېخانىكا فاكۇلتېتىغا كىرىپ،1958 - يىلى ئەلا نەتىجە بـىلـەن ئوقـۇشـنـى تـامـاملاپ مەكتەپتە قالغان. ۋاڭ شۇەن مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىـن كـېـيـىـن، ئون يـىل ئىچىدە كومپيۇتېر قاتتىق دېتالى ۋە يۇمشاق دېتالى تـەرەپـتـىـكـى ئەمـەلـىـي تەجرىبىگە ئېرىشىدۇ. ۋاڭ شۇەن1975 - يىلدىن ئېتىبارەن، خەنزۇچە خەتلەردىن ئىـنـچـىـكـە فوتو بەت ياساش سىستېمىسى تەتقىقاتىـغـا رىـيـاسـەتـچـىـلـىـك قـىـلـىـدۇ. مـەتـبـەدە ئىشلىتىدىغان خەنزۇچە خەت سانى، خەت نۇسخىسى، خەت نومـۇرى كـۆپ، ئېنىق فوتو بەت ياساشنىڭ نازۇكلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، خەنـزۇچـە خـەت شەكلىنىڭ چېكىتىنى ساقلاش مىقدارى نەچچە يۈز مىـلـيـون بايتقا يېتىپ، قىيىن تېمىغا ئايلىنـىـدۇ. ۋاڭ شـۇەن مـاتـېـمـاتـىـكـا ئۆگەنگەن ھەم يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال جەھەتتىكى تەجرىبىگـە ئىـگـە بولغاچقا،1976 - يىلنىڭ بېشىدا ئىزنـاغـا پـارامـېـتـىر قـوشـۇش ئۇسـۇلى ئارقىلىق، يۇقىرى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە خەنزۇچە خەت شەكلىـنـى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇچۇر مىقدارىنى نەچچە پىرسەنتكـىلا ئازايـتـىـدۇ ۋە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە زور كۆلەمدىكى توپلاشتـۇرۇلغـان تـوك يولىنى لايىھىلەپ چىقىدۇ. بۇ كەشپىياتلار ياۋروپا پاتېنتى ۋە جۇڭگـودىـكـى بىر قاتار پاتېنتلارغا ئېرىشىپ، خۇاگۇاڭ ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەرەقـقىي قىلغان فاڭجېن ئېلېكترون مەتبەئە سىستېمىسىنىڭ ئاساسىغا ئايلىنىدۇ.70 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چەت ئەلگە تارالغـىنـى2 - ئەۋلاد،3 - ئەۋلاد فوتو بەت ياساش ماشىنىسـى بـولـۇپ، ۋاڭ شـۇەن1976 - يـىلى2 - ئەۋلاد،3 - ئەۋلاد فوتو بەت ياساش ماشىنىلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتـۈپ، ئەيـنـى چـاغـدا خەلقئارادا يوق4 - ئەۋلاد لازېر نۇرلۇق فوتو بەت ياساش سىستېمـىـسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى قارار قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى18 يىل ئىـچـىـدە، ۋاڭ شۇەن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇشۇ تۈرگە بېرىلىدۇ.1987 - يىلدىن ئىلگىرى، نۇرغۇن كىشىەر دۆلىتىمىـزدە ئىـشلەنگـەن سىستېمىنىڭ چەت ئەلنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتـتـى. ۋاڭ شۇەن تەتقىقاتقا رىياسەتچىلىك قىلغان سىستېما1988 - يـىلى پىشىپ يېتىلىپ، ئىقتىدار، نەرخ - باھاسى جەھەتتە ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىدىن روشەن ئەۋزەل ئورۇندا تۇرىدۇ.1988 - يىلدىن1993 - يىلغىچە بولغان قىسقىغىنە ئالتە يىل ئىچىدە10 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇقى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ ۋە دۇنيادىكى10 دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىنىپ، زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىـي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يېڭى كەسىپنى شەكىللەندۈرىدۇ. مـۇشـۇ زور مۇۋەپپەقىيەت سەۋەبىدىن، ۋاڭ شۇەن جەنۋە كەشپىيات كۆرگەزمىسى ئالتۇن مېدالى، دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتى، بىشېڭ مۇكاپاتى، جۇڭگو پاتېنت ئالتۇن مېدالى، چېنجياگېڭ مـۇكاپاتى قاتارلىق مـۇكاپاتلارغـا ئېرىشـىپ،1991 - يـىلـى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىقىغا سايلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
ۋاڭ شۇەن | UyghurWiki | UyghurWiki