جۇ شى
مەشھۇر شەخسلەر
بارلىق جانلىقلارنىڭ، ئىنسانلارغا ئوخشاش، ئاتا - ئانىسى، مومىسـى - بـوۋىسى، ئۇلۇغ بوۋىسى - ئۇلۇغ مومىسى بولىدۇ. بىراق، پاراسەتلىك تەجرىبە بىئولوگى جۇ شى (1900 −1962 ) ئۆزگىچە يول تۇتۇپ، دۇنيا بويىـچـە بـوۋىسى يوق تۇنجى پاقىنى يېتىشتۈرۈپ دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى.
جۇ شى جېجياڭنىڭ لىنخەي دېگەن يېرىدىن.1919 - يىلى ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە،4 - ماي ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپتىن ھەيدەلگەن.1920 - يىلى فرانسىيىگە بېرىپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇپ،1930 - يىلى دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىـشكەن. جـۇ شـى فرانسىيىدىكى مەزگىلدە، پروفېسسور بادرونغا ئەگىشىپ تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولغان، پروفېسسور بادرون دۇنيا بويىچە تۇنجى »ئاتىسى يوق پاقـا« نـى يېتىشتۈرگەن مەشھۇر ئالىم. جۇ شى بادروننىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئوقۇغۇچىسى ۋە ياردەمچىسى بولغاچقا، فرانسىيىدە بادروننى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسـى جۇ شىنى بىلىدۇ.
جۇ شى1932 - يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيـىـن بـولۇپ، جۇڭسەن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېيپىڭ جۇڭگو قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتـى قـاتارلىق مەكتەپلەردە پروفېسسور بولىدۇ،1937 - يىلى شاڭخەي جانلىقلار تەتقىقات ئورنىنى قۇرىدۇ. جۇ شى پۈتۈن ئۆمرىدە تەجرىبە گېنېتىكىسى تەتقىقاتى بىلەن40 يىلغا يېقىن شۇغۇللىنىدۇ، ئاساسەن، ھايۋانلارنىڭ كۆپـىـيـىـش ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشى، ئۇرۇقلىنىشى ۋە بۆلۈنۈشى قاتارلىق يېتىـلـىـش جەريانىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش ۋە تاشقـى شەرتنـىـڭ تەسىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. ئۇ ئىلگىرى ھايـۋانـلارنـىـڭ تاق جىنسلىق كۆپىيىشى مەسىلىسىنى ئۇزاق مۇددەت تەتقىق قىلىپ، يالغـۇز ئوسموتىك بېسىمنىڭ بەدەندىن ئايرىلغان پاقا تۇخۇمىنى يېتىـلدۈرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بەدەن سىرتىدا يېتىلگەن تۇخۇم، بـەدەن ئىچىدىكى تۇخۇمغا ئوخشاش، مۇۋاپىق غىدىقلانغاندىن كېيىن، يېتىلگەن تـەن بولۇپ يېتىلىدۇ، تېخى ئۇنى ئۇرۇقلاندۇرۇشنىڭ ھاجىتىمۇ بولمايدۇ. ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشىنى سۈنئىي كونترول قىلىش ئارقىلىق يېتىلـگـەن ھايـۋانلارمۇ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. جۇ شى بۇ ئەپچىل ئۇسۇللاردىن پايدىلـىنىپ، ئاخىرى، دۇنيا بويىچە تۇنجى «بوۋىسى يوق پاقا» نى يېتىلدۈرىدۇ.
جۇ شى يەنە ھىندىستاندىكى بىر خىل يېرىم ياۋايى پىلە قۇرتىنـى ئېـلـىمىزگە كەلتۈرۈپ كۆندۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقلىم شارائىتىغا ماسلاشقان ئابدىمىلىك پىلە قۇرتى قىلىپ يېتىلدۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتكە ئومۇملاشـتـۇرىـدۇ. ئۇ يېڭىچە تۇغۇتنى تېزلىتىش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، بېلىجـانـنـى كۆپلەپ كۆپەيتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ ھەم جايلاردىكى بېلىقچـىلارنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئۆي بېلىقلىرىنى سۈنئىي كۆپەيتىـشنىڭ بىر يۈرۈش ئۇسۇللىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيـاتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشىدۇ.