ھۇمبولد
مەشھۇر شەخسلەر
ھۇمبولد (1769 −1859 ) گېرمانىيىلىـك ئاقسۆڭەكنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مال - مۈلكىدىن ئايرىلىپ، ئۆمۈر بـويـى ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولماي، رومانتىـك تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇ تـەبـىئىـي جۇغراپىيىنىڭ پېشۋاسى بولۇپ، ئىنسانلار ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى بـېغىشلىغان.
ھۇمبولد گېرمانىيىدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلـۇپ، كـىـچـىـكـىـدىـنلا تەبىئەت توغرىسىدا نۇرغۇن غايىلەرنى تىكلىگەن. ئۇ، ئىلگـىـرى - كـېـيـىـن، ئىقتىسادشۇناسلىق، قۇرۇلۇش ئىلمى، كانچىلىق ۋە گـېئولـوگـىـيـە ئۆگەنگەن. مول بىلىمى ۋە ئاتا - ئانىسىنىڭ مىراسلىرى ئۇنىڭ ئىلىم - پەنگە بېرىلىپ، ئۆسۈملۈك، ھاۋا رايى، گـېئولوگىيـە قـاتـارلىق تەكشۈرۈشلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى پايدىلىـق شـارائىت بـىلـەن تەمىنلىگەن.
ھۇمبولد ئوقۇغۇچىلىق دەۋرلىرىدە بېلگىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيـە ۋە فرانسىيىلەرگە بارغان. كانچىلىق ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەندىـن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ جەنۇبى، ئىتالىيە ۋە شۋېـتسارىيىلـەرنـى يـالـغـۇز تەكشۈرگەن.1799
- يىلى ھۇمبولد30 ياشقا كىرگەندە، فرانسىيىلىـك بـوتـانـىـك بان پىران بىلەن بىللە ئوتتۇرا - جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنى تەكشۈرۈشكـە ئىجازەت ئالغان، بەش يىل ۋاقىت ئىچىدە،10 مىڭ كىلومېتىـرغـا يـېـقـىـن يـول باسقان. تاغقا چىقىدىغان ھېچقانداق زامانىۋى ئەسلىھەلەر بولمىغـان ئەھۋال ئاستىدا، ئەينى چاغدا دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققا دەپ ئاتالغان چىـمـبـوراسو تېغى (5881 مېتىر) نى بويسۇندۇرۇپ، زور مىقداردىكى تاغ جىنسلىـرى ۋە ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىلىرى ھەم خەرىتە سىزىشقا ئىشلىتىلىدىـغـان نۇرغۇن ماتېرىياللارنى توپلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بان پـىـران بـىـلـەن بىللە20 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تەكشۈرۈش نەتـىـجـىـلـىـرىـنـى تەھلىل قىلىش ۋە رەتلەش ئارقىلىق،30 توملۇق «يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇق سۇبتروپىك بەلۋاغ رايونلىرىنى ساياھەتتىن خاتىرە» نى نەشر قىلدۇرغان. بـۇ كاتتا ئەسەر كېيىنكىلەرنىڭ ئوتتۇرا - جـەنـۇبـىـي ئامـېـرىـكـا قـىـتئەسـىـنـى ئېچىشىنى ئىشەنچلىك بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن.
ھۇمبولد يەر شارىنىڭ ماكرولۇق، ئومۇمىي گەۋدە قانـۇنـىـيـىـتـىـنـى ئېچىپ بېرىپ، ئەڭ بۇرۇن تەڭ تېمپېراتۇرا سىزىقى ۋە تەڭ بېسىم سىزىـقـى ھەققىدىكى ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۇنجى يەر شارى تەڭ تېمپېراتۇرا سخېمىسىـنـى تۈزۈپ چىقىپ، يېڭى پەن − سېلىشتۇرما كىلىماتولوگىيىنى بەرپا قىلغان. ئۇ «تەبىئەتنىڭ قىياپىتى» قاتارلىق كىتـابـلـىـرىـدا ھەر خـىـل رايـونلاردىـكـى ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا بېقىنىش مۇناسىۋىتىنى شەرھلـەپ، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك توپلىرى بىلەن جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ باغلىنىشىنـى تەسۋىرلەپ بەرگەن، ئۆسۈملۈك رايونى سىستېمىسى ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆسۈملۈك جۇغراپىيىسىنى بەرپا قىلغان. مـەلـۇم مـەنـىـدىـن ئېـيـتـقـانـدا، ھۇمبولدنىڭ تەتقىقاتى ھازىرقى زامان ئېكولوگىيىسى ئۈچۈن ئىدىيىـۋى ئاساس سالغان.
ھۇمبولدنىڭ دالىدىكى تۇرمۇشىغا رومانـتـىـك تـۈس تولغان، ئۇ ئامېرىكا يولۋىسىغا يەم بولۇپ كېتىشكە تاس قالغان، توكلـۇق يىلانبېلىقنىڭ چېقىشى بىلەن ئىككى قولى قـېتـىـپ قېلىش ئازابىنى تېتىغان،... ئۇ بارلىق مال - بىساتىنى تۈگىتىپ، غورىگىل تۇرمۇشتا ياشىغان.1829
- يىلى،60 ياشقا كىرگەن ھۇمبولد روسىيە چار پادىشاھىنـىـڭ تەكلىپى بىلەن سىبىرىيىگە بېرىپ، كان مەنبەلىرىنى تەكشۈرگەن، بۇ ئۇنىـڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىراق سەپىرى ئىدى. ئۇ پۈتۈن زېھنـىـنـى دۇنـيـاغـا مەشھۇر تەبىئىي جۇغراپىيە كاتتا ئەسىرى «ئالـەم» (5 توم) نـى يـېـزىـشـقـا مەركەزلەشتۈرگەن. بۇ كىتاب تاماملىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىن بۇ تەبـىئىـي پەن ئالىمى كىشىلىك دۇنيا بىلەن خۇشال ۋىدالاشقان، گېرمانـىـيـە نـايـىـپ پادىشاھى ھۇمبولدقا دۆلەتلىك دەپنە ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا بـۇيـرۇق چـۈشـۈرۈپ، بېرلىندىكى پۈتۈن شەھەر خەلقى ئۆزىنى ئىلىم - پەن ئۈچۈن بېغىشلىغـان بـۇ رومانتىك ئادەم ئۈچۈن قارىلىق تۇتقان.