سۇكارنو
مەشھۇر شەخسلەر
سۇكارنو (1901 −1070 - يىللار) شەرقىي گۇۋاسۇرابايادىكى يەرلىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.24 يېشىدا باندۇڭ سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىلا ۋەتەنپەرلىك، دېموكراتىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان.1927 - يىلى7 - ئايدا «ھىندونېزىيە مىللىي ئىتتىپاقى» (كېيىنكى يىلى «ھىندونېزىيە مىللىي پارتىيىسى»گە ئۆزگەرتىلگەن) نى قۇرغان. كېيىنچە يەنە ھىندونېزىيە پارتىيىلىرى ئىتتىپاقىنى بەرپا قىلىشقا قاتناشقان ۋە ئىتتىپاقنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىش جەريانىدا، ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە فلورېس ئارىلى بىلەن بېڭكۇلۇغا سۈرگۈن قىلىنغان.1945
- يىلى ئاۋغۇستتا ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىمنامىگە شەرتسىز قول قويغاندىن كېيىن، ھىندونېزىيە مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان، سۇكارنو زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ئۇزاق ئۆتمەي گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى يەنە ئۇرۇش قوزغاپ، مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان.1948 - يىلى12 - ئايدا سۇكارنو يەنە قولغا ئېلىنغان ھەمدە بانكا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەشلىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشى نەتىجىسىدە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى1949 - يىلى ھىندونېزىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان.12 - ئايدا سۇكارنو قايتىدىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان.
سۇكارنو ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە مۇستەقىل، ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇشتىن ئىبارەت دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جاھانگىرلارنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرغان.1955 - يىلىدىكى باندۇڭ يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا، ئاسىيا - ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاجايىپ زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ يەنە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىنىڭ بىرى.50
- يىللاردىن كېيىن، سۇكارنو ئىچكى ئىنقىلابىي كۈچلەرنىڭ ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە، «سوتسىيالىزم»نى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.1965 - يىلى ھىندونېزىيىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن،1967 - يىلىغا كەلگەندە، ئۇ زۇڭتۇڭلۇقتىن قالدۇرۇلۇپ، نەزەربەنت قىلىنغان.1970 - يىل6 - ئاينىڭ21 - كۈنى جاكارتادا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.