مۇستافا كامال
مەشھۇر شەخسلەر
1926 - يىلى3 - ئايدا، تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرىدە جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى مۇستافا كامالنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ مەقسىتىگە يېتەلمەسلىك ۋەقەسى يۈز بەردى. كىشىلەر ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتكەن شۇ پەيتتە، مۇستافا كامال ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن: «مېنىڭ جىسمىم ھامان بىر كۈنى يەرگە كۆمۈلىدۇ، ئەمما تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بۇ دۇنيادا مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ» دېدى.
مۇستافا كامال (1881 −1938 - يىللار) بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى، ئېگىي دېڭىزى بويىدىكى شەھەر − سالونىكا شەھىرىدىكى بىر ياغاچ سودىگىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ۋەتىنى بۇ دۆلەتنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىقى بىلەن چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ ئېزىشىگە ئۇچراۋاتاتتى. ئۇ كىچىكىدىلا دادىسىدىن يېتىم قالغان، نامرات تۇرمۇش كەچۈرگەچكە، جاپالىق شارائىت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان قەيسەر ئىرادە يېتىلدۈرگەن؛ ھەربىي ئىشلارغا ناھايىتى قىزىققاچقا، قىسىمدا ئۇزاق مۇددەت ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە دېموكراتىك ئىدىيىنىڭ تاۋلىشى ئارقىسىدا، ئۇ ئىنقىلاب ۋاسىتىسى ئارقىلىق ۋەتىنىنى ئازاد قىلىشقا بەل باغلىغان ھەمدە فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان ئىنقىلابقا ئاتلانغان.1918
- يىلى1 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، تۈركىيە گېرمانىيىگە ئەگەشكەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان دۆلەت قاتارىغا كىرىپ قېلىپ، زېمىنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، گرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغان. مىسلى كۆرۈلمىگەن مىللىي كرىزىس يۈز بەرگەن ئەنە شۇنداق پەيتتە، گېنېرال دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ بولغان مۇستافا كامال قەتئىي غەيرەتكە كېلىپ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قوراللىق كۈرەشكە ئاتلانغان ھەمدە تۈركىيە ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى بولۇپ قالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا قوماندانلىق قىلىش جەھەتتىكى قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، جايلاردىكى تارقاق پارتىزانلار ئەترىتىنى قاتتىق مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق، جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن مۇنتىزىم قوشۇنغا ئايلاندۇرغان. ئۇ ھەرقانچە جاپالىق، قىيىنچىلىق شارائىتتىمۇ چوقۇم غەلىبە قىلىشقا تولۇق ئىشەنچ باغلاپ، پۈتۈن ئارمىيىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەرگە: «ۋەتەننىڭ ھەربىر غېرىچ يېرىنى قېرىنداشلارنىڭ قېنى چىرىپ كېتىشتىن ئىلگىرى قولدىن كەتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدۇ» دېگەن. بىر قېتىملىق جەڭدە، مۇستافا كامال ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرۇۋالغان، ئەمما تاكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغانغا قەدەر قوشۇنغا قوماندانلىق قىلغان.
تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇستافا كامال سۇلتانلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، مىللىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، يېزىقنى ئىسلاھ قىلىش، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىشلىگەن. فېئودال كۈچلەرنىڭ سۇيىقەستى ئالدىدا، ئۇ ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىدىن قىلچە تەۋرەنمىگەن. «غەربىي ئاسىيانىڭ كېسەل كۆرپىسى» دەپ ئاتالغان تۈركىيە قىسقىغىنا ئون نەچچە يىلدا مىللىي گۈللىنىش يولىدا مېڭىپ، بارا - بارا تەرەققىي قىلىپ زامانىۋى دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
مۇستافا كامال ئۇلۇغ مىللىي قەھرىمان، شۇنداقلا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇنىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، تۈركىيە پارلامېنتى1934 - يىلى ئۇنىڭغا «تۈركىيىنىڭ دۆلەت ئاتىسى» دەپ نام بەرگەن.