بىڭجژ
مەشھۇر شەخسلەر
جۇڭگونىڭ مەشھۇر زوئولوگى بىڭجژ (1886 −1965 ) بـىر ئۆمۈر ھايۋانلار بىلەن ھەپىلىشىدۇ. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بـىر كـۈن ئىـلـگىرى، چۈشتىن بۇرۇن تەجرىبىخانىسىدا خىزمەت قىلىپ، چۈشتىن كېيىن يىغىنغـا بارىدۇ. زىيادە چارچاش تۈپەيلىدىن، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئىكـكـىـنـچـى كۈنى سەھەردە ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
بىڭجژنىڭ ئەسلىي ئىسمى جەي بىڭجژ بولۇپ، خېنەننىڭ كەيفېڭ شەھىرىدىن.17 يـېـشـىـدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، زىيالىيلىق ۋە تەشرىپدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتىـدۇ،23 يېشىدا يەنە تۇنجى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگـە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانىدىـن ئەلا ئۆتۈپ، ئامېرىكـىـغا چىقىپ ئوقۇيدۇ. بىڭجژ34 يېشىدا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، جـۇڭـگـونـىـڭ بىئولوگىيە تەتقىقاتىنى باشلاشقا بەل باغلايدۇ.
بىڭجژ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا، نەنجىڭ ئالىي پېداگوگىكا مەكتـىـپـىـدە ئېلىمىزدىكى تۇنجى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنى قۇرىـدۇ؛ ئىـكـكـىنـچـى يـىـلـى ئېلىمىزدىكى تۇنجى بىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇشقا رىياسەتچـىـلـىـك قىلىدۇ. ئۇ تەتقىقات خادىملىـرىـنـى يـېـتـەكـلـەپ، ھەق ۋە ۋاقـىـت بـىـلـەن ھېسابلاشماي، ئېلىمىزنىڭ بىئولوگىيە تەتقىقات خىزمىتىـنـى يـوقـلـۇقـتـىـن بارلىققا كەلتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنـىـڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ.
بىڭجژ پـۈتـۈن ھايـاتـىـدا زوئوتاكسونومىيە (ھايـۋانلارنـى تـۈرگـە ئايـرىـش ئىـلـمـى)، مورفولوگىيە، فىزىئولوگىيە، ھاشاراتشۇناسلىق ۋە پالېئوزوئولوگىيە قاتـارلـىـق ساھەلەردە ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ كارپ بېلىقنىڭ مورفولوگىيىسـى ۋە دەريا دېلفىنىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئاناتومىيىلىك تەھلىلى ھەمـدە يولۋاس مېڭىسى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرى كەڭ تەسىر پەيدا قىـلـغـان. ئۇ ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان زوئولوگىيىسىنىڭ پېشـۋاسى. ئۇ دۆلەت ئۈچۈن نەچچە ئون نەپەر زوئولوگىيە مۇتەخەسسىسـىـنـى تـەربـىـيـىـلـەپ بەرگەن، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە بار. ئۇ ئوقۇغۇچـىلاردىـن خىزمەتتە ئىرادىلىك، ئىشەنچلىك، تەۋرەنمەس، سـەۋرچـان، ئەسـتـايـىـدىـل بولۇشنى؛ مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا قىيىنچىلىقتىن، ئاۋارىچىلىكتىـن، مەغلۇبىيەتتىن قورقماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تەلەپلەر ئوقۇغـۇچـىلارغا دېيىلگەن ھېكمەتلىك سۆز بولۇپ قالماستىن، يەنە ئۆزى ئەمەل قىلغان ھېكمەتلىك سۆز ئىدى.