ئوپارىن
مەشھۇر شەخسلەر
دۇنيادىكى تۇنجى ھاياتلىق قانداق بارلىققا كەلدى؟ سوۋېت ئىتتىپـاقـى بىئولوگى ئوپارىن (1894 −1980 ) كىشىنى قايىل قىلارلىق نۇقتىئىـنـەزەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتكۈل ھاياتلىق پېنىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلـگـىـرى سۈرگەن.
ئوپارىن18 يېشىدىن باشلاپ موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىمىيە ئۆگەنگەن، مول خىمىيە بىلىملىرى ئۇنىڭ كېيىنكى مەزگىلدە ھاياتلىقنىڭ دەسـلـەپكى مەزگىلدىكى ئۆزگىرىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن ياخشـى ئاساس بولغان.1922 - يىلى، ئۇنى سىرلىق تۈس ئالغان ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسى مەسىلىسى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، ئۇ مۇتلەق كـۆپ قـىـسـىـم زېھنىي كۈچىنى شۇ توغرىدا ئىزدىنىشكە سەرپ قىلىدۇ.
«ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى » − ئوپارىننىڭ تۇنجى ئەسىرى، شۇنداقلا ئۇنـىـڭ نامىنى چىقارغان ئەسەر. بۇ ئەسەردە ئوپارىننىڭ ئىپتىدائىي ھاياتلىقنىڭ تـەدرىجىي تەرەققىياتى توغرىسىدىكى قىياسى مۇنداق بايان قىلىنغـان: يـەر شـارى شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، ھىدروگېن، سۇ ھورى، مېـتان ۋە ئامياكتىن تەركىب تاپقان ئىپتىدائىي ئاتموسفېرا بىلەن تۈرلۈك مــىنېرال مـاددىلار بار ئىپتىدائىي دېڭىز - ئوكيانلار مېتانول، مېتان كىسلاتا، شېكـەرلەر، ياغ كىسلاتا، ئامىنو كىسلاتا قاتارلىق ئەڭ ئاددىي ئورگـانـىـك ماددىلارنىڭ شەكىللىنىش سورۇنى ئىدى. بۇ «بۆشۈك» تە ئەڭ ئىپـتىـدائىـي جانلىقلار بارلىققا كېلىپ، جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تـەرەقـقـىـيـات سـەپـىـرى باشلانغان.29
يىلدىن كېيىن (1953)، ئامېرىكىلىق سىتۇدېنت مىللېر ئىپتىـدائىـي ئاتموسفېراغا تەقلىد بولالايدىغان ئۈسكۈنىنى ياساپ چىقىپ، قىزىتىش، سـوۋۇتۇش، زەرەت قويۇپ بېرىش قاتارلىق شەرتلەرنى تەكرار - تەكـرار تـەسـىـر كۆرسەتكۈزۈش ئارقىلىق، بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئەسۋابتا ئامىنو كىسلاتانى ھاسىل قىلىپ، ئوپارىننىڭ بېشارىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە دەلىللىدى.1959 - يىلى، بىئوخىمـىـك فوكسمۇ تەجرىبە ئارقىلىق ئوپارىننىڭ جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ھەققىدىكى قىـيـاسىنى ئىسپاتلىدى. شۇنداق قىلىپ، ئىپتىدائىي جانلىقلارنىڭ تەدرىجىـي تـەرەققىي قىلىشى ھەققىدىكى قىياس ئىلمىي نەزەرىيىگە ئايلاندى.
ئەلۋەتتە، بىئولوگىيە ساھەسىدىكىلەر ئوپارىننىڭ نەزەرىيىسىگـە ئوخشاش بولمىغان قاراشتا بولىدۇ، بىراق ئوپارىننىڭ يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات مەنبەسى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشى، شۈبھىسىزكى، يول ئېچىش خاراكتېرىگە ئىگە.