ۋارلىن
مەشھۇر شەخسلەر
1871 - يىل5 - ئاينىڭ28 - كۈنى، ئىككى قولى كەينىگە باغلانغان، پېشانىسى پىچاق ئىزى بىلەن تولغان، كۆزى پولتىيىپ قالغان، يۈز - كۆزلىرى قانغا بويالغان بىر يىگىت قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئېلىنغاندىن كېيىن، ۋېرسال قاراقچىلىرى تەرىپىدىن پارىژ كوچىسىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ تىز پۈكمەس قەيسەر يىگىت دەل فرانسىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى، پارىژ كوممۇناسىنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى ۋارلىندۇر.
ۋارلىن (1839 −1871 - يىللار) فرانسىيە ئىشچىلىرىنىڭ ئاتاقلىق داھىيسى. ئۇ ئەسلىي تۈپلەش ئىشچىسى بولۇپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، بىكار ۋاقىت تاپسىلا كىتاب ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان. ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئاددىي - ساددا بولۇپ، يۇقىرى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەچكە، ئاممىنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، بارا - بارا فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى قوشۇنىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.1871
- يىلى3 - ئايدا، پارىژ خەلقى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پارىژ كوممۇنىسىنى قۇرغان، ۋارلىن قوزغىلاڭنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى بولۇپ، كوممۇنانىڭ رەھبىرى بولۇپ سايلانغان، ئۇ مالىيە، ئاشلىق، ھەربىي ئىشلار، ھەربىي لازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ھەقىقەتەن ئېغىر ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ ئورنى ئۆزگەرگەن، كوممۇنانىڭ پۇللىرى ئۇنىڭ قولىدىن ئۆتىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاۋۋالقىدەكلا ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ، ئومۇمنىڭ ئىشىدا پاك بولغان، ئىلگىرىكىدەكلا ئاددىي - ساددا كىيىنىپ، ئەرزان تاماق بىلەن غىزالانغان، بەزىدە ھەتتا دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسىدە قالغان ئىنتايىن قىيىن شارائىتتىمۇ، ئاچارچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ، تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ، پارىژ كوممۇناسىغا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارنى غەملىگەن. ئۇنىڭ ئايالى باشقا ئاياللارغا ئوخشاش سېنا دەرياسى بويىدا كىر يۇغان. ۋارلىن خىيانەتچىلىك ۋە ئىسراپخورلۇققا ناھايىتى ئۆچ ئىدى. بىر قېتىم. بىر كوممۇنا ئەزاسى ئۆزىگە بىر قۇر ئېسىل كىيىم تىكتۈرۈپ، كوممۇنادىن ئاتچوت قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ۋارلىن قىلچە ئىككىلەنمەستىن ھېسابات تالونىغا «كوممۇنادا ئېسىل كىيىملەرنى سېتىۋالىدىغان پۇل يوق» دەپ يېزىپ، ھېسابات تالونىنى قايتۇرۇۋەتكەن.1871
- يىلى5 - ئايدا، ئەكسىيەتچى دۈشمەن ئارمىيىسى پارىژ شەھەر رايونىغا ھۇجۇم قىلغان، مۇشۇنداق خەتەرلىك پەيتتە، ۋارلىن ھەربىي مۇداپىئە خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، ئالدىنقى سەپتىكى بازىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىغان.5 - ئاينىڭ28 - كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى ئىستىھكام قولدىن كېتىپ، ۋارلىن قولغا ئېلىنغان. دۈشمەنلەر ئۇنىڭ ئىككى قولىنى كەينىگە باغلاپ، شەھەر ئىچىدە نەچچە سائەت سۆرەپ يۈرۈپ ناھايىتى قىينىغان، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى تىتىلىپ كەتكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ، ئۆلۈم ئالدىدا قىلچە تىز پۈكمىگەن. جاللاتلار ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ مىلتىق تەڭلىگەندە، ئۇ بار كۈچى بىلەن: «پارىژ كوممۇنىسى ياشىسۇن» دەپ ۋارقىرىغان، بەدىنىگە ئىككى پاي ئوق تەگكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ داۋاملىق شوئار توۋلىغان، ئۈچىنچى پاي ئوق ئەمدىلا32 ياشقا كىرگەن بۇ قەھرىمان يىگىتنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.