UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرمۇرېن تېننو

مۇرېن تېننو

مەشھۇر شەخسلەر ياپونىيە پادىشاھ مېيجى دەۋرىدە فېئوداللىق جەمئىيەتتىن كاپىتالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتكەن. دەل مۇشۇ ئادەم قوللىغان مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى ياپونىيە تارىخىنى يېڭى بىر باسقۇچقا ئېلىپ كىرگەن. مېيجى تېننو (1852 -1912 - يىللار)نىڭ ئىسمى مۇرېن بولۇپ،1867 - يىلى خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان، كېيىنكى يىلى يىلنامىسىنى مىڭجىغا ئۆزگەرتكەن، تارىختا بۇ «مېيجى تېننو» دەپ ئاتالغان. مېيجى تېننو تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندا، ياپونىيە پادىشاھى پەقەت نامدىكىلا دۆلەت رەھبىرى بولۇپ، ئەمەلىي ھوقۇق «مۇفۇ» نىڭ قولىدا ئىدى، مۇفۇ گېنېرال دې چۈەن جەمەتىنىڭ ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلغانىدى. بۇ چاغدىكى ياپونىيە جەمئىيىتىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، كاپىتالىستىك قول سانائەت مەيدانلىرى ۋە سودا ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلغانىدى، سىرتقا قارىتا غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىش، چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتاتتى. ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا، بىر - بىرىگە قارشى ئىككى گۇرۇھ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، دې چۈەن مۇفۇ باشچىلىقىدىكى گۇرۇھ كونىلىقنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئەمدىلا15 ياشقا كىرگەن مېيجى تېننو بولسا ئىسلاھاتچىلار تەرەپدارلىرىنى قەتئىي قوللايتتى. ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيىنى كۈچەيتىش، ياپونىيىنى گۈللەندۈرۈش، مۇفۇنىڭ قولىدىن پادىشاھلىق ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، خاراب بولغىنىغا700 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولۇپ قالغان خان جەمەتىنى قايتىدىن نۇرلاندۇرۇشنى ئويلايتتى. شۇڭا، ئۇ دې چۈەن مۇفۇغا جازا يۈرۈشى قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئىسلاھاتچىلارغا: «مۇفۇنىڭ جاجىسىنى بەرمىسەك، ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھىغا قانداق يۈز كېلەلەيمىز، پۇقرالارنىڭ ئۆچىنى قانداق ئالالايمىز؟» دەپ مەخپىي يارلىق چۈشۈرگەن. بىرقانچە قېتىم جەڭ قىلىش ئارقىلىق، دې چۈەن ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، جىنايىتىنى تونۇغان ھەمدە بارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ، تېننوغا تەسلىم بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، تېننو يەنە يۈكسەك مەرتىۋىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پايتەختنى كيوتودىن ئېدوغا يۆتكەپ، ئېدونى توكيو دەپ ئۆزگەرتكەن ھەمدە فېئودال سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، ئايماق، ناھىيىلەرنىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنى تەسىس قىلىش؛ فېئوداللىق دەرىجە ئىمتىيازىنى چەكلەش؛ سانائەتنى گۈللەندۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىشى ئارقىلىق زاۋۇت قۇرۇش، ئاندىن شەخسلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا تۆۋەن باھادا سېتىپ بېرىش؛ مائارىپنى گۈللەندۈرۈپ، غەربنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى قوبۇل قىلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان باردى - كەلدىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرى تارىختا «مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان. مېيجى تېننو ياش ۋاقتىدىلا كۈچلۈك مىلىتارىست تەربىيىسى ئالغان بولغاچقا، سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن. قورال كۈچى ئارقىلىق «بىپايان زېمىن ئېچىش»، »ھەممە يەرگە تەھدىت سېلىش«نى ئاشكارا تەشەببۇس قىلىپ، مىلىتارىستلارنىڭ قوشۇنىنى زورايتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشىغا مەدەت بەرگەن.1893 - يىلى، ياپونىيە پارلامېنتى ھەربىي پاراخوت ياساش خىراجىتىنى ئازايتىشنى قارار قىلغاندا، ئۇ پەرمان چۈشۈرۈپ، ئالتە يىل ئىچىدە خان سارىيىنىڭ خىراجىتىدىن300 مىڭ ياپونىيە يىنى چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئەمەلدارلارنى مائاشىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى ھەربىي پاراخوت ياساش خىراجىتىنى تولۇقلاشقا ئىئانە قىلىشقا بۇيرۇغان.1894 - يىلىدىن1895 - يىلىغىچە، جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىنى قوزغاپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان.1904 - يىلىدىن1905 - يىلىغىچە، ئۇ يەنە ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ مىلىتارىزملىقى ۋە ئۇرۇشخۇمارلىقى ياپونىيە مىلىتارىستلىرىنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، ياپونىيىمۇ تاكى2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر تەدرىجىي ھالدا تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان ھەربىي فېئوداللىق جاھانگىر دۆلەت بولۇپ قالغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر