سۇڭ يىڭشىڭ
مەشھۇر شەخسلەر
17 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىدا جۇڭگونىڭ «كۈللى مۆجىزات» دېگـەن كىتابى غەرب ئەللىرىگە تارالغاندىن كېيىن، يـاۋروپـالـىـقلار ھەيـران قېلىپ، ئۇنى «جۇڭگونىڭ17 - ئەسىردىكى تېخنولوگىيە قامۇسى» دەپ ئاتاشقان. بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مـەشـھـۇر ئالـىـم سۇڭ يىڭشىڭ (1587 −1661 ) دۇر.
سۇڭ يىڭشىڭ جياڭسۇنىڭ فېڭشىن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان،28 يېشىدا جۈرېن (تەشرىپدار) لىككە ئۆتكەن،47 يېشىدا جياڭشىنىڭ فېنيى ناھىيىسىدە مائارىپقا مەسئۇل مەنسەپدار بولۇپ، «كۈللى مۆجىزات» نى يېزىشقا تـۇتـۇش قىلىپ، ئۈچ يىلدا تـاماملىغان. كېيىن فۇجيەن، ئەنخۇيلاردا كىچىك مەنسەپدار بولغان،1644 - يىلى مىڭ سۇلالىسى يوقالغاندىن كېيىن، مەنسەپنى تاشلاپ يۇرتىغا قايتىپ، ئىستىقامەتتە بولغان.
جۇڭگونىڭ فېئوداللىق جەمئىيىتىدە ئەل ئىچىـدىـكـى ھۈنـەر - سـەنئەت «ئەرزىمەس ھۈنەر» دەپ قارىلاتتى، ئادەتتە ئوقۇمۇشلۇقلار كۆزگە ئىلمايتتى، سۇڭ يىڭشىڭ بۇنى ئەمـگـەكـچـى خـەلـق ئىـجـاد قىلغان قىممەتلىك بايلىـق دەپ قـاراپ، ئۇلارنـى بـىـر - بـىـرلـەپ «كـۈللـى مۆجىزات» قا خاتىرىلـەيـدۇ، بـۇ جـۇڭـگـونـىـڭ قـەدىـمـكـى پـەن - تېخنىكىسىغا دائىر مەشھۇر ئەسەر بولۇپ قالىدۇ. غەربتە بۇ كىتاب «جۇڭخـۇا ئىمپېرىيىسىنىڭ قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى سانائىتى» دېگەن نـام بـىـلـەن تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.
«كۈللى مۆجىزات» تا خاتىرىلەنگەن شال مايسىسى يىلتىزىغـا سـۆڭـەك كۈلى بېرىش ئېلىمىزدە فوسفورلۇق ئوغۇت ئىـشلـىتـىلگـەنـلـىـك توغرىسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرە؛ ئوخشاش بولمىغان پىلە قۇرتلىـرىـنـى چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان «جاجۇڭ سورتى» ئېلىمـىزدە شالغۇتلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، پىلە سورتىنى ياخشىلاشـتـىـكى ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرە؛ كىتابتا خاتىرىلەنگەن نازۇك ۋە مـۇرەكـكـەپ كـەشـتـە ماشىنىسى ئەينى چاغدا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ماشىنا؛ ئۇنىڭدا خاتىـرىـلـەنـگـەن سىنك تاۋلاش تېخنىكىسىمۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن ھېسابلىنىدۇ.