مارىيە كيۇرى
مەشھۇر شەخسلەر
رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن داۋالاش راك كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنـىـڭ بىرى، ئۇ دەسلەپكى مەزگىلدىكى، ئوتتۇرا مەزگىلدىكى نۇرغۇن راك كېسىلى بىمارلىرىنى قـۇتـقـۇزۇۋالـدى، بـۇ خـىـل رادىئوئاكـتـىـپ نـۇرنـى رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنتلار، مەسىلەن، پولونىي، رادىي قاتارلىقلار چـىـقـىـرىـدۇ. بۇ خىل ھادىسىنى فرانسىيىلىك ئالىم كيۇرى خانىم (1867 −1934 ) بىلەن ئۇنىڭ يولـدىـشـى بايقىغان. ئەپسۇسكى، سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتـقـۇزۇپ قالغان ئالىمنىڭ جېنىغا رادىي زامىن بولغان.
مارىيە كيۇرىنىڭ ئەسلىي فامىلىسى سكلودوۋىـسـكـايا بـولـۇپ، پـولشادا تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالتۇن مېدال بىلەن پۈتكۈزگەن. ئەينى چاغلاردا پولشا چاررۇسىيىنىڭ ھۆكۈمـرانـلـىـقـىـدا بـولـغـاچـقـا، ئايـاللار كەمسىتىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيالمايتتى. ئۇ ئىككىنچى ئاچىـسـى بـىلەن فرانسىيىگە بېرىپ ئوقۇشقا كېلىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسى نامـرات بـولـغـاچـقـا، ئۆزى ئاۋۋال بەش يىل ئائىلە ئوقـۇتـقـۇچـىـسـى بـولـۇپ، ئىـكـكىـنـچـى ئاچىسىنىڭ پارىژدا مېدىتسىنا ئۆگىنىشىنى خىراجەت بىلەن تـەمـىـنـلـىگەن، ئىككىنچى ئاچىسى مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ پارىژدا دوختۇر بولغاندىن كېـيـىـن، مارىيە1891 - يىلى ئاندىن فرانسىيىگە بېرىپ پارىـژ ئۇنـىـۋېـرسـىـتـېـتـىـغـا كىرگەن، ئىككى يىل ئىچىدە فىزىكا ۋە ماتېماتىكا پەنلىرى بـويـىـچـە ئۇدا ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. مۇشۇ مەزگىلدە ئۇ فرانسىـيىلىك ئالىم پېررى كيۇرى بىلەن تونۇشۇپ،1894 - يىلى توي قىلـغان، شـۇنـىـڭـدىـن ئېتىبارەن ئەر - خوتۇن بىرلىكتە ئىلمىي تەتقىقاتقا بېرىلىپ كەتكەن.1895
- يىلى گېرمانىيىلىك فىزىك رېنتگېن X نۇرنى بايقىغان.1896 - يىلى فرانسىيىلىك ئالىم بېككېرىل تـەركـىـبـىـدە ئۇران بـار مـاددىلارنـىـڭ رادىئوئاكتىپ نۇر چىقىرىش ھادىسىسىنى بايـقىغان، كـيـۇرى ئەر - خـوتـۇن بۇنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە بەل باغلىغان، ئۇلار ئۇران نۇرىنى پـەن تەتقىقات تۈرى قىلىپ، ئۇران سمولىسى (ناستوران) دىكى كۈچلۈك رادىئوئاكتىپلىقى بولغان يېڭى ئېلېمېنت ئۈستىدە ئىزدەنگەن.
ئۇلار دەسلەپتە بايقىغان يېڭى رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنتقا، كـيـۇرى خـانـىـم ئۆزىنىڭ ۋەتىنى پولشانى خاتىرىلەش ئۈچۈن، پولونىي دەپ نام بەرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە رادىئوئاكتىپلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بـولـغـان رادىـيـنـى بايقىغان. ئۇلار رادىينىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپـاتلاش ئۈچـۈن، ئۇنـى ئايـرىـپ چىقىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ. ئۇلار تەركىبىدە رادىي بولغان ئۇران رۇدىسىنـى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمىگەچكە، ئەرزان باھالىق ئۇران سىمولىسنىڭ داشقىلىدىن پايدىلىنىپ، شامال ۋە يامغۇردىن دالدا بولمـايدىغـان زاۋۇت لاپىسـىنـى تەجرىبىخانا قىلغان. ئۇلار تومۇز ئىسسىق ۋە زىمىستان سوغۇققا قارىمـاي، ئىنتايىن ئاددىي قوراللاردىن پايدىلىنىپ، دىماغنى ئېچىشـتـۇرىـدىـغـان پـۇراق ئىچىدە54 ئاي جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، نەچچە10 توننا ئۇران سمولسى داشقىلىدىن12 .0 گرام رادىي خلورىدنى ئايرىپ چىقىدۇ ۋە ئۇنىـڭ ئاتـوم ئېغىرلىقى225 ، رادىئوئاكتىپلىقىنىڭ ئۇراندىن2 مـىـلـيـون ھەسسىدىن ئارتۇق كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىققان.1903 - يـىلى كيۇرى خانىم دوكتورلـۇق ئىلمىـي ئۇنۋانـىـغـا ئېـرىـشـكەن. شـۇ يـىـلـى رادىئوئاكتىپلىق ھادىسىسى تەتقىقاتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلىقـى ئۈچـۈن، كيۇرى ئەر - خوتۇن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغـا ئېـرىـشـكەن. رادىئوئاكـتـىـپ ئېلېمېنتلار، بولۇپمۇ رادىينىڭ بايقىلىشى دەۋر بۆلـگـۈچ ئەھمـىـيـەتـكـە ئىـگـە بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىلىم - پەن دۇنياسىدا يېڭى زېمىن ئېچىـلغان، رادىئولوگىيە ۋە زەررىچە فىزىكىسى بارلىققا كېلىپ، فىزىكا مـاكـرو دۇنيادىن مىكرو دۇنياغا كىرىپ، ئارقىدىنلا ئىلىم - پەندىكى بىر قاتار يـېـڭـى بايقاشلار بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، ئالىم رۇزېرفورد ماددىلارنى رادىيدىن چىققـان α زەررىچىنى «بومبا» قىلىپ بومباردىمان قىلىش ئارقىلىـق،ئاتـوم تۈزۈلۈشىنىڭ مۇرەككەپلىكى قاتارلىقلارنى ئىسپاتلىدى. كـىـشـىـلـەردىـكـى ئەنئەنىۋى قاراش تۈگەپ، ئۇنىڭ ئورنىنـى ئاتـوم پـارچـىـلـىـنىـدۇ، مـاددا ئۆزگىرىدۇ دېگەن ئىلمىي قاراش ئالدى.
كيۇرى خانىم غايەت زور مۇكاپات سوممىسىـنـى ئىـلـمـىـي تـەجـرىـبـىگە، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلـەتـكەن. ئۇ رادىينى ئايرىش ئۇسۇلىنى قىلچە ئايىماي ئاشكـارىلىغان ۋە زور بايلىق ئۈچۈن پاتېنت ئىلتىماس قىلمىغان، ئۇ: «رادىي بىرەر ئادەمنى بېيىتماسلىقى، كۆپچىلىككە مەنسۇپ بولۇشى لازىم» دېگەن.1906
- يىلى پىئېر كيۇرى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلـغان بولسىمۇ، كيۇرى خانىم خىزمىتىنى زور ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ داۋاملاشتۇرغان.1910 - يىلـى يەنە مېتال ھالىتىدىكى ساپ رادىينى ئايرىپ چىقىپ، ئۇنىـڭ تـۈرلـۈك خىمىيىۋى، فىزىكىۋى خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىققان، ئۇ يـەنـە رادون ۋە باشقا نۇرغۇن ئېلېمېنتلارنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، مۇشۇ ئاساستا رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنتلارنـىـڭ يـىـمـىـرىلىـش مۇناسىۋىتىنى رەتلەپ چىققان. كيۇرى خانىم پولونىي، رادىينى بايقىغانلىقـى ۋە ساپ رادىينى ئايرىپ چىققانلىقى ئۈچۈن،1911 - يىلـى يـەنـە نـوبېـل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، دۇنيا بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئىككـى قـېـتـىـم ئېرىشكەن تۇنجى ئادەم بولۇپ قالغان. كيۇرى خانىم رادىئاكتىپلىق خىزمـىـتـى بىلەن ئۇزاق مۇددەت شۇغۇللانغاچقا، بەختكە قارشى يامان سۈپەتلـىـك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ،1934 - يىل7 - ئاينىڭ4 - كۈنى ئالـەمـدىـن ئۆتكەن