UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرليۇكسېمبۇرگ

ليۇكسېمبۇرگ

مەشھۇر شەخسلەر لېنىننىڭ مۇنداق بىر جۈملە ھېكمەتلىك سۆزى بار: «بۈركۈت بەزىدە توخۇدىنمۇ پەس ئۇچىدۇ، ئەمما توخۇ مەڭگۈ بۈركۈتتەك ئېگىز ئۇچالمايدۇ.» لېنىن تەرىپىدىن ئاسماننىڭ قەرىدە پەرۋاز قىلىدىغان قىران بۈركۈتكە ئوخشىتىلغان بۇ ئايال پولشا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى،2 - ئىنتېرناتسىئونال سولچىلىرىنىڭ داھىيسى ليۇكسېمبۇرگدۇر. ئۇ1871 - يىل3 - ئاينىڭ5 - كۈنى پولشادىكى بىر يەھۇدىي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدە ۋىجىك، ئاغرىقچان، سەل ئاقساپ ماڭىدىغان بالا بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئىرادىلىك، ئەقىللىق، تىرىشچان ئىدى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، ۋارشاۋا2 - قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى تەرىپىدىن «ئەڭ ئىستىداتلىق، ئەڭ قابىلىيەتلىك ئوقۇغۇچى» دەپ ئاتالغان، ئەمما ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان چاغدا، ئىدىيىسى بەك ئازاد، مەكتەپ مۇدىرىغا قارشى چىققان، دېگەن سەۋەب بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشەلمىگەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىنقىلاب يولىغا ماڭغان.1889 - يىلى ساقچىلارنىڭ قولغا ئېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شۋېتسارىيىگە قېچىپ بېرىپ، سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ھەمدە تەدرىجىي مۇستەھكەم ماركسىزمچى بولۇپ يېتىشىپ چىققان.1893 - يىلى، ئۇ پولشادىكى تۇنجى پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيىسى − سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغان.1897 - يىلى يالغاندىن توي قىلىپ، رەسمىي گېرمانىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ھەمدە بېرلىنغا كۆچۈپ كېلىپ، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇ دائىم ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، گېرمانىيىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ، مول بىلىمى، تەسىرلىك نۇتۇقلىرى، ئۆتكۈر ئىدىيىلىك ماقالىلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان. بېرنىشتېيىن ماركسىزمنى ئومۇميۈزلۈك «تۈزىتىش»نى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۇ ھەممىدىن ئاۋۋال كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بېرنىشتېيىنىزمنى سىستېمىلىق تەنقىد قىلغان، لېنىن ئۇنى «ھەقىقىي ئىنقىلابىي پرولېتارىيات ماركسىزمىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى» دەپ تەرىپلىگەن.1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا ۋە سوتسىيال شوۋىنىزمغا قەتئىي قارشى تۇرغان.2 - ئىنتېرناتسىئونال شتۇتگارت قۇرۇلتىيىدا، ئۇ لېنىن بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەشھۇر لېنىن، ليۇكسېمبۇرگ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەت پرولېتارلىرىغا توغرا لۇشيەن تۈزۈپ بەرگەن. ئۇ بىرنەچچە قېتىم تۈرمىگە تاشلىنىپ، پۈتۈن بەدىنى ئېغىر زەخىملەندۈرۈلگەن بولسىمۇ، ھەرقانداق كۈرەش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويمىغان. دۈشمەننىڭ سوتخانىسى ئۇنىڭ ئىنقىلاب قائىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان مۇنبىرى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئاقلاش سۆزلىرى كىشىلەر تەرىپىدىن ئېغىزدىن - ئېغىزغا تارالغان. ئۇ قاراڭغۇ، زەي، پىت - بۈرگە بېسىپ كەتكەن زىنداندا »يۇنئۇسنىڭ كىتابچىسى«، »تۈرمىدىكى خەت - چەكلەر« قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازغان.1918 - يىلىدىكى گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابىدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ شۇ كۈنىلا كوچىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە قاتناشقان، كېيىن يەنە سولچى تەشكىلات − «سپارتاكچىلار ئىتتىپاقى»نى تەشكىللەپ، يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلاب دولقۇنى ئالدىدا، «كاپىتالىزمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» شوئارىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويغان.12 - ئاينىڭ30 - كۈنى، يەنە لېبكنېخت قاتارلىق ئىنقىلابچىلار بىلەن بىللە گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغان. ئېبېرت ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى1919 - يىلى1 - ئايدا پارتلىغان كۈرەشنى باستۇرغاندىن كېيىن،1 - ئاينىڭ15 - كۈنى ليۇكسېمبۇرگ، لېبكنېخت قاتارلىق ئىنقىلابچىلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى سوراق قىلا - قىلمايلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ليۇكسېمبۇرگنىڭ جەسىتى سىم بىلەن باغلىنىپ، لانۋېر قانىلىغا تاشلىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ جەسىتى5 - ئاينىڭ31 - كۈنى سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىققاندىن كېيىن سۈزۈۋېلىنىپ، بېرلىنغا دەپنە قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر