UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرچـېـن جـۇڭۋېي

چـېـن جـۇڭۋېي

مەشھۇر شەخسلەر جۇڭگودا شۇنداق بىر ئالىم باركى، ئۈزۈلگەن قول - پۇتلارنـى ئۇلىيالايدۇ ۋە پۇت بارمىقىنى قول بارمىقىغا ئۇلىيالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۈمىدسىزلەنگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئىككىنچى قېـتـىـم ساغلام قول - پۇتقا ئىگە بولىدۇ. بۇ ئادەم شاڭخەي شەھىرىدىكى ۋراچ،8 - نـۆۋەتلىك خەلقئارا مىكروسكوپ ئارقىلىق ئەزا كۆچۈرۈش تاشقى كېسەللىكلـىرى يىغىنىنىڭ رەئىسى پروفېسسور چېن جۇڭۋېي (1929 − ) دۇر.1963 - يىل1 - ئاينىڭ2 - كۈنى، شاڭخەيدە بىر ئىشچىنىڭ ئوڭ بىلىكىنى ستانوك ئۈزۈۋېتىدۇ، بۇ ئىشچى ئۈزۈلگەن بىلىكى بىلەن بىللە شاڭخەي6 - دوختۇرخانىنىڭ ئوپېراتسىيە بۆلۈمىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. قائىدە بويىچە، جاراھەت ئاغزىلا تىكىلەتتى، بىراق مەسئۇل ۋراچ چېن جۇڭۋېي ئۇلاشنى قارار قىلىدۇ. قول ئىنتايىن ئىنچىكـە ۋە مۇرەككەپ ئەزا بولۇپ، قول بىلەن بىلەكنىڭ ئارىلىقىدا20 نەچچە مۇسكـۇل ۋە پەي تۇتىشىپ تۇرىدۇ، يەنە نۇرغۇن قان تومۇر، لىمفا نەيچىسى، سۆڭەك ۋە نېرۋىلار بار. تومۇرلار ئىنتايىن ئىنچىكە بولۇپ، ئۇلارنى بىر - بىرلەپ توغرا ئۇلاشقا توغرا كېلىدۇ. نېرۋا تېخىمۇ ئىنچىكە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مىليونلىغان نېرۋا تالالىرى بار، ئۇنىڭ سىرتىنى تومۇزغا قانىتىدىنمۇ نېپىز بىر قەۋەت غىلاپ پەردىسى ئوراپ تۇرىدۇ، نېرۋا غىلاپ پەردىسىنى يىپ بىلەن تىكىپ ئۇلاشتا، ئىچىدىكى نېرۋا تالالىرىنى زەخىملەندۈرۈشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قان ۋە ئاغرىقنى توختىتىشقا، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ... ئۈزۈلگەن بېلەكنى ئۇلاش كەشتە تىكىش ۋە مىكرو نەققاشچىلىقتىن100 ھەسسە قىيىن ئىش. ھالبۇكى، چېن جۇڭۋېي دۇنيا مېدىتسىنا تارىخىدا نامايەندە ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ قېتىملىق ئوپېراتسىيىنى تاماملىدى، خەلقئارا مېدىتسىنا ساھەسىدىكىلەر ئۇنى ئۈزۈلگەن قول - پۇتنى ئۇلاشقا ئۇل سالغۇچى، دەپ ئېتىراپ قىلدى.1973 - يىلى7 - ئايدا، چېن جۇڭۋېي بىلەك پۈككۈچى مۇسكـۇلـىـدا ئېغىر قان يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن بىلىكى يىگلىگەن بىمارنى قان يەتـكـۈزگۈچى نېرۋا ئەركىن كۆكرەك چوڭ مۇسكۇلىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسـى قىلىپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بەزى مېدىتسىنـا ژۇرنـالـلـىـرى، ۋىراچ چېن جۇڭۋېي مۇشۇنداق مۇرەككەپ ئىنچىكە ئوپېراتسىيىنى تاماملىغان تـۇنجى ئادەم، دەپ باھا بەردى. چېن جۇڭۋېينىڭ ئۈزۈلگەن بارماقنى ئۇلاش ئوپېراتسىيىسىـنـىـڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى % 90 كە يەتتى. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتـلـەر ئۇنى زىيارەت قىلىشقا، لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. ئىسپانىيىدە، قـول بېغىشى نېرۋا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان بىر بىمار49 قېتىـم ئوپـېراتسىيە قىلىنىپمۇ ساقىيىپ كېتەلمىگەن، چېن جۇڭۋېينىڭ بىر قېتىـم ئوپـېراتسىيە قىلىشى بىلەنلا ساقىيىپ كەتكەن، بىمار ئۇنى «خىسلەتـلـىـك دوختۇر» دەپ توختىماي ماختاپ كەتكەن. چېن جۇڭۋېي ساقلاپ قالغان يەنە ئىككى تۈرلۈك دۇنيا رېكورتى تۆۋەندىكىچە: قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككى ئىتقا يات تەنلەردىـن پـۇت كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى قىلغان، ئىت1400 كۈندىن ئارتۇق ياشىغـان. قانسىزلانغىنىغا36 سائەت بولغان بىلەكنى قايتا ئۇلاپ مۇۋەپپەقىيـەت قـازانغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
چـېـن جـۇڭۋېي | UyghurWiki | UyghurWiki