UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرئۇپپېنھېيمېر

ئۇپپېنھېيمېر

مەشھۇر شەخسلەر 1945 - يىل7 - ئاينىڭ14 - كۈنى، دۇنيا بويىچە تۇنجى ئاتوم بومبا ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا شتاتىدىكى ئالاموگورادو قۇملۇقى بـوشـلۇقـىـدا پارتلىدى. تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىگـە ئامېرىكىلىق ئالىم ئوپپېنھېيمېر (1904 −1967 ) رەھبەرلىك قىلغان، شۇڭـا ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ئاتوم بومبىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالدى. ئوپپېنھېيمېر كىچىكىدىنلا ئەقىللىق، تىرىشچان ئىدى، ئۇ بەش ياشقا كىـرگەن كۈنى، ئاتىسى ئۇنىڭغا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى ئۈچـۈن ئالا بۇلىماچ ۋە ھەر خىل تاشقاتمىلارنى بېرىدۇ. ئۇ بۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ، تۈرلۈك تاغ جىنس ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىشقا باشلايدۇ ۋە نەتىجە قازىنـىـدۇ.12 يېشىدىلا ئىختىساسلىقلار توپلاشقان نيۇيورك كان بۇيۇملىرى كۇلـۇبىـنـىـڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، مۇتەخەسسىس، ئالىملارغا «مانخاتتۇن ئارىلىـدىـكـى ئۇل جىنسلار» دېگەن تېمىدا ئىلمىي دوكلات بېرىدۇ. ئۇ ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچـىـدىلا ئالىي مەكتەپنىڭ تۆت يىللىق دەرسىنى ئۆگىنىپ بولىدۇ ۋە مەكتەپـنـى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزىدۇ.1927 - يىلى،23 ياشلىق ئوپپېنھېيمېر دوكـتـورلـۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭغا »فىزىكا توغرىسىدا ھەر تەرەپلىمە چۈشەنـچىـگـە ئىگە، مەسىلىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتۇشقا ماھىر« دېگەن باھانى ئەينى چاغدىكى بىرىـنـچـى قاتاردا تۇرىدىغان فىزىكلار بەرگەن.1941 - يىلىنىڭ ئاخىرى، گېرمانىيە فاشىستلىرىغـا قـارشـى تـۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلت ئاتوم بومبىنى تەتقىق قىلىپ ياساش مەقسەت قىلىنغان «مانخاتتۇن قۇرۇلۇشى» نى تەستىقلايدۇ، ئوپپېنھېيمېر قۇرۇلۇشنىڭ تەشكىلاتچىلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان زور بىـر تـۈركـۈم ئالىملار ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۈچ يىلدىن ئارتۇقـراق ۋاقـىـت ئىچىدىلا ئاتوم بومبىنى ياساپ چىقىدۇ.1945 - يىل8 - ئايدا، ئامېرىكا ياپونىيىگە ئىككى دانـە ئاتوم بـومبىسىنـى تاشلايدۇ، نەچچە100 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، ئوپپېنھېيمېر بۇنىـڭـدىـن ئىنتايىن ئازابلىنىدۇ. ئۇ، ئالىملار تەتقىقات بىلەنلا بولۇپ كەتمەستىن، ئىجتـىمائىي مەسئۇلىيەتنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ كۈچلۈك مۇراجىئەت قـىلىدۇ.2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئاتوم ئېنېرگىيىسىنى تىنچلـىـق ئۈچـۈن ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ھىدروگېن بومبا ياساشقا قارشى تۇرغاچقا، «ساداقەتسىز» دەپ ئەيىبلىنىدۇ. ئوپپېنھېيمېر1946 - يىلدىن1952 - يىلغىچە ئاتوم ئېنېرگىيىسـى كـومىتېتى باش مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالىـدۇ ۋە نۇرغۇن خەلقئارالىق ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقاتىنـى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن نەزەرىيە فىزىكلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىـدۇ.1963 - يىلى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى راكقا گىرىپتار بولغان ئوپپېنھېيمېرغا ئېنـرىـك فـېـرمىي مۇكاپاتى بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
ئۇپپېنھېيمېر | UyghurWiki | UyghurWiki