UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەربيەن چۆ

بيەن چۆ

مەشھۇر شەخسلەر بيەن چۆ (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى401 − مىلادىيىدىن ئىلگىرىكـى310 )نىڭ ئەسلىي ئىسمى چىن يۆرېن، بوخەي (بۈگۈنكى خېبىي ئۆلكىسىدىكى رېنچيـۇ) دىـن، يېغىلىق دەۋرىدىكى مەشھۇر تېۋىپ، جۇڭگودىكى ئەڭ بالدۇرقى مېدىتسـىـنـا ئالىمى. ئۇنىڭ تېببىي بىلىمى ئىنتايىن مول بولغاچقا، تۈرلـۈك كېـسـەللەرنـى داۋالىيالايتتى، كىشىلەر ئۇنى قەدىمكى ئەپسانىلەردىكى خىسلەتلىك تـېۋىـپ بيەن چۆگە ئوخشىتاتتى. ئۇ گەرچە ھېچقانداق ئەسەر قالدۇرمىغان بـولـسـىـمـۇ، ئۇنىڭ ئاجايىپ تېببىي ماھارىتى ۋە گۈزەل تېببىي ئەخلاقى ئەل ئىـچىدە ھازىرغىچە تارىلىپ كەلمەكتە. بىر قېتىم بيەن چۆ سەي بەگلىكىگە بېـرىـپ، سـەي خۇەنگۇڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا: «جانابلىرىنىڭ تاۋىلىرى يوق تـۇرىـدۇ، كېسەل تېرىدە ئىكەن، ۋاقتىدا داۋالاتمىسىلا ئېغىرلىشـىـپ كېتىدۇ» دەيدۇ. خۇەنگۇڭ ھېچقانداق بىئاراملىق ھېس قىلمىغاچقـا، ئۇنـىـڭـغـا پەرۋا قىلمايدۇ. بيەن چۆ بەش كۈندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم كېلـىـپ، ئۇنـىـڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، كېسىلىنىڭ مۇسكۇل ۋە قـانـغـا بـارغانـلـىـقـىـنـى، تـېـز داۋالانمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، خۇەنگۇڭ ئۇنىڭغا يەنىلا كېسىلىم يـوق دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بيەن چۆ ئۈچىنچى قېتىم كېلىپ، خۇەنگۇڭغـا كېسىلىنىڭ ئاشقازان، ئۈچەيگە بېرىپ خېلىلا خەتەرلىكلىشىپ قالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغاندا، جادۇگەر قاتارىدا ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ. كېيىن خۇەنگۇڭ بىئارام بولۇپ، بيەن چۆنى كېسىلىنى داۋالاشقا چاقىرتـىـدۇ، بيەن چۆ: «كېچىكتى، چارە يوق» دەيدۇ. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن سەي خۇەنگـۇڭ ئۆلىدۇ. بيەن چۆنىڭ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەنلىك توغرىسىدىكى يەنە بىر خاتىرىمـۇ بار، گو بەگلىكىنىڭ شاھزادىسىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، بيەن چۆنى ئوردىـغـا چاقىرتىدۇ. ئەينى چاغدا ئوردىدا شاھزادىنىڭ ئاخىـرەتـلـىـك ئىـشـلـىـرىـغـا تەييارلىق كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، شاھزادە ئاللىقاچان ئۆلگەنىكەن، بيەن چۆ جەسەتنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىـپ، ئانـدىـن يـىـڭـنـىـلـەرنـى ئېـلـىـپ شاھزادىنىڭ چوققىسىدىكى پەللىنى تېپىپ يـىـڭـنـە سـانـجـىـيـدۇ. يـىـڭـنـە سانجىلىشى بىلەنلا، شاھزادە يۆتىلىپ كۆزىنى ئاستا ئاچىدۇ. بيەن چۆنىـڭ گـو بەگلىكىنىڭ شاھزادىسىنى تىرىلدۈرگەنلىك ھېكايىـسـى ناھايىتـى تـېـزلا تارىلىدۇ، كىشىلەر ئۇنى خىسلەتلىك دوختۇر دەپ ئاتايدۇ. بيەن چۆ كېـسـەلـلـەرنـى داۋالاپ زور شـۆھرەت قـازىـنـىـدۇ، ئۇ چـىـن بەگلىكىدە تۇرۇۋاتقىنىدا، شيەنياڭغا نەچچە100 چاقىرىـم يـىـراقـلـىـقـتـىـكـى كىشىلەر ئات - ئۇلاغلىرىغا مىنىشىپ، داۋالىنىش ئۈچۈن بيەن چۆنى ئىزدەپ كېلىدۇ. كېيىن چىن بەگلىكىنىڭ ئوردا تېۋىپى لىشى بـيـەن چۆگە ھەسـەت قىلىپ، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. شيەنياڭدىكى خەلق بيەن چۆ ئۈچۈن داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتـكـۈزۈپ، ئۇنـىـڭ جـەسىتـىـنـى شيەنياڭنىڭ شەھەر ئەتراپىغا قويىدۇ
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
بيەن چۆ | UyghurWiki | UyghurWiki