ھېنرى
مەشھۇر شەخسلەر
ھازىر شەھەر ئاھالىلىـرى ئېـلـېـكـتـرونـلـۇق ئاپـتـومـاتـىـك چـاقـمـاق قۇراشتۇرۇلغان گاز ئوچىقىنى ئىشـلـىـتـىـۋاتـىـدۇ. ئاچـقـۇچـنـى بۇرىساقلا، گاز يېقىلىدۇ. بۇنداق قۇلايلىق ئوچاق يېقىنقى يىللاردا بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قائىدىسـىنى، ئۆتكەن ئەسىردە، ئامېرىكىلىق ئالىم ھېنرى (1797 −1878 ) بايقىغان.
ھېنرى نيۇيورك شتاتىدىكى نامرات ئىشچى ئائىـلـىـسـىـدە تـۇغـۇلـغـان بولۇپ،12 يېشىدا ئوقۇشسىز قالغان، شۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت قـىـلـغـاچ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان پەنلەرنى ئىگىلەپ بولۇپ،21 يېشىدا ئۇنىۋېـرسـىـتـېـتـقـا كـىـرىـپ ئوقۇغان.1832 - يىلى،35 ياشلىق ھېنرى فىزىكا پروفېسسورلۇقىغا تەكلىـپ قىلىنغان،1846 - يىلى ۋاشىنگتون سىمىتسون ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئېلېكتر ماتور، مودېل تېلېگـراف ماشىنىسى، رېلىي قاتارلىقلارنى كەشىپ قىلغان.
كاتۇشكىدىكى ئۆز ئىندۇكسىيە ھادىسىسىنى بايقىغانلىقى − ھېنرىنىڭ ئەڭ زور تـۆھپـىـسـى.1829 - يىلى، ئۇ تېخىمۇ زور تارتىش كۈچىگە ئىگە ئېلېكتر ماگنىتنى تەتقـىـق قـىـلـىـپ ياساۋاتقاندا تۆمۈر ئۆزەككە ئورالغان كاتۇشكىدىكى توك تـوخـتىـغـانـدا، ئېلېكتر ئۇچقۇنى پەيدا بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ شۇنـىـڭـدىـن كـېـيـىـن تەكرار - تەكرار تەجرىبە ئىشلەپ بۇ ھادىسىنى ئېنىقلاپ چىقـقـان ھەمـدە ئۆز ئىندۇكسىيە قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئېلېكترونلۇق ئاپتوماتىـك چـاقـمـاق قۇرۇلمىسى مۇشۇ قانۇنىيەتكە ئاساسەن كەشىپ قىلىنغان.1830
- يىلى، ھېنرى ئېلېكتر ماگنىتنىڭ ئىـكـكـى قـۇتۇپى ئارىسىغا ئۆتكۈزگۈچ سىم ئورالغان تـۆمـۈر تـايـاقـچـىـنـى قـويغان ۋە ئۆتكۈزگۈچ سىمنىڭ ئىككى ئۇچىنى گالۋانومېتىرغا ئۇلىغان. ئۇ ئېـلـېـكـتـر ماگنىتتىكـى ئۆتـكـۈزگـۈچ سـىـم ئۇلانـغـان يـاكـى ئۈزۈلـگـەن ھامان گالۋانومېتىر ئىسترېلكىسىنىڭ ئاغىدىغانلىقىنى كۆرگەن. مـانـا بـۇ ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيە ھادىسىسـى ئىـدى، ھېـنـرى ئۇنـى ئەڭ بـالـدۇر بايقىغان بولسىمۇ، ئېلان قىلمىغاچقا، ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىـيىـسـى ھادىسىسىنى بايقاش تۆھپىسى ئۆز نەتىجىسىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېلان قىلغان فـارادىـغـا مەنسۇپ بولغان.1842
- يىلى، ھېنرى تەجرىبىخانىغا ئۇچقۇن يوچۇقى قـۇرۇلـمـىـسـىـنـى ئورۇنلاشتۇرۇپ،30 نەچچە فۇت ئارىلىققا ئېنېرگىيە قوبۇل قىـلـىـش ئۈچـۈن كاتۇشكا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، كاتۇشكا بىلەن گالۋانومېتىر ئۇلىنىپ، توك يولـى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئۇچقۇن يوچۇقى قۇرۇلمىسىدىكى ئېلېـكـتـر ئۇچـقـۇنـى چاقنىغاندا، كاتۇشكىغا ئۇلانغان گالۋانومېتىرنىڭ ئىسترېلكىسـى ئاغـىـدۇ. بـۇ تەجرىبىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بـولـۇشـى، ئەمـەلـىـيـەتـتـە، رادىئو دولقۇنىنىڭ تارقىلىشىنى ئىشقـا ئاشـۇرىـدۇ. ھـېـنـرىـنـىـڭ تـەجـرىـبـىـسـى ھېرتىسنىڭ رادىئو تەجرىبىسىدىن40 نەچچە يىل بالدۇر بولسـىـمـۇ، ئەينى چاغدىكى كىشىلەر، جۈملىدىن ھېنرىمۇ بۇ تەجرىبىنىڭ مۇھىملىقىـنـى تونۇپ يەتمىگەن.
ھېنرىنىڭ تۆھپىسـى ئىـنـتـايـىـن كـۆپ بـولـسـىـمـۇ، ۋاقـتـىـدا ئېلان قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى ۋە ئاۋۋال بايقىغانلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان. بىراق، ھېنرى يەنىلا مەشھۇر ئېلېـكـتـر ئىـلـمـى ئالىمى بولۇشقا مۇناسىپ. كېيىنكىلەر ھېنرىنى خاتىرىلەش، ئۇنىڭ ئىندۇكتىپلىق ھادىسىسىنى بايقىغانلىقىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، ئىـنـدۇكتىپلىقنىڭ بىرلىكىنى «ھېنرى» دەپ ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىدى.