UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرھاللىي

ھاللىي

مەشھۇر شەخسلەر 1758 - يىل12 - ئايدا، يـاۋروپانىڭ ھەرقـايسى جـايـلـىـرىـدىـكـى رەسەتخانىدىكىلەر ئالدىرىشىپ، شەھەر خەلقىدىمۇ خىلمۇخىل گەپ - چۆچەكلەر بولۇنماقتا ئىدى. چۈنكى، بۇنىڭدىن16 يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن پروفېسسـور ھاللىي (1656 −1742 )1758 - يىلىنىڭ ئاخىرى بىر دانە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنـى كـۆرگـىـلـى بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنىدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، قـۇيـرۇقـلۇق يۇلتۇز ناھايىتى سىرلىق، ھەتتا ئىنسانلارغا كېلىدىـغان ئاپەت بىلەن باغلىنىشلىق دەپ قارالغانىدى. پروفېسسور ھاللىينىڭ بېشارىتى توغرىمۇ - يوق؟ كىشىلەر تىت - تىتلىق ئىچىدە بۇنـى كـۈتۈۋاتـاتـتـى.12 - ئاينىڭ ئاخىرى ئۇزۇن قۇيرۇقىنى سۆرەپ ماڭـغـان قـۇيرۇقلۇق يـۇلـتـۇز دەرۋەقە پەيدا بولدى، ئۇنى1759 - يىلىنىڭ باشلىرىغىچە كۆرگىلى بولاتتى. قۇيـرۇقـلـۇق يۇلتۇزنىڭ ئۆز قەرەلىدە پەيدا بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر پـۈتـۈن دۇنـيـانـى زىـلزىلىگە سالدى، كىشىلەر قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزدىن تۇنجى قېتىم بېشارەت بەرگـەن ئەنگلىيىلىك ئاسترونومنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ قۇيرۇقلۇق يـۇلتۇزنـى «ھاللىي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى» دەپ ئاتىدى. ھاللىي كىچىكىدىنلا ئاسترونومـىـيـە ھەۋەسكارى ئىـدى، شۇ چاغلاردا ئىككى گەپنىڭ بىرىدە، ھاللىينىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا، ئۆزىنىڭ كومپىسى ئارقىلىق لوندونـنـىـڭ ماگنىت قىيپاش بۇلۇڭىنىڭ ′30°2 ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىققانلىقى تىلغا ئېلىناتتى. ھاللىي20 يـېـشـىـدا ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خانىش ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيـىـن، ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، قاقاس ساينت ھـېـلـېـنـا ئارىلىغا بېرىپ، جەنۇبىي يېرىم شاردىكى تۇنجـى رەسـەتـخـانـىـنـى قـۇرۇپ، جەنۇبىي يېرىم شاردىكى يۇلتۇزلار جەدۋىلىنى تۈزۈشكە تۇتۇش قىلغان. ئەينى چاغدا كىشىلەر شىمالىي يېرىم شاردىكى يۇلتۇزلار جـەدۋىـلـىـنـى تـۈزۈپ بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ ئەتراپىـدىـكـى يۇلتـۇزلار كىرگۈزۈلمىگەنىدى. ھاللىي بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سـەرپ قـىـلـىـپ،1678 - يىلى،341 يۇلتۇزنىڭ ئورنىنى كىرگۈزۈپ، تۇنجى جەنۇبىي يېرىم شاردىكى يۇلتۇزلار جەدۋىلىنى نەشر قىـلـدۇرغان، بۇ يۇلتۇزلار جەدۋىلى شىمالـىـي يېرىم شاردىكى يۇلتۇزلار جەدۋىلىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تـولۇقـلـىغان،22 يـاشـلـىـق ھاللىي مۇشۇ سەۋەبتىن ئىنتايىن يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولۇپ، «جەنۇبتىكـى تىخو براخ» دەپ ئاتالغان. ھاللىينىڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز توغرىسىدىكى تەتقىـقـاتـى1680 - يـىـلـى باشلانغان. ئۇ تارىختا پـەيـدا بـولـغـان24 قـۇيـرۇقـلـۇق يـۇلـتـۇزنـى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق،1456 - يىلى،1531 - يىلى،1607 - يىـلـى،1682 - يىلى تۆت قېتىم كۆرۈلگەن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ئوربىتىسىـنـىـڭ ئىـنـتـايـىـن ئوخشىشىدىغانلىقىنى بايقاپ، بۇ تۆت قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىـڭ ئەمـەلـىـيـەتـتـە بىرلا قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ئىكەنلىكىگە دادىل ھۆكـۈم قـىـلـغان. ئۇ نيۇتون قانۇنىدىن پايدىلىنىپ ھېسابلاش ئارقىلىق، قۇيرۇقلۇق يۇلـتـۇزنـىـڭ قۇياشنى ئايلىنىش دەۋرىنىڭ76 يىل بولىدىغـانـلـىـقـىـنـى ھېـسـابلاپ چىققاچقا، بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ1758 - يىـلـى يـەنـە بـىـر قېتىم كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بەرگەن، شۇڭا ھاللىـيـنـىـڭ بـېشـارىـتـى دەلىللەنگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ھاللىي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى دەپ ئاتالغان بـۇ يۇلتۇز يەنە1834 -،1910 -،1986 - يىلى كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر