UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرلى بىڭ

لى بىڭ

مەشھۇر شەخسلەر 2000نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى ياسالغان دۇجياڭيەن توسمىسى تـا ھازىرغىچە جۇڭگونىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى چېڭدۇ تۈزلەڭلىكىدە كـەلـكـۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇغىرىش، سۇ قاتنىشى جەھەتلەردە رولـىـنـى جـارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا سۇ ئىنشائاتى تارىخىدىكى مۆجىزىگە ئايلاندى. ئۇنـى لايـىھىلىگۈچى ۋە ياساتقۇچى ئېلىمىزنىڭ يېغىلىق دەۋرىدىكى نادىر سۇچـىـلـىـق قۇرۇلۇشى ئالىمى لى بىڭ (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى280 - يىلدىن مىلادىيىدىن ئىـلگىرىكى220 - يىلغىچە) ئىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى250 - يىللىرى لى بىڭ سىچۇەندە مەنسەپ تـۇتۇپ، شۇ جايدىكى ئېغىر ئاپەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ، خەلقنىـڭ سـۇنى تىزگىنلەش كۈچلۈك مۇراجىئەتلىرىنى ئاڭلاپ، مىنجياڭ دەرياسىنى تىزگىنلەش ئىرادىسىگە كېلىدۇ. ئۇ نەق مەيداندا سۇ رايى، يەر شارائىتىنى تەكشۈرۈپ لايىھە تۈزۈپ، نەچچە100 مىڭ خەلقنى ئاۋۋال يۈلىشەن تېغىنى يېرىشقا تەشكىللەيدۇ. ئەينى چاغدا پارتلاتقۇچ دورا، ماشىـنـا - ئۈسكۈنە بولمىغاچقا، لى بىڭ ئاممىنىڭ تەكلىپىگە قـۇلاق سـېلىـپ، قورام تاشلار ئۈستىگە ئېرىق ئېچىپ، ئوت - چۆپلەرنى قويۇپ كۆيدۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تاشلار يېرىلىپ قۇرۇلۇش سۈرئىتى تېزلەيدۇ. مۇشۇ خىل ئۇسۇل بـىلەن يۈلىشەن تېغىدىن20 مېتىر كەڭلىكتە ئېغىز ئاچىدۇ، مانا بـۇ مـەشھـۇر «باۋپىڭكۇ ئېغىزى» قۇرۇلۇشى. دۇجياڭيەن توسمىسىنى ياساش جەريانىدا، دەريـا مـەركـىـزىـگـە تـاش تاشلاپ توسما ياساش چارىسى قوللىنىلىدۇ، لېكىن ئېقىن تېـز بـولـغـاچـقـا، تاشلانغان تاشلارنى ئېقىتىپ كېتىدۇ. لى بىڭ شۇ يەردە بامبۇك بارلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىشچىلارنى ئۇزۇنلۇقى3 جاڭ، كەڭلىكى2 جاڭ كېلىدىغان بامبۇك سېۋەت توقۇپ ئىچىگە شـېـغـىـل - تاشلارنى قاچىلاپ ئاندىن دەرياغا تاشلاشقا تەشكىللەيدۇ، ئاخىرىدا جـىـددىـي ئاقىدىغان دەريا سۈيى تىزگىنلىنىپ، سۇ بۆلگۈچ چوڭ توسما ياسىلىپ چـىقىدۇ. لى بىڭ سۇ ئورنىنى توغـرا ئۆلـچـەش ئۈچـۈن، تاش ئادەمدىن بىرنى ياساپ دەريادا تۇرغۇزىدۇ، سۇنىڭ تاش ئادەمنىڭ بـەدىنىدىكى ئورنى ئارقىلىق سۇ ئورنىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىـگـە ھۆكـۈم قـىلىپ، دەريا سۈيىنىڭ ئېقىن مىقدارىنى تىزگىنلەيدۇ. سۇ قۇرۇلۇشى تامـاملانغاندىن كېيىن، لى بىڭ ھەر يىلى رېمونت قىلىشقا ئەھمىيـەت بـېـرىـدۇ. ئۇ يىللىق رېمونتتا «لاتقىنى چوڭقۇر تارتىش، توسمىنى پاكار ياساش» نـى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇ لاي - لاتقىنى كۆپرەك ئېلىۋېتىش، توسمىنى بەك ئېـگـىـز ياسىۋەتمەسلىك دېگەننى بىلدۈرىدۇ. كېيىنكىلەر بۇ سۆزنى، لى بىڭنى خاتـىرىلەش ئۈچۈن، ياسىغان بۇتخانىنىڭ تاش تېمىغا ئويۇپ قويدى. دۇجياڭيەن توسمىسىنىڭ پۈتۈشى كۆپ ئاپەت بولىدىغان سىچۈەن ئويمانلىقىنى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە مەشھۇر «جەننەتتەك يۇرت» قـا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكىلەرنى سۇ ئىنشائاتىنى لايىھـىلەش، ياساشنىڭ نەمۇنىسى بىلەن تەمىنلىدى.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر