بېكون
مەشھۇر شەخسلەر
«بىلىم − كۈچ!»، بۇ ئەنگلىيىلىك مەشھۇر ئالىم، پەيلاسوپ بېكون (1561 −1626 ) نىڭ مەشھۇر سۆزى.
ئۇ «تارىخ ئادەمنى دانالاشتۇرىدۇ، شېئىر ئادەمنـى ئاقـىـلـلاشـتـۇرىـدۇ، ھېساب ئادەمنى ئەستايىدىللاشتۇرىدۇ، پـەلـسـەپـە ئادەمنىـڭ زېھنىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ئېتىكا ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئاشۇرىدۇ، لوگىكـا، ئىستىلىستىكا ئادەمنى مۇنازىرىگە ئۇستا قىلىدۇ» دېگەننى كۈچىنىڭ بـارىـچە تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ئىلىم - پەنگە، ئىلىم - پەننى تەرەققىي قىلدۇرىدىغـان ئىلغار ئىدىيىلەرگە ۋە بىلـىمنـى ئۇلـۇغلايـدىـغـان ئىـلـغـار شوئارلارغا ھۆرمەت قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۆمۈرۋايەت ھەقىقەتكە ئىنتىلگەن بۇ مۇتەپەككۇرنى ماركـس «ئەنـگـلـىـيـە ماتېرىيالىزمى ۋە پۈتكۈل ھازىرقى زامان تەجرىبە ئىلـمـىـنـىـڭ ھەقىقىي پېشۋاسى» دېگەن. بېكون ئىلىـم - پـەن بىلىملىرى ۋە يېڭى ئۇسۇللارنـى، ئىنسانلاردا تەبىئەتنى تولۇق ئىدارە قىلالايدىغان ئىقتىدارنىڭ بولۇشىنى ئۆمۈر بويى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلغان. ئۇ تەبىئىي پـەنـنـى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بىلىم ئىگىلەشـنىڭ مەقسىتى تەبىئەتنى بىلىش، شۇ ئارقىلىق تەبىئەتنـى بـويـسۇندۇرۇش دەپ قارىغان. ئۇ تەبىئەت دۇنياسى ماددىي، ھەرىكەتچان، ئىچكى كۈچ ۋە ئىچكى كېرىلىش كۈچىگە ئىگـە دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، بارلىق بىلىمنىڭ مەنبەسى تۇيغۇ، تۇيغۇ ئىشەنچلـىـك بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئىلىم - پەندە ھېسسىي ماتېـرىـيـاللارنـى يىغىنچاقلاش، تەھلىل قىلىش، سېلىشتـۇرۇش، كـۆزىـتـىـش ۋە تـەجـرىـبـە قىلىش ئۇسۇللىرى بىلەن ئىلـمـىـي رەتـلـەشـنـى تەشەببۇس قىلىدۇ. بېكون، ھېسسىي تەجرىبە بىلەن ئەقلىـي تـەپـەكـكـۇرنـى بىرلەشتۈرۈش سەزگۈ ئەزالارنىڭ نۇقسىنىنى تۈگىتىشنىڭ مـۇھىـم يـولى، ھېسسىي تەجرىبىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ نەزەرىيىۋى يەكۈنلەرگە سـەل قاراش چۈمۈلىنىڭ ماتېرىيال يىغىشنىلا بىلىپ، پـىـشـشـىـقلاپ ئىـشـلـەشـنـى بىلمىگىنىگە ئوخشايدۇ؛ ئەقلىي تەپەككۇرگە ئەھمىيەت بېرىپ، تەجرىبىگـە سەل قاراش ئۆمۈچۈكنىڭ يىپ چىقىرىپ تور توقۇشنىلا بىلىپ، ئۆز سىستېمىـسـىنـى ياسىغىنىغا ئوخشايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممـىـسـى تـوغـرا ئەمـەس. ئىـلىم - پەن تۇيغۇنى ئاساس قىلىپ، تۇيغۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن ماتېرىياللارنى مـۇۋاپـىـق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەھلىل قىلـىـشـى، رەتلىشـى، ئومۇمىـي قـائىدە يۈكسەكلىكىگە ئۆستۈرۈپ، شەيئىنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى بـايـقـىـشـى كېرەك. خۇددى ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش ھەم يىغىشى، ھەم پىشـشـىـقلاپ ئىشلىشى لازىم، دەپ قارىغان. بۇ خـىـل مـۇۋاپـىـق ئۇسـۇل بـېـكـون تەشەببۇس قىلغان يىغىنچاقلاش (ئىندۇكسىيە) ئۇسۇلى. ئۇ يېقىنقى زامان يىغـىـنـچـاقلاش ئۇسۇلىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇنىڭ يىغىنچاقلاش ئۇسۇلى تەبىئىي پەنـلـەرنـىـڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن.
بېكوننىڭ «ئىلىم - پەننىڭ قىممىتى ۋە تەرەققىياتى تـوغـرىـسـىـدا»، «يـېـڭـى قورال» قاتارلىق ئەسەرلىرى دۇنياغا مەشھۇر ئەسەرلەردۇر.